باش بەت

نۇسرەتگۈل

6551يوللانما
58مەستانە

كاللىڭىزنى سالقىنلىتىپ قويىدىغان بىر يۈرۈش سوغۇق بىلىملەر

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 13:05 13 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

زىيادە قاتتىق چۈشكۈرۈش قوۋرۇغا سۆڭەكلىرىنى تەۋرىتىپ يېرىلدۇرىۋېتىدۇ، چۈشكۈرۈكنى بېسىشقا تىرىشىش بويۇن ياكى باش سۆڭىكى ئىچىدىكى قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، جاننى ئالىدۇ.

قارتتىكى ھەر بىر K تارىختىكى ئۇلۇغ خان-پادىشاھلارغا سىموۋۇل قىلىنغان: قاغا K داۋىد شاھقا، چىللىك K ئىمپېراتور ئالېكساندىرغا، تاپان K ئىمپېراتور چارلىزغا، غىچ K ئىمپېراتور قەيسەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

111111111×111111111=12345678987654321

ئاتلىق ئەسكەرنىڭ ھەيكىلىدىكى ئاتنىڭ 4 پۇتى كۆتۈرۈلگەن ھالەتتە بولسا بۇ ئادەمنىڭ جەڭدە قۇربان بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ناۋادا ئاتلىق ئەسكەرنىڭ ھەيكىلىدىكى ئاتنىڭ ئالدىدىكى بىر پۇتى كۆتۈرۈلگەن ھالەتتە بولسا ئۇنىڭ جەڭدە ئېغىر يارىلىنىپ قۇرغان بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ناۋادا ئاتلىق ئەسكەرنىڭ ھەيكىلىدىكى ئاتنىڭ 4 پۇتى يەرگە تېگىپ تۇرغان ھالەتتە بولسا ئۇنىڭ تەبىئىي ئامىللار تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەسەلنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

تىمساھ تىلىنى چىقىرالمايدۇ.

قۇلۇلە بىر ئۇخلىشى بىلەن 3 يىلدا ئويغىنىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرىنىڭ ھەممىسى سولخاي.

1987-يىلى ئامېرىكا ئاۋىياتىسيە شىركىتى 1-دەرىجىلىك بۆلمىدە تەمىنلىدىغان ھەر بىر تەخسە سالاتتىن بىر تال زەيتۇن مېۋىسىنى ئازايتىش ئارقىلىق 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ قالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Fari2 ئاي ئىلگىرى

    نىرۋانىيە سىزدە بۇرۇن ياللۇغى با ئوخشايدۇ تەكشۇرنۇپ بىقىڭ

  • بۇرادەر2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىرىنچىسىگە ئىشەندىم، قايسى كۈنى تۇيۇقسىزلا بىر چۈشكۈرۈپ بىقىنىم ئاغرىپ بەك قىينىلىپ كەتتىم،دەردىمنى ئىچىمدە بىلدىم ،ئەتراپىمدا ئادەم كۆپتى، يىغلىمىدىم، ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم،

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    نىرۋانىيە سىزنى قوللايمەن مەيلى قانداق ئىشلا توسالغۇ بولسۇن چۇقۇم ياخشى كۆگەن قىز بىلەن بەخىتلىك بۇلۇڭ تىرشىڭ

  • نۇراخۇن2 ئاي ئىلگىرى

    گۆشنى تەبىي ھەسەلنىڭ ئىچىگە چىلاپ قويۇپ بىريىلدىن كېيىن ئالسىمۇ سۈپىتى پەقەت ئۆزگەرمەي ئەكسىچە تېخىمۇ مەززىلىك ھالەتكە كېلىدىكەن، ئەلۋەتتە ھازىر ھېچكىم گۆشنى بىريىلدەك ساقلىمايدۇ، لېكىن بىرەر ئۇزۇن سەپەردە گۆش ئېلىۋالغانلار يېڭى پېتى يىيىش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا بولغۇدەك،لېكىن ھازىر ھەممىدىن بىرنەرسىنىڭ تەبىيسىنى تېپىش تەس بوپكەتتى

  • ئىسىل2 ئاي ئىلگىرى

    نىمىشقا قاتتىغراق چۈشكۆرسەم بىلىم بىرقاندا بولدىكى دىسەم مۇندامۇ ئىشلا بادەيلى ، جىڭ تەبىئىي ھەسەلنىڭ راسلام سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ .

  • under taker2 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسى ئىنتايىن بىر قۇرۇق گەپ

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    سۆيگۈ بۇلاڭچىسى سىز دىگەن ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەسەل بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى ساپ ھەسەل ساپ ھەسەلنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ ئەكىسچە ئۇزاق تۇرغانسىرى بەك پايدىقىلىدىغان بوپ كىتىدۇ

  • پۇسۇ2 ئاي ئىلگىرى

    نىرۋانىيە مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قاتتىق ھەم تولا چۈشكىرىمەن بىراق ئارقا ئاقىدىن ئەمەس ، سىز ئارقا ئارقىدىن ئۇنداق چۈشكۈرگەن بولسىڭىز مېنىڭچە سىزگە زۇكام تىگىپ قاپتۇ.

  • سويگۇ بۇلاڭچىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ھەسلنىڭ سۇپىتى راس ئۇزگەرمەمدا تۇنۇگۇن تىخى توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويغان ھەسەلنىڭ بىر يىل ۋاقتى ئۆتۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۇپ تاشلىۋىتەي دەپ تۇرغانتىم.

  • مەتتوختى2 ئاي ئىلگىرى

    ئاتنىڭ ئالدىدىكى ئىككى پۇتى كۆتۈرۈلگەن بولسا دېمەكچىمۇ يا ، تۆت پۇتى كۆتۈرۈلگەن بولسا ئاسماندا ئۇچا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسىمدىكى ناپالېئون ئۇرۇشتا قۇربان بولمىغان بەلكى تەبئى ئامىللار بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号