باش بەت

durdana

1055يوللانما
55مەستانە

تاماشا ساھەسىدىكى نامدار ياخشى كېلىن چولپانلار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 11:24 20 ئىنكاس چۈشتى

جاۋ ۋېينىڭ قېينئاتىسى 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، جاۋ ۋېينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تولۇق يىغىلغاندىن سىرت يەنە خەن خوڭ، جوڭ جېنتاۋ، شاۋ ۋېنجيې، سۈن خاۋ، ماۋ نىڭ، ۋاڭ جېڭلياڭ قاتارلىق نۇرغۇن چولپانلار كېلىپ تەبرىكلىگەن. جاۋ ۋېي ۋاپادارلىقىنى بۇ سورۇندا شۇنچىلىك نامايەن قىلىپ، تاماشا چەمبىرىكىدە «جۇڭگو ياخشى كېلىنى» دەپ ئاتالغان.

تاماشا ساھەسىدە ئەمەس كىشىلەر چوڭ ئەسنىڭ قېينئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشەنچلىك گەپ ئەمەس، چوڭ ئەس دائىم قېيىنئانىسى بىلەن سورۇنلارغا بىللە بارىدىغان بولۇپ، دائىم قېيىنئانىسىغا نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىدىكەن، شۇنداقلا ياخشى كېلىن ھېسابلىنىدىكەن.

كۈن لىڭ، جوۋ جيېلۈنگە ياتلىق بولغاندىن كېين ئۇنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، گەرچە كۈن لىڭنىڭ يېشى جوۋ جيېلۈندىن خېلىلا كىچىك بولسىمۇ، لېكىن قېيىنئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ئۇستا. دائىم قېيىنئانىسىغا ھەمراھ بولىدۇ، قىزىغا ئوخشاش ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.

لى شياۋلۇ، مۇھەببەت ۋە خىزمەتتە تەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان لى شىياۋلۇنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق ياخشى، لى شياۋلۇ قېيىنئانىسىغا ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ، قىزىغىمۇ ياخشى ئۈلگە بولىۋاتىدۇ.

جيا جىڭۋېن، ئۇمۇ تاماشا چەمبىرىكىدە نامى چىققان ياخشى كېلىن، مەيلى بالىغا بولمىسۇن ياكى يولدىشىغا بولمىسۇن ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتىدە دوستلىرى ۋە مەستانىلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

يى نېڭجىڭ، مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىدا يى نېڭجىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قانداق ۋاپادار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولغان، ئۇ ياخشى ئانا، ياخشى ئايال بولۇپ، توي قىلغاندا ئۇنىڭ قېيىنئاتىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كېلىن دەپ ماختىغان.

ۋاڭ يەننىڭ زەردار ئائىلىگە ياتلىق بولۇشى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، ياشقا چوڭ قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن، بۈزرۈكۋارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكمۇ ئوڭاي ئەمەستە. ئۇ قېيىنئانىسىنىڭ بەك ئىززىتىنى قىلىدىكەن. بەزىدە ئېرى ئانىسىغا سەل قاتتىقراق گەپ قىلىپ سالسا، ئۇ دەرھال ئەسكەرتىپ: «يېشى شۇنچە چوڭلاپ قالغان تۇرسا، ئۇنىڭغا يول قويۇڭە، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى قىلىپ بېرەيلى» دەيدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈلسەنەم4 ئاي ئىلگىرى

    شۇنى دىمەمسىز قىز بالا ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ شۇ ئۆيگە كىرىپ ياخشى بولاي دىسىمۇ ياخشى بولۇپ بولالمايدىكەن شۇنچىلىك قىلسىمۇبىرسى دىمىسە بىرسى دەيدىكەن ئۇنى قىلمىدى بۇنى قىلمىدى دەپ

  • سەلتەنەت4 ئاي ئىلگىرى

    تىمتاس دىگەن تورداش ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ
    خوتۇن ۋەسۋەسدىكى گو ئىمجىنىڭ قىينئانىسىدەك ئارچانىڭ تويىدىكى ئارچانانىڭ قىينىئاپىسىدەك قىينئانىلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ ھازىر يالغۇز كىلىندە ئەمەس قىينىئاپا بولغۇچىلاردىمۇ با تەڭ با ئىككىلا تەرەپتە بىر تەرەپكە ئارتىپ قويغىلى بولمايدۇ

  • نازىنىن4 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ قېينى ئانامگا بەك ئامراق لىكىن مەن سەل ھورۇن شۇتەرپىم ئۇزۇمنىمۇ خىجىل قىلىپ قويىدۇ داىم مىجەزىم يوك بوپقالىدۇ شۇنداك ۋاكىتلادا

  • تىمتاس4 ئاي ئىلگىرى

    كاللاڭلانى ئىشلىتىڭلا ھاماقەت كىلىنلە، قىنىئاناڭلا بىلەن چىقىشامماسلىقتى مەسلىنى قايسىڭلا ئويلاپ باقتىڭلا، قېينىئانام ئەسكى دىيىشنىلا بىلىسلە، بۇ يەدە مۇنداق 3مەسلە بار، 1-سىز كىلىن بوپ كىرگەندە قىينىئانىڭىز كىلماكتىريە دەۋرىدە بۇلىشى مۇمىكىن، بىراق سىزنىڭ تازا ياشلىقىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلىڭىز، ئىككىڭلا تەتۇر تاناسىپ، كىلماكتىريە دەۋرىنىڭ قانداق بولدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، 2-ھەممە ئادەم قىلغان ئەجىرگە چۈشلۇق مىۋىگە ئىرشىشنى ئويلايدۇ، ئۇلا بىر ئۇغۇلغا يىگىرمە نەچچە يىل ئەجىر قىلدى ، سىز بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل خىزمەت قىپ قۇيۇپ، قاخشىغان يەدە ئۇلا 20نەچچە يىل تاتقان جاپاسنى ئويلايدۇ، 3- ئۇلا قىرىشقا قاراپ ماڭغاندا باشقىلانىڭ كۇينىشگە ، ھەمراھ بۇلشىغا مۇھتاج، بۇلۇپمۇ باللىرنىڭ، بۇ ۋاقىتتا ئىرىڭىز بولغان ئادەم ھۈجرىدىن چىقماي ياتسا قىنئانىڭىز ئەلۋەتتە سىزدىن كۆردۇ، شۇڭا ئانىنى ئوغلىدىن ئايرىۋەتمەسلىك كىرەك، پات پات ئانىسغا ھەمراھ بۇلۇشنى تەكىتلەپ تۇرۇش، ئوغلىنىڭ كۆڭلىدە ئانىسنىڭمۇ بارلىقنى ھىس قىلدۇرۇش لازىم، ھە دىگەندە قىنئانا بىلەن تەڭ تۇرماسلىق، سىز دىگەن بالا، گەرچە كىلىن بولسىڭىزمۇ، ئۇ سىزنىڭ قىنىئانىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ ،ئۇلا دىگەن چوڭلا، بىزدە چۆڭلانى ھۆرمەتلەش ئىسىل ئەنئەنىسى با، بۇنى بىلىش لازىم

  • ئوتكۈر4 ئاي ئىلگىرى

    كىلىنلەر ھۇرۇن قېينائانىلار تەكەببۇر بۇلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە كىرزىسلار كوپ ھۇرۇن كىلىنلەر تەكەببۇر قېينىئانىلاردىن كوپ ئانىسىغا ۋاپاسىز يىراق تۇرۇڭلار كىلىنلەر

  • flower4 ئاي ئىلگىرى

    ياڭ يىڭ يوقمۇ؟ مەنچە ياڭ يىڭمۇ ياخشى كىلىن بۇلالايدۇ.❤️❤️❤️❤️

  • سەھەر4 ئاي ئىلگىرى

    تېمتاس ھەر ئەسكى قېينئاپىلار بار ،شۇنداقلا ھەر ئەسكى كېلىنلارمۇ بار ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ خەقنىڭ ئاغزىنى يىرتقىلى بولمايدۇ ،قېنئاپا كېلىن جېدىلىدە گۇناھ پالانى تەرەپتە دېگىلى بولمايدۇ ،ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ …

  • ئىنتىزار4 ئاي ئىلگىرى

    تىمتاس سىزنىڭچە ھەممە قىينئانىلار بىربىرىگە ئوخشامدۇ ؟قايسى كىلىننىڭ قىيىنئانىسىغا قانچىلىك خىزمەت قىلدىغىنىنى سىز بىلەمسىز؟ئەلۋەتتە مىنىڭ دىمەكچى بوغىنىم ھەممە كىلىن ئوخشاش ئەمەس ،ياخشىسىمۇ با ،ناچىرىمۇ با ،خۇددى بىر قولدىكى بەش بارماق تەڭ بولمىغىنىغا ئوخشاش ، شۇڭا ھاياجىنىڭىزنى بىسۋىلىپ ھەممە ئادەمنى ئوخشاش بىرتاياقتا ھەيدىمەڭ .(مەن قىيىنئانامغا ئامراق ،قىيىنئانام مىنى ئۆز قىزىدەك كۆرىدۇ ،ئىنكاسىمنى ماڭا باغلىۋالماي تەھلىل قىلاسىلە )

  • تىمتاس4 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ قىينائانىسدىن زارلاۋاتقانلانى كۆسەم ئاغزىنى يىرتىۋەتكىم كىلىدۇ، سىز قانچىلىك خىزمەت قىپ كەتتىڭىز، داۋراڭ سېلىپ مىننەت قىلغىدەك، ئىرىڭىز ئاتا ئانسى ئالدىدا گىپىڭىزنى قىلىپ ئابرويىڭىزنى كۆتۇرۇش كىرەككەن، ئۇنداقتا بالنىنى سىز بىقىپ چوڭ قىلغانمۇ ، قىينئانىڭىزمۇ ، ھازىرقى كىلىنلەنىڭ ئاغزى ئالدىدا، ئىشى كەينىدە ، بىر قازان ئاش ئىتىپ قويسا مەن مانچە جاننىڭ تامىقنى ئەتتىم دەپ قاقشايدۇ، قۇلى ئانىسنىڭ ئۆيدە قىپ قالغان بولغاچقا ئىش خوشياقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەرنىڭ گىپى ئاتا ئانىنىڭ ئالدىدىمۇ ، ئايالنىڭ ئالدىدىمۇ ئۆتمەس بوپ قالدۇ،

  • باھار4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى قىينا ئانىلار كۆرگەن بولسا.كىلىننى رازى قىلماقنىڭ تەسلىكىنى سۆزلەپ بەتنى توشقۇزۇۋېتەتتى.ھەممىڭلار قېيىنانا بولغاندا بىلىسىلەر.مېنىڭ قېينانامغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ.1 ئوغۇلنى تۇغۇپ ، ئارزۇلاپ بېقىپ،25 ياشقا كىرگەندەماڭا قوش قوللاپ بەردى.بالىلارنى باقماقنىڭ جاپاسىنى سۆزلەيمىز.ھازىرقى قىيىن ئانىلار بىزدىنمۇ بەكرەك جاپادا چوڭ قىلغان.ئۇلار شۇنداق جاپادا چوڭ قىلغان بالىلىرىدىن ۋە بالىسىنىڭ ئاىلىسىدىن بىزگە ئارتۇق ھېسابلانغان ياخشىلىقنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق.قېيىن ئانىڭىز ھەقىقەتەن ساپاسىز بولسىمۇ ئۇ بىر ئانا.دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.مېنىڭ يولدىشىم يوق.2 ئوغلۇم بار.قېيىن ئانام ئازراقمۇ بېقىشىپ بەرمىدى.ئەمما مەن يەنىلا قېينانامنى ياخشى كۆرىمەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号