باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10252يوللانما
780مەستانە

تاۋۇز زادى نەدىن كەلگەن؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 17:31 43 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«مۇشۇنداق تومۇز ئىسسىقلاردا ئەگەردە يېنىمدا بىرەر تىلىم تاۋۇز بولۇپ كەتكەن بولسا ھە...» دېگەندەك شېرىن خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلىنىپ تۇرغىنىمدا، تۇيۇقسىز غايىبتىن سادا كەلگەندەكلا: «ئاداش، تېشى ياپيېشىل، ئىچى قىپقىزىل، يېگەندىن كېيىن قاپقارا بولىدىغان مۇشۇ تاۋۇز زادى نەدىن كەلگەن؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن، توردىن ئىزدىنىشكە باشلىدىم. (ھېي، دېمىگەن بىلەن، بۇنىڭغا ئائىت جاۋابلارمۇ خېلىلا كۆپكەن ئەمەسمۇ)

«شاپتۇل چېچىكىدىكى بىر پىيالە مەي» ناملىق تورداشنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:

دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاۋۇز ئىشلەپچىقىرىدىغان ماكان. بىراق تاۋۇزنىڭ ئەسلى ماكانى دۆلىتىمىز بولماستىن، بەلكى ئافرىقىدۇر (نېمە، نېمە نېمە؟) توغرا، سىز خاتا ئاڭلىمىدىڭىز، بۇ ئەسلى كاۋا ئائىلىسىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، كېيىن سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىرقى بىز يەۋاتقان تاۋۇزغا ئايلانغان. (قىزىقكەن ھە)

بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇن، مىسىرلىقلار تاۋۇز تېرىغان، كېيىن بارا-بارا شىمالغا قاراپ يۆتكىلىپ ئەڭ دەسلەپتە، ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ شىمالىي ياۋروپاغا ئاندىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن. 4-، 5-ئەسىرلەردە غەربىي يۇرتتىن دۆلىتىمىزگە كىرگەچكە، «西瓜» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە «غەربىي يۇرت خەمىكى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم شۈ گۇاڭچىنىڭ «دېھقانچىلىق قامۇسى»دا خاتىرىلىنىشىچە، تاۋۇز غەربىي يۇرتتا تېرىلىدۇ، شۇڭا شۇ نام بويىچە ئاتالغان، دېيىلگەن. يەنە شۇ دەۋرىدىكى داڭلىق تېۋىپ لى شىجېننىڭ «دورا-ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دىكى: «تاۋۇز بەش سۇلالىدىن باشلاپ جۇڭگوغا كىرگەن، بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇب شىمالنىڭ ھەممىلا يېرىدىن تاپقىلى بولىدۇ» دېگەن بايانلىرىدىن تاۋۇزنىڭ دۆلىتىمىزدە ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

«مەن كىم» ناملىق تورداشنىڭ جاۋابى:

تاۋۇز ئەسلىدە ئافرىقىدا ئۆستۈرۈلەتتى، مسىىردىمۇ 5000-6000 يىلدەك تاۋۇز ئۆستۈرۈش تارىخى بار. ئۆتمۈشتىكى تۈرلۈك ماتېرىياللاردا سۆزلەنگەندەك، تاۋۇز بەش سۇلالە دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن دۆلىتىمىزگە كىرگەن بولۇپ، بۇ ئاساسەن دېگۈدەك ھۆكۈمگە ئايلانغان. يېقىنقى زامان ژۇرناللاردىمۇ تاۋۇزغا ئائىت ماقالىلەردە بۇ پاكىت كۆپ قېتىم تەكىتلىنىدۇ. 1981-يىلى خۇنەن خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق «يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ تارىخى»دىمۇ «تاۋۇز بەش سۇلالە دەۋرىدىن باشلانغان» دېگەن مەزمۇن بار. مېنىڭچە بولغاندا، بۇ خىل قاراشمۇ ئانچە توغرا ئەمەس.

«لاۋنيۇ» ناملىق تورداشنىڭ جاۋابى:

دوستۇم، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى تاۋۇزنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەمدە ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت، بىراق دۆلىتىمىز ھەرگىزمۇ تاۋۇزنىڭ ئەسلى ماكانى بولماستىن بەلكى 4000 يىللار ئىلگىرى ئافرىقىدىكى مىسىرلىقلارنىڭ «ئىجادىيىتى». ئۇلار تاۋۇزنى تەرگەندىن كېيىن بارا-بارا شىمالغا يۆتكىلىپ، ئەڭ دەسلەپتە، ئوتتۇرا دېڭىزنى بويلاپ شىمالىي ياۋورپاغا ئاندىن جەنۇبتىن ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەلگەن. 4-،5-ئەسىرلەردە جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسىدە غەربىي يۇرت سودىگەرلىرى بۇنى جۇڭگوغا ئېلىپ كىرگەچكە، «غەربىي يۇرت خەمىكى» يەنى تاۋۇز دەپ ئاتىغان.

«ھە... ئەسلىدە مۇنداقمۇ گەپلەر باركەندە»، دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا، تۇيۇقسىز بۇ جاۋابلارنىڭ ئاستىىدىكى قىزىقارلىق جاۋابلار دىققىتىمنى تارتتى. بۇنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم بىر تورداش مۇنداق دېگەنىدى: «بالام مەندىن، دادا، بىز يەۋاتقان تاۋۇز نەدىن كەلگەن؟ دەپ سورىسا، مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاددىي قىلىپ، بازاردىن سېتىۋالغان دەيمەن؛ ئەگەر بۇ سوئالنى تاۋۇز ساتقۇچىدىن سورىساق، مېنىڭچە، ئۇ كىشى چوقۇم توپ تارقىتىش بازىرىدىن سېتىۋالدىم دېيىشى مۇمكىن. بىز يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ، توپ تارقىتىش بازىرىدىكى ئادەملەردىن سورايدىغان بولساق، ئۇلار چوقۇم ئېتىزدىن يۆتكەپ كەلگەن دېيىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلىشقا قەتئىيلا بولمايدۇ. بىز ئەڭ ئاخىرىدا تاۋۇز تېرىغان دېھقاندىن سورايدىغان بولساق، ئۇ كىشى چوقۇم يەردىن ئۈنۈپ چىققان دېيىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمەلىيەتتە، جاۋاب ناھايىتى ئاددىي، تاۋۇز ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان ئەمگەك ھوسۇلى. ئەڭ دەسلەپكى ياۋا ئۆسۈملۈكتىن، تاسقاپ تاللاشقىچە ئاندىن ئۇنى يېتىشتۈرۈپ، شالغۇتلاشتۇرغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا سۈپەتلىك سورت تاۋۇز پەيدا بولىدۇ. دېمەك، ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاپالىق قان-تەرى بولمىسا، تاۋۇز ھەرگىزمۇ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالمايدۇ».

ئەڭ ئاخىرىدا بىر ساددا دېھقان مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«مەن بىر دېھقان، كىچىك چاغلىرىمدا چوڭلاردىن نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دېگەن گەپنى ئاڭلايتتىم، بۇ ئەگەر سەن تاۋۇز تېرىساڭ، تاۋۇز ئالىسەن، پۇرچاق تېرىساڭ پۇرچاق ئالىسەن دېگەنلىك. بىراق بىز مەيلى نېمىلا تېرەيلى، جاپالىق ئەمگەك ۋە قان-تەر بەدىلىگە شۇ نەرسىگە ئېرىشىدىغىنىمىز ئۇ بىر مۇقەرەرلىك. مېنىڭچە بولغاندا، تاۋۇز بىز دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىقلاردا ئىسسقنى ئىسىسق دېمەي، كەتمەننى گۈس-گۈس چېپىپ، تەر دېگەننى ئاققۇزۇپ، جاپالىق ئىشلىشىمىزدىن كەلگەن. كۆپچىلىككە رەھمەت، مېنىڭ جاۋابىم تۈگىدى».

باش سۈرەت تاللاش x
  • قوغۇن4 ئاي ئىلگىرى

    يىقىنىنىڭىزى تاۋۇزنى جىق يەپ ئىچىم سۈرۈپ كەتتى

  • ئاتلان4 ئاي ئىلگىرى

    توۋا بەكلا ھەجىۋىي بۇلۇپ كەتتىڭلارمۇ نىمە ؟

  • گۈزەلنۇر4 ئاي ئىلگىرى

    نەدە بۇ خەۋەردە دەھشەت ئىسىملىك بالنىڭ ئىنكاسى بار.
    ئاق تۇرۇپ كېتىپتىمەن ، قايسى بالىدۇ ئۇ دەھشەت ئىسىملىك بالا قانداق گەپ قىلىۋەتكەندۇ دەپ

  • ئادىلجان4 ئاي ئىلگىرى

    تاۋۇز ئۇلۇغ تەبىئەتنىڭ ،ناھايىتى كۆپ ئۇلۇغ كەشپىياتلىرىنىڭ بىرسى خالاس .

  • بۇلغار4 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ كەمدە يالغان گەپ بەك جىق تارقىلىۋاتىدۇ بۇمۇ يالغان گەپ

  • ئەخمەق4 ئاي ئىلگىرى

    تاۋۇزنى جىق يىدە ئاق كىسەل قىپ قۇيىدۇ دەيدىكە بۇ راسمىدۇ

  • بەخىت سەپىرى 090309084 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ۋۇي نىم گەپلەر بۇ ئىشقىلىپ مەن تاۋۇزدىن سۇراپ يۇرمەي ئالدىمغا كەلگەندە ئۇزۇمنى يەڭ ساپىقىنى سۇرماڭ دەپ يەۋەدىمغۇ ئاپلا يەنە يىگۇم كىپكەتتى ئۇسساپ كەتكەندە

  • نۇرداش4 ئاي ئىلگىرى

    ئشقىلىىپ تاۋۇز دىگە يىيشكە ئاجايىپ بەلەنھە

  • ئىشقىلىپ4 ئاي ئىلگىرى

    دەھشەت ئىسىملىك بالا زادى بەك قىزىق گەپ قىلىۋېتىپسىز جۇمۇ. ھۇ ھۇ ھا ،ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا

  • سويگۇ بۇلاڭچىسى4 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بىزنىڭ غۇلىجدا بارلىققا كەلدىمىكىن ئالدىنقى قىتىم ھويلىدىكى سۇ تۇربىسى يىرلىپ كىتىپ يەرنى كولىغىنىمدا تاشقا ئايلانغان تاۋۇز ئۇرىقى تاپتىم...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号