باش بەت

نۇسرەتگۈل

6551يوللانما
58مەستانە

ئامېرىكىلىق ئەر مومىسى قالدۇرغان بىخەتەر ئىشكاپتىن نۇرغۇن تەڭگە پۇل بايقىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 12:30 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىلىق بىرەيلەن ماشىنا ئىسكىلاتىنى رەتلەۋاتقاندا ئۇزۇندىن بۇيان كۆزگە چېلىقماي كەلگەن كۆك رەڭلىك بىخەتەر ئىشكاپتىن بىرنى بايقىغان. بىراق، بىخەتەر ئىشكاپتىن چىققان نەرسىلەر ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. بۇ بىخەتەر ئىشكاپنى ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغان مومىسى قالدۇرغانىدى.

بۇ بىخەتەر ئىشكاپ ناھايىتى مۇستەھكەم بولغاچقا ئېچىشقىمۇ خېلى زور كۈچ سەرپ قىلىنغان. بۇ ئىشكاپقا ئۇنىڭ مومىسى يوشۇرۇنچە ساقلاپ كەلگەن سىرلىق ھېكايە ۋە بايلىقلار يوشۇرۇنغان.

بۇ ئىشكاپتىن نۇرغۇن تەڭگە پۇل بايقالغان. بۇ نەرسىلەر ئۇ ئەرنى مومىسىنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا قايتا ئويلاندۇرغان. 

بىخەتەر ئىشكاپتىن چىققان تەڭگە پۇللار كىچىك 3 خالتىنى تولدۇرغان. 

بۇ تەڭگە پۇللار 800دىن كۆپرەك بولۇپ، كۆپىنچىسى 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قۇيۇلغانىدى.

گەرچە بۇ تەڭگە پۇللارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما خۇددى يېڭىدەكلا ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان. 

بۇ سۈرەتلەر تورغا يوللانغاندىن كېيىن بەزىلەر ئۇنىڭ مومىسىنى ئالاھىدە خادىم بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号