باش بەت

نۇسرەتگۈل

7696يوللانما
109مەستانە

كونا زاۋۇتنى سېتىۋالغان ئامېرىكىلىق سودىگەر يەر ئاستى ئۆيىدىن نۇرغۇن نەق پۇل بايقىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 10:35 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.» بىراق، ئامېرىكىلىق بىر سودىگەرگە مۇشۇنداق ئامەت كەلگەن. ئۇنىڭ سودا قىلىۋاتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، سودىسى بارغانسېرى راۋاجلانغانلىقتىن ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ بىر كونا زاۋۇتنى سېتىۋېلىپ ئامبار قىلماقچى بولغان. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن زاۋۇت ئۆيلىرىنى تازىلاش جەريانىدا تاساددىپىي ھالدا يەر ئاستى ئۆيىدىن بىرى بارلىقىنى بايقاپ قالغان. سۈرەتتە، زاۋۇتنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە تۇتىشىدىغان ئېغىزى.

بۇ سودىگەر زاۋۇت ئىگىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەر ئاستى ئۆيى بارلىقىنى ئېيتمىغانلىقىدىن ئۇنىڭمۇ بۇنداق ئۆي بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان. بىراق، ئۇنى ئەڭ بەك ھەيران قالدۇرغىنى يەر ئاستى ئۆيى ئەمەس، بەلكى يەر ئاستى ئۆيىگە قويۇلغان نەرسە بولغان.

ئۇ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن خالتىلارغا قاچىلاپ تىزىۋېتىلگەن پۇللارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپلا قالغان ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساقچىغا مەلۇم قىلغان. سۈرەتتە، بىر ساقچى پۇللارنى تەكشۈرمەكتە.

بىراق، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن پۇل بايقىغاندىن باشقا، يەنە زەھەرلىك چېكىملىك ياساش ئەسۋابلىرىنىمۇ بايقىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ بىر زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرى يىغىلىدىغان جاي. سۈرەتتە، يەر ئاستى ئۆيىدىن بايقالغان پۇللار.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىپالق يامغۇر4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ پۇل زادى قانچە پۇل بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

  • زەھەر4 ئاي ئىلگىرى

    نوزى يو بىڭ ، ھەي مەن بولغان بولسام

  • باھار4 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭچە بەك توغرا قىپتۇ.بولمىسا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالاتتى.

  • ئىلتىماس4 ئاي ئىلگىرى

    بايۋەتچىنەڭ پىكرىنى قوللايمەن 30 ھەرىپ توشتىما

  • بايۋەتچە4 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق ھارام پۇللارنى چوقۇم ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىش كىرەك بۇنداق پۇل ئادەمگە سىڭمەيدۇ ئالتۇن تىپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق كىرەك بۇ ئادەمنىڭ كاللىسى بەك ئىشلەيدىكەن مەن قول قويدۇم بىيىغان ياخشى ئۆز رىسقىغا شۈكۈر قىلىپ

  • keram4 ئاي ئىلگىرى

    كەلگەن ئامەتنى قولدىن بىرىپ قويۇپتۇ،دەلتە

  • ئوسال4 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ مۇ ئىچىم ئاغرىدى ما پۇللىغا

  • قارا كۆز4 ئاي ئىلگىرى

    پۇلنى پاك پاكىز ئەپچىكىتىپ ئازگالنى تۈندۈرۋەتكەن بۇلسىمۇ بۇپتىكەن،ئىسىت نەچچە مىليۈن دۇللاردىن قۇرۇق قاپتۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号