باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

كۈنلەمچى ئايال يولدىشى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئايالنىڭ يۈزىگە ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق چېچىۋەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 12:41 0 ئىنكاس چۈشتى

جىڭيى تورى جاڭجوۋ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپ، بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ بىر ياش ئايال بىلەن ئۆيدە چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئايال ئاچچىقىدا ھېلىقى ياش ئايالنىڭ يۈزىگە ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق چېچىۋېتىپ ئايالنىڭ يۈزىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يېقىندا، فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭخەي شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى باشقىلارنى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن جىنايەت گۇماندارى يۈجىينى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

يۈجىي بىلەن بۇرۇنقى يولدىشى ليۇ xx ئىككەيلەن 2012-يىلى نىكاھدىن ئاجىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن يەنە يارىشىۋالغان بولسىمۇ بىراق تېخىچە توي خېتى ئالمىغان. مۇشۇ يىلى يىل بېشىدا ئىككەيلەن بىرلىكتە لوڭخەيگە ئىشلىگىلى كەلگەن. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 22 دە، يۈجيې ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ، ئۆيدە يولدىشى ليۇ xx بىلەن خې فامىلىلىك بىر ياش ئايالنىڭ كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقىنى باسالماي خىزمەت ئورنىدىن ئۆيگە ئالغاچ كەلگەن ھاجەتخانا تازىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىشقارلىق سۇيۇقلۇقنى كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغان، ليۇ xx ئۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ ئادەتتىكى يېقىن دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى، خاتا چۈشەنمەسلىكىنى ئېيتقان. بىراق يۈجيې ئۇلارنى نەچچە قېتىم مۇشۇنداق بىللە ئولتۇرغاندا كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئاچچىقلىغان. دەل شۇ چاغدا ليۇ xx ھېلىقى ئايالنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا يۈجيې ئاچچىقىغا پايلىماي قولىدىكى ئىشقارلىق سۇيۇقلۇقنى ھېلىقى ئايالنىڭ يۈزىگە قارىتىپ چاچقان. 

قانۇن دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خې xx نىڭ يارىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك يېنىك يارىلىنىشقا كىرىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号