باش بەت

زورىگۈل

5565يوللانما
4مەستانە

ئۆچكىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئۆتۈپ ئوت-چۆپ يەپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 11:58 7 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جېنجياڭ ج خ ئىدارىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچى 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى 16-ئىيۇل مۇخبىرغا: «بۇ قېتىمقى ۋەقە ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بويىدىكى ئاھالىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش تەشۋىقاتى قىلدۇق» دېدى. 15-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بىر توپ ئۆچكە ئوت-چۆپ يېيىش ئۈچۈن ياڭجوۋ-لياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ لىجياڭ بۆلىكىگە كىرىپ يولدىن ماڭغان ئاپتوموبىللارغا ناھايىتى چوڭ خەتەر ئەكەلگەن. جېنجياڭ ج خ ئىدارىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچى 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تېزلىكتە ساقچى كۈچى چىقىرىپ قوغدىغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆچكىلەرنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن كەتكۈزۈۋېتىپ ۋاقتىدا خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغان. لېكىن بۇ ئىشتىن كېيىن ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىشتىن كۆپ ئىشلارنى بىلگىلى بولىدىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بويىدىكى ئاھالىلەرگە تەربىيە بەرگەن ۋە چارۋىلىرىغا ئوبدان قاراش، چارۋىلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا «قالايمىقان»چىلىق پەيدا قىلماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ساقچىلارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەمدىلا بىر قانچە ئۆچكىنى رىشاتكا سىرتىغا قوغلىۋېتىپ كېلىپ باشقا ئۆچكىلەرنى قوغلىماقچى بولغاندا سىرتتىكى ئۆچكىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا يەنە چىقىۋالغان. كېيىن ساقچىلار ناھايىتى تېزلا مەسىلىنىڭ يادروسىنى تاپقان. «بۇ ئۆچكىلەرنىڭ ھەممىسى سەركىگە ئەگەشكەنىكەن.» مەسىلىنىڭ يادروسىنى تاپقاندىن كېيىن بىر قانچە ئادەم قورشاپ بېرىپ شۇ «سەركە»گە ئاساسلىق ھۇجۇمنى باشلىغان.

قىسقىغىنا ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۆچكە ئىگىسىنىڭ ئەتراپتىكى ئاھالە ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئادەتتە ئۆچكىلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول رىشاتكىسىنىڭ سىرتىدىكى تاغ باغرىدا باقىدىكەن. شۇ كۈنى ئەتراپتىكى ئوت-چۆپلەرنى يەپ بولغانمۇ قانداق، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول رىشاتكىدا ئايرىلغان، ئىچىدىكى ئوت-چۆپلەر بىر قەدەر قويۇق ئۆسكەن بولغاچقا، سەركە يېيىشلىك ئوت-چۆپلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدا كېرەكسىز سۇ ئازگىلىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرگەن، باشقا ئۆچكىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • زىلال ئاي ئاۋات6 كۈن ئىلگىرى

    ھەئە مەن ئاقسۇ ئاۋاتلىق

  • زىلال ئاي ئاۋات6 كۈن ئىلگىرى

    ئۆچكىنىڭ ئىگىسىگە قاتناش ۋەقەسىدە يارىدار بولغانلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ لىكسىيە سۆزلەپ

  • رەڭۋاز6 كۈن ئىلگىرى

    سىزمۇ ئاۋاتتىنمۇ خۇشاللىقىم تورداش.

  • خۇشاللىقىم6 كۈن ئىلگىرى

    سىزمۇ ئاۋاتتىنما؟ چىن سۆيگۈ،نۇرداش

  • چىن سۇيگۇ6 كۈن ئىلگىرى

    زىلال ئاي سىز ئاۋاتلىقما

  • قادىكام1 ھەپتە ئىلگىرى

    قانداق قىلىپ ............،،،،،،،،،

  • زىلال ئاي ئاۋات1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئىشقا دوختۇرلار ئامال قىلالايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号