باش بەت

durdana

542يوللانما
2مەستانە

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» بىلەن تەڭ پىشىپ يېتىلگەن ئارتىس--مىچىل رودرىگىز

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 12:03 12 ئىنكاس چۈشتى

مىچىل رودرىگىز «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» تا لېيدىنىڭ رولىنى ئېلىپ تونۇلغان. مىچىل رودرىگىز 1978-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. 2001-يىلى ئۇ «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات1» دە رول ئالغان.

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات1»دە ئۇ تەنناز، ياۋا تەبىئەتلىك لېيدىنىڭ رولىنى ئالغان. 2002-يىلى ئۇ《Maxim》ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ تەنناز 100 ئايالنىڭ قاتارىدا 34-بولۇپ باھالانغان.

مىچىل «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات1» دە ئەر پېرسوناژنى كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

مىچىل بىلەن ۋىن دېسىل(دومىنىك رولىدا) «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات4» دە. 2009-يىلى فىلىمنىڭ 4-بۆلۈمى قويۇلغاندىن كېيىن ئۇ 1-بۆلۈمدىكىدەك ياش، جەزبىدار ھالەتتە نامايەن بولمىغان. 22 ياشتىن 30 ياشقا كېلىپ قالغاچقا قىياپىتىدە خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان.

مىچىل «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسيات6» دە. فىلىم 2013-يىلى قويۇلغان.

مىچىل بىلەن ۋىن دېسىل «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات6» دە، ئىككەيلەن 1-بۆلۈمگە سېلىشتۇرغاندا تەققى-تۇرقىدا خېلىلا ئۆزگىرىش بولغان، پىشىپ يېتىلگەندەك كۆرۈنگەن.

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات7» 2015-يىلى قويۇلغان.

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات7» دە، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىپ تارانغاندىن كېيىن خېلىلا ياش كۆرۈنگەن.

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات8» 2017-يىلى 4-ئايدا قويۇلغان.

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات8» دە سىز تەپسىلىي قارىمىسىڭىز 1-بۆلۈمىدىكى ئايال بىلەن ئىككىسىنىڭ بىر ئادەملىكىنى ئانچە بىلەلمەيسىز.

8-بۆلۈمدە بىر ئائىلە ئۈچ جان ئىناق-ئىجىل تۇرماقتا. ئەلۋەتتە لېيدى بالىنىڭ ئۆز ئاپىسى ئەمەس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • لەھەڭ6 كۈن ئىلگىرى

    لوسىت، ماڭا يالغان سۆزلىمەڭ دىگەن فىلىملەردە چىقىدۇ

  • شەبنەم6 كۈن ئىلگىرى

    بېلەت كىرىمى جەھەتتە ئاۋارتانىڭ ئالدىغا ھىچقانداق كىنو ئۈتۈپ باقمىدى ،سۈرئەت ۋە ھىسيات ياخشى بېلەت كىرىمى ياراتتى بوپمۇ جۇڭگۇدا

  • سەدەپ6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇ ئايال بەك چىرايلىقمۇ ئەمەسكەن ھەم بەدەن شەكلىمۇ بەك ئۆلچەملىك قىزلارغا خاس نازۇك ئەمەس بەلكى ئاياللارغا تولغان دەپ قويامدىمىز ئەمدى ھەم رولنىمۇ بەك ياخشى ئالمايدۇ رولغا كىرگەندىكى ھېسيات كەمچىلرەككەن ئەڭ بۇلىدىغان يېرى ئۆزىگە خاس خاسلىقى با…شەخسىي قاراش

  • روھان6 كۈن ئىلگىرى

    بېلەت كىرىمى بىرىنچىسى قايسى كىنو

  • ئەزىزە6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ قىز چىرايىلىق ئەمەس چىرايى، لېكىن بەدەن سىياقى بەك ئۆلچەملىك.. مۇھىمى رولنى بەك ياخشى ئالىدۇ قانداقلا كىنو بولسا... سۈرئەت ۋە ھېسياتتىن باشقا بىئو خېمىيە كىرزىسىسىنىڭمۇ ئۈچ بۈلۈمىدە چىقىدۇ، ئاۋاتاردىمۇ چىقىدۇ.. بۇ قىزغا ئادەم ۋىرايىغا قاراپ ئامراق بۇلۇپ قالمايدۇ بەلكى كىنولاردا ئالغان رولىغا قاراپ ئامراق بۇلۇپ قالىدۇ،، ئالغان روللىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئەركەكتەك گاڭ-گۇڭ.. ئىشقىلىپ بۇ قىز ھەركەتلىك فىلىملارغا بەك چۈشىدۇ.. روللارغا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالىدۇ

  • يەرشارى6 كۈن ئىلگىرى

    ئەي گومۇش ئپەندى سىز قارىغاندا راستىنلا گومۇش ئوخشايسىز سىز بۇكىنونىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئوخشايسىز سىز ئۇئايالنىڭ چىرايىغا قاراپلا سەت دېمەڭ سىز ئۇنىڭ كىنودىكى بىر ھەركىتىنىمۇ ئوڭلاپ دورىيالمايسىز قارىسام بۇ كىنو ھازىر تىتانىك ناملىق كىنودىن قالسىلاكىرىم جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ھەتتا شىنجاڭنىڭ بەزى مەكتەپلەردە بۇكىنونىڭ ناخشىسىنى بالىلارغا قويۇپ بېرىدۇ ئىشقىلىپ بۇ كىنو بەك داڭلىق مەنمۇ بەكلا ياختۇرىمەن بۇ كىنونى :

  • ئوغالبالا6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئايال ئاۋاتاردىمۇ رول ئالدىغۇ دەيمەن

  • تەنھا6 كۈن ئىلگىرى

    بەك قاپىقىنىڭ بىزى بادەك خوتۇن جۇمۇ بۇ ،

  • wwe6 كۈن ئىلگىرى

    زادى گومۇشكەن بۇ بۇ كىنونى پەقەت كۈرۈپ باقمىغان ئوخشايدۇ كۈلگەن چىراي

  • قارا قۇياش6 كۈن ئىلگىرى

    گومۇش ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق گەپ قىلدىكەنسىز بۇ كىنونى ئاڭلاپ باققانمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号