باش بەت

ئىدىقۇت887

6827يوللانما
11مەستانە

ئىتالىيەلىك مۇزىكانت 4200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىسىدا پىيانىنو چالدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 11:48 6 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى ئۇنۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەلىك مۇزىكانت ئېلىسا تومېللىنى (Elisa Tomellini) ئىتالىيە بىلەن شېۋېيتسارىيەنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان ئاللىپىس تېغىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 14 مىڭ ئىنگلىز چىسى (يەنە تەخمىنەن 4267 مېتىرغا تەڭ) روسا چوققىسىدا پىئانىنو چالغان بولۇپ، بۇ <دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىزدە ئۆتكۈزۈلگەن پىيانىنو كونسېرتى> دەپ ئاتالغان.

ئېلىسا ئىسىملىك بۇ مۇزىكانت ئۆزىنىڭ تاغقا يامىشىش ۋە پىيانىنو چېلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل قىزىقىشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرمەكچى بولغان ھەم ئۆز پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: <مەن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ دۇنيانى ئايلىنىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچكەنىدىم، مەن مۇزىكا بىلەن تاغ چوققىسىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقچى بولغانىدىم>.

كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىسا 0 دىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا قولىغا ناھايىتى قېلىن پەلەي كىيىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىلغان پىيانىنونى چېلىشقا باشلىغانىدى.

بۇ قېتىمقى تاغ چوققىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرت ئېلىساغا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان كىچىككىنە شەخس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى كونسېرتتىن كىرگەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى نېپالدىكى مەلۇم يېتىملار ساناتورىيەسىگە ئىئانە قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: <مەن تاغ چوققىسىدىكى قاتتىق سوغۇقتا غال-غال تىترەپ كەتكەن چېغىمدا، ئۆزۈمنىڭ كونسېرتنى تاماملىيالماي قېلىشىمدىن قاتتىق ئەنسىرىگەنىدىم، لېكىن مەن بۇنى يەنىلا تاماملىيالىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ تاغ چوققىسىغا يامىشىپ چىققانلىقىم، شۇنداقلا ئىككى قولۇم بىلەن مۇزىكىنى ئورۇنداپ بولالىغانلىقىمدىن ھېلىھەم قاتتىق ھاياجانلانماقتىمەن>.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىلمەس4 ئاي ئىلگىرى

    ھەۋەس دېگەن باشقا گەپتە ھەيييييييي

  • تىمتاس4 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭنىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇ ئۇ يەگە ئاچىقىپ چالغاننىڭ نىم پايدىسى بىرە ئادەمگە پايدىسى با ئىشنى قىلسىچۇ، ما گەلدەمە ،

  • سەردار4 ئاي ئىلگىرى

    بەزەنبىر خەقنىڭ قىلدىغانغا ئىشى يوقمىكى دەيمەن دەلتندەك ئىش قىلدىكەن

  • مەرھابا4 ئاي ئىلگىرى

    پىئانىنونى ئاچىققىچە خېلى جاپا تارتقاندۇ

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيادا ھەر قىسما ساراڭلار بار ھە مۇزىكا دىگەننى مۇزىكا زالىدا يا بولمىسا ساپ ھاۋالىق باغدا چالمامدۇ مەقسەت شۇ نام چىقىرىشقۇ توۋا ساراڭ

  • قارا كۆز4 ئاي ئىلگىرى

    شۇنداق لىرىك مۇزىكىغا چىلىپ بەرسە قار مۇزلارمۇ تەسىرلىنىپ ئىرىپ كەتمىگىنىگە ھەيران قالدىم.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号