باش بەت

نۇسرەتگۈل

5304يوللانما
6مەستانە

قانداق ئادەملەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولالايدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 11:39 12 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى سىرتقا چىققاندا كىشىلەر ئۇلارغا دىققەت قىلغاندىن باشقا، يەنە ئەتراپىدىكى چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان، كاستيۇم كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان قوغدىغۇچىلارغىمۇ دىققەت قىلماي تۇرالمايدۇ. 

ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەت ئىدارىسىدىكىلەر زۇڭتۇڭلارنى قوغدايدىغان خىزمەتچى تەكلىپ قىلغاندا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدۇ: ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشى، ئائىلە نەسەبى پاك، بەدىنى ساغلام ۋە قاۋۇل، كۆزى روشەن، يېشى 37-27 ئارىلىقىدا، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى كاللىسىغا تاينىدىغان بولغاچقا، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ نورمال ئادەملەردىن يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىنىدۇ. 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىت چېكى بار. ۋاقىت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قوغدىغۇچىلار پەقەت نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭنىلا قوغدىسا بولاتتى. بىراق، خەلقئارادىكى تېررورىزىمنىڭ بارا-بارا كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكىلىقلار ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭنىلا قوغداشنىڭ تازا قاملاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قانۇن لاھىيەسىنى خەلقئارا ۋەزىيەتكە قاراپ يېڭىلىدى.

بىر قاتار قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن قوغدىغۇچىلىققا تاللانغان ئادەم ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەت ئىدارىسى تارقاتقان ئىزناك ۋە خىزمەتكە تەيىنلەش خېتىگە ئېرىشىدۇ. بىراق، رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈش ئۈچۈن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغانلار چوقۇم 20 كۈنلۈك مەشىققە قاتنىشىشى كېرەك. ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەت ئىدارىسىدىكىلەر ئۇلاردىن زۆرۈر بولغاندا تاغقا چىقالايدىغان، دېڭىزغا چۈشەلەيدىغان، جەڭگە كىرەلەيدىغان، مۇراسىملارغا قاتنىشالايدىغان، بومبا چۇۋىيالايدىغان، زەھەرلىك گازدىن مۇداپىيەلىنەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەشىقلەرنىمۇ ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدۇ. كېيىنكى كەسپىي ھاياتى جەريانىدا ئۇلار پايدىلىنىدىغان قوراللار ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىدۇ.

ئۇلارغا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ بىرىنچىسى ئەڭ ئاددىي. يەنى ئوق زۇڭتۇڭ بار تەرەپكە قاراپ ئېتىلغاندا قوغدىغۇچىلار بەدىنىنى قالقان قىلىشى كېرەك. بۇنداق ۋاقىتتا قوغدىغۇچىلارنىڭ گۇمپا بىلىش بىلمەسلىكىنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ، زۇڭتۇڭنى ھەرقانداق ئامال بىلەن قوغداپ قېلىش ئەڭ مۇھىم بولىدۇ.

زۇڭتۇڭلارنى قوغداش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى ۋە قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى، زۇڭتۇڭلۇق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلەرمۇ قوغدىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن زۇڭتۇڭلارمۇ بىر ئۆمۈر قوغدىلىدۇ. 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ، زۇڭتۇڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىغا ئاساسەن قوغدىغۇچىلارمۇ 4 تۈرگە بۆلۈنىدۇ: يىراق مۇساپىلىك كۆزىتىدىغان ھەمدە زۇڭتۇڭنىڭ يۈرۈش يولىدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان «ئارقا سەپتىكى قوغدىغۇچىلار»، زۇڭتۇڭنىڭ ئىشخانىسى، تۇرالغۇسىنىڭ يېقىن ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان «دېرىزە ئاستىدىكى قوغدىغۇچىلار».

بوشلۇق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى سىرتقا چىققاندا قانداق ھالەت شەكىللەندۈرۈلىدۇ؟ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى سىرتقا چىققاندا قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇر بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىقىپ زۇڭتۇڭنى ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ. زۇڭتۇڭ باشقا دۆلەتكە زىيارەتكە بارغاندا دېڭىز ئارقىلىق مېڭىشقا توغرا كەلسە چوڭ بولغاندا ئاۋىياماتكا، كىچىك بولغاندا نەچچە 10 سۇ ئۈستى پاراخوتى قوغدايدۇ؛ قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ماڭغاندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى «قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 1-نومۇر» دەپ ئاتىلىدىغان كادىلاك ماركىلىق مەخسۇس ماشىنىغا ئولتۇرىدۇ.

زال ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا «پەلەمپەي قوغدىغۇچىلىرى» بىلەن زۇڭتۇڭنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان «يېقىن قوغدىغۇچىلار» مەسئۇل بولىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى مۇشۇنداق قاتتىق ۋە ئىلمىي ئۆلچەم بويىچە ئايرىغاندا كۆپ ۋاقىتلاردا ناھايىتى بىخەتەر بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە يۇقىرى ماھارەتلىك شەخسلەردىن باشقا، يەنە ئىلغار تېخنىكا بىلەن ياسالغان ئۈسكۈنىلەرمۇ زۇڭتۇڭلارنى قوغداشقا كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينايدۇ.

بىراق، بىلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا 12 كادىلاك بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئادەتتىكى ئادەملەر زۇڭتۇڭنىڭ زادى قايسى ماشىنىغا ئولتۇرغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئادەتتە ئۆزگەرتىلگەن لىنكولىن ماركىلىق ماشىنىدا ئولتۇرىدۇ. بۇ ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى ئېغىر تىپلىق تانكىلار بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ چاقى، دېرىزە ئەينىكى، گەۋدىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قېلىن ئوق ئۆتمەس تاختا ئورنىتىلغان، زۇڭتۇڭ ئولتۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئۈستىگە ئوت ئۆتمەس ئەينەك سەپلەنگەن بولۇپ، ماشىنىنىڭ ئۈستىنىمۇ ئاچقىلى بولىدۇ ھەمدە ئېچىپ بولغاندىن كېيىن كۆيۈشتىن مۇداپىيەلىنىدىغان بىر قەۋەت ئېتىلېن تاختا يېپىپ قويۇلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئادەملەر توپى ئارىسىدا يۈرگەندە 3 قەۋەت قوغدىلىدۇ. 1-قەۋىتىدە ناھايىتى قاۋۇل بىر نەچچە يېقىن قوغدىغۇچى تۇرىدۇ. نەزىرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قوغدىغۇچىلارنىڭ چامباشچىلىق ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولىدۇ. بىراق، ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەت ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى ئۇلارنىڭ مۇشتلىشالايدىغان بولۇشى ئەمەس.

قوغداشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ماشىنا ئىچىگىمۇ قوغدىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. قوغدىغۇچىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن زۇڭتۇڭ ئولتۇرىدىغان ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىكى سوقۇلۇشتىن ساقلىغۇچنىڭ ئورنى ئادەتتىكى ماشىنىلاردىن پەس قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. زۇڭتۇڭ ئولتۇرىدىغان ماشىنىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ئورنى بىلەن شوپۇرنىڭ ئورنى ئايرىلغان، زۇڭتۇڭ ئولتۇرىغان بۆلمە چوڭراق قىلىنىپ، قاتلىغىلى بولىدىغان 3 ئورۇندۇق سەپلەنگەن بولىدۇ. بۇ 3 ئورۇندۇقنى ئاچقاندا 6 كىشىلىك ئورۇنغا ئايلىنىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئورۇندۇقلارنىڭ ئېچىلىش يۆنىلىشى ھەرگىز زۇڭتۇڭغا قارىتىلمايدۇ، بەلكى ماشىنىنىڭ ئارقا ئەينىكىگە ئۇدۇللىنىدۇ. بۇنداق لاھىيەلىنىش ئېھتىمال ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ھەر قېتىم سىرتقا چىقسا مۇشۇنداق بىر توپ ئادەم بىلەن چىقىدۇ، راستىنلا بەك ئاۋارىچىلىق. زۇڭتۇڭلار سىرتقا چىققاندا چوڭ تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلاندىنلا بىر نەچچىسى ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدا ئېلىپ مېڭىلىدىغان ئادەم ۋە لازىمەتلىكلەرنىڭ مىقدارى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق بىر دۆلەتكە زىيارەتكە بارغاندا ئاز دېگەندىمۇ 2-1 مېھمانخانىنى كۆتۈرەگە ئالىدۇ، 100، ھەتتا 1000دىن ئارتۇق ياتاق ئىشلىتىدۇ.

زۇڭتۇڭ ئولتۇرىدىغان ماشىنىغا قۇتقۇزۇش ئەسۋابلىرى تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، ماشىنا پارتلىتىۋېتىش تەھدىتىگە ئۇچرىغاندىمۇ قوغدىغۇچى مۇشۇ ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ زۇڭتۇڭنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشىغا ياردەملىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنىلىرىدا كىچىك تىپلىق ئاپتومات ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بار بولغاندىن باشقا، يەنە قوغدىغۇچىلارنىڭ يېنىدا تاپانچا بولغاچقا يالغۇز ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلار بىردەمدىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • غېرىپ3 كۈن ئىلگىرى

    زۇڭتۇڭ بولماق ھەقىقەتەن تەسكە جۇمۇ زۇڭتۇڭ بولغاندىن ئادەتتىكى دىھقان بولغان ېاخشىكەن

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق5 كۈن ئىلگىرى

    نالە ئىنكاسىڭىزنى قوللايمەن

  • نالە6 كۈن ئىلگىرى

    ئادەتتىكى پۇقرا بۇلۇش ئەڭ ياخشىكەن جۇمۇ،

  • زۆھرە6 كۈن ئىلگىرى

    بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن …………………………

  • ئەبەيجان6 كۈن ئىلگىرى

    قوغدىغۇچى بولماق ھەقىقەتەن بەك تەسكەن

  • Babur-A6 كۈن ئىلگىرى

    توغرا زوڭتۇڭنى قوغدىغۇچىلار ئالاھىدە مەشىقلەندۈرۈلگەن خادىملار،شۇنىڭ بىلەن بىرگە مائاش تەمىناتىمۇ 6 خانلىق رەقەم بولىدۇ. بۇنى تۈرمىدىن قىچىش 4 بۆلۈمدە ئالىكىس ماھاڭ سۆزلەپ ئۆتىدۇ.

  • يەرشارى6 كۈن ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە يۇقىرى مەن خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 600.000يۈەن دەپ خەۋەردىن كۆرگەنتىم بۇ ئۇلارنىڭ يىللىق مۇئاشى پەقەت باشقا مۇكاپات چىقىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

  • قادىخان1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنە ھەر بىر قوغدىغۇچىغا بىرياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك جاسۇس ئورۇنلاشرۇېلۇپ ھەر ۋاقىت ئىشئىزلىرى ۋە پائالىيەتلىرى كۈزىتىپ تۇرلىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇمۇ زوڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن

  • شاپتۇل1 ھەپتە ئىلگىرى

    قوغدىغۇچىلاغا قۇيۇلغان تەلەپ ئۇنداق يۇقرى بولغاندىكىن مائاشى چۇقۇم يۇقرى بۇلىدۇ

  • مەتتوختى1 ھەپتە ئىلگىرى

    لىنكولىن زۇڭتۇڭ بىلەن كېننىدىنى قەستلەش ۋەقەلىرى ھەممىسى ئامرىكىدا يۈز بەرگەن ، شۇ ڭا ئامرىكا زۇڭتۇڭلىرىنى قوغداش مۇشۇنداق ئاۋارچىلىق ھەم تەسمىكىن دەپ قالدىمچا ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号