باش بەت

زورىگۈل

5565يوللانما
4مەستانە

بەيدۇ شىركىتى «بەيدۇلاڭ، تۈگىشىسىز» دېگەن تاراتقۇدىن زور تۆلەم تەلەپ قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 11:50 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مەلۇم بىر ئۈندىدار سالونى «بەيدۇ يول باشلاش سىستېمىسى سىزنى پۇتيەنشى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىدۇ، <بەيدۇلاڭ، ...سىز> ئىجادىيەت مۇسابىقىسى GQ Dailyغا قاتنىشىڭ» ماۋزۇلۇق ئۇچۇر ئېلان قىلغان ۋە «بەيدۇلاڭ، تۈگىشىسىز» دېگەن تېمىدا ئۇچۇر يوللاپ، بەيدۇ شىركىتىنىڭ نام-ئابرۇيىغا دەخلى قىلغانلىقتىن، بېيجىڭ بەيدۇ تور مەسلىھەتچىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يۇقىرىدىكى ئۈندىدار سالونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بېيجىڭ فېڭخۇا ئىجادىيەت تور چەكلىك شىركىتىنى سوتقا ئەرز قىلغان، يېقىندا خەيديەن سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغان.

دەۋاگەرنىڭ ئېيتىشىچە، «بەيدۇ خەرىتىسى» بەيدۇ قارمىقىدىكى مۇستەقىل ماركا، داڭلىق خەرىتە مۇلازىمىتى تور بېكىتى بولۇپ، دەۋاگەر شىركەت باشقۇرىدىكەن. بەيدۇ خەرىتىسى تور خەرىتە ئىزدەش مۇلازىمىتى، مول ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئالمىشىش ۋە ئاپتوموبىل ھەيدەشكە يول باشلاشنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەپ، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئىنتايىن يۇقىرى نام-ئابرۇيى بار ئىكەن. يېقىندا جاۋابكار ئۈندىدار سالونىدا بەيدۇ شىركىتىنىڭ نام-ئابرۇيىغا قاتتىق زىيان يەتكۈزىدىغان «بەيدۇ يول باشلاش سىستېمىسى سىزنى پۇتيەنشى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىدۇ، 'بەيدۇلاڭ، ...سىز' ئىجادىيەت مۇسابىقىسى GQ Dailyغا قاتنىشىڭ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان.

دەۋاگەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ماقالىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىي پاكىتى كەمچىل، ماۋزۇسى ۋە مەزمۇنىدا «بىزنىڭ جاۋابىمىز-<بەيدۇلاڭ، تۈگىشىسىز>» دېگەندەك ساختا پاكىت بار، ئىنتايىن چوڭ كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان، بۇ ماقالىنى ئابۇنتلار كۆپ مىقداردا ئوقۇپ، باھا بېرىپ دەۋاگەر شىركەتنىڭ نام-ئابرۇيى ۋە بەيدۇ خەرىتە مەھسۇلاتىنىڭ نامىغا ئېغىر زىيان سالغان. دەۋاگەر جاۋابكاردىن بۇ ماقالىنى دەرھال ئۆچۈرۈش، ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن جاۋابكار دەۋاگەرنىڭ تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھوقۇققا دەخلى قىلىشنى توختىتىدىغان تەدبىر قوللانمىغان، شۇڭا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ جاۋابكارنى دەرھال دەۋاگەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان قىلمىشنى توختىتىشقا، ھوقۇقغا دەخلى قىلىشقا چېتىشلىق ماقالىنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇش، جاۋابكارنى سىنا تورى، سوخۇ تورى، «قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ كۆزگە ئاسان كۆرۈنىدىغان ئورنىدا ۋە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا بايانات ئېلان قىلىپ تەسىرنى چىقىرىپ تاشلاش، كەچۈرۈم سوراش ۋە دەۋاگەرگە بەش مىليون يۈەن ئىقتىسادىي تۆلەش بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھازىر بۇ دېلو ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号