باش بەت

ئاتىكەم

27يوللانما
1مەستانە

بۇ ساۋاتلارنى ئۆگىنىۋالسىڭىز تۇرمۇشىڭىزغا ئۆزىڭىز ئۇستاز بولىسىز

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 13:31 3 ئىنكاس چۈشتى

پاختا كەمپۈتنى ئىسسىق ئىچىملىككە سالساق، گال ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ

گېزىت غەلىتە پۇراقلارنى يوقىتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا

6-8 تال ئاسپىرىننى ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ، چاچقا سۈركەپ 10-15 تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، بويالغان چاچ ئەسلى رەڭگىگە قايتىدۇ.

بىر تال رېزىنكە بىلەنلا تىرناقنى مۇكەممەل فىرانسىيە ئۇسلۇبىدا بوياپ چىققىلى بولىدۇ.

يالپۇز مەلھىمىنى ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ چىشلەپ، تەرەت قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىماقچى بولغان جايغا سۈرتۈپ قويسىڭىزلا مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.

توقۇلما بۇيۇملار يۇمشىتىش سۇيۇقلۇقى، ئاچچىقسۇ ۋە سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان سۇيۇقلۇقنى پۈركىگۈچ بىلەن پۈرلىشىپ كەتكەن كىيىملەرنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ، ناھايىتى تېزلا ئۈنۈم بېرىدۇ.

بېغىشى توم كەلگەن قىزچاقلار ئىنچىكە بىلەيزۈكلەرنى تاقىماقچى بولغاندا مەجبۇرىي تىقىشقا بولمايدۇ. ئاۋال قولنى سۇلياۋ خالتا بىلەن ئوراپ ئاندىن بىلەيزۈكنى كىرگۈزۈش كېرەك. شۇنىڭغا بىلەيزۈك ناھايىتى تېزلا كىرىدۇ، قولنى ھەم ئاغرىتمايدۇ. ئېلىۋەتكەندىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ.

كاشتاننىڭ پوستىنى سويماق تەس، ئالدى بىلەن سىرتقى پوستىنى سويۇپ، ئاندىن ئۇنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا بىر ئايلاندۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئېلىپ بىرلا ئۇۋىلىساق، پوستى ئاجرايدۇ.

گۈل تىزغاندا، سۇغا بىر نەچچە تېمىم قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى تېمىتىۋەتسەك، گۈل نەچچە كۈنگىچە توزىماي يېڭى تۇرىدۇ.

ياڭاقنى جىمبىلگە سېلىپ ئون مىنۇت ھوردا تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئېلىپ سوغۇق سۇغا سېلىپ ئاندىن چاققاندا، ئىچىدىكى مېغىز پۈتۈن پېتى چىقىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئۇسۇللارنىڭ راسلا ئۈنۈمى بامىدۇ؟

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئۇسۇللارنىڭ راسلا ئۈنۈمى بامىدۇ

  • ئەكرەمجان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەر ئادەمنى قايل قلدكەن بۇ ئۇسۇلاربواىدكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号