باش بەت

ئىدىقۇت887

6413يوللانما
8مەستانە

يولدىشىدىن يوشۇرۇن 160 مىڭ يۈەنگە 40 قۇر ئىچ كىيىم سېتىۋالغان ئايال مال قايتۇرۇشتا رەت قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 13:00 19 ئىنكاس چۈشتى

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ۋۇخەندىكى لى خانىم يولدىشىنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بېشىنى پەس ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالغانىدى. 3 ئاي بۇرۇن، لى خانىمنىڭ دوستى ئۇنىڭغا <ئالاھىدە ئىقتىدارلىق> بىر خىل ئىچ كىيىمنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، لى خانىم ئۆيىدىكى يىغىپ قويغان 160 مىڭ يۈەن پۇلغا 40 نەچچە قۇر ئىچ كىيىم سېتىۋالغان، ئۇ بۇ ئىچ كىيىملەرنى كىيىپ بەدەن فىگۇرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە باشقىلارغىمۇ بۇ ئىچ كىيىمنى سېتىپ تازا پۇل تېپىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، لى خانىم بۇ <ئالاھىدە ئىقتىدارلىق> ئىچ كىيىمنى كىيىپ ئۆز ساغرىسىنى يوغىنىتىشتىن ئىبارەت كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇسىغا يېتەلمەيلا قالماستىن يەنە باشقىلارغا ساتماقچى بولۇپ سېتىۋالغان 40 نەچچە قۇر ئىچ كىيىمدىن بىر قۇرنىمۇ ساتالمىغانىدى.

لى خانىم 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مەلۇم دۇكان خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا، 8000 يۈەنگە بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئىچ كىيىمىدىن بىر قۇر سېتىۋالغانىدى. كەينىدىن لى خانىم يەنە <دۇكان ئايلىنىش> قا ئېلىپ بېرىلغان ھەم يەنە باشقا ئىككى ئىچ كىيىم سېتىش ئورنىغا ئاپىرىلىپ بۇ سودىغا قانداق ئەزا بولۇش توغرىسىدا <ۋەز-نەسىھەت> ئاڭلىغانىدى.

لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دۇكان خادىمى ئۇنىڭغا بۇ خىل ئىچ كىيىمنىڭ ئىچكى قىسمىغا يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان ئېنىرگىيەلىك تاش قاچىلانغانلىقىنى، ئاياللار بۇ خىل ئىچ كىيىمنى كىيسە ساغرىسى يوغىنىپ، بەل قىسمى زىلۋالىشىدىغانلىقىنى، ئەرلەر كىيسە جىگەرنى قوغداپ، بۆرەكنى ئاسرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. دۇكان خادىمى يەنە بۇ خىل ئىچ كىيىمنى يېرىم ئايدا بىر نۆۋەت يۇيىدىغانلىقىنى، بۇ ئىچ كىيىمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خېرىدارلار 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ بۇ خىل تۈرگە ئەزا بولالايدىغان بولۇپ، كېيىن مال سېتىۋالغاندا باھادا %40 ئېتىبار بېرىلىدىكەن. ئەگەر 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ بۇ تۈرگە قاتناشسا، ئۇنداقتا كېيىن مال سېتىۋالغاندا %72 ئېتىبار باھادا مال ئالالايدىغان بولۇپ، بۇ ئىچ كىيىمنى 6-7 مىڭ يۈەن باھادا پارچە ساتقىلى بولىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇكان خادىمى لى خانىمغا يەنە ناۋادا يەنە باشقىلارنى بۇ تۈرگە ئەزا قىلىپ قاتناشتۇرالىسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ زور پايدا-مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

<بۇ ئىچ كىيىمدىن بىر قۇرنى ساتقاندا تەخمىنەن 4000 يۈەنگە يېقىن پۇل تاپقىلى بولاتتى>، لى خانىم قارىماققا ناھايىتى ئاسانلا پۇل تاپقىلى بولىدىغان بۇ سودىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كاللىسى قىزىپ ھوشىنى يوقىتىپ قويايلا دەپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ، لى خانىم يولدىشىدىن يوشۇرۇنچە 160 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ بۇ سودىغا مەبلەغ سالغان ھەم كېيىن پۇل تاپقاندىن كېيىن يولدىشىغا ئۇقتۇرمايلا بۇ پۇللارنى يەنە ئۆز ئورنىغا سېلىپ قويماقچى بولغان. لېكىن ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ شۇنداقلا لى خانىم دۇكان خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە ھەر يېرىم ئايدا ئىچ كىيىمنى بىر قېتىم يۇيۇپ كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بەدەن فىگۇرىسىدا قىلچە ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن. لى خانىم ھەتتا بۇ يىل 4-ئايدا ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئېستىپا بېرىپ پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن تونۇش-بىلىش ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ئىچ كىيىم سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر بىر قۇرمۇ ئىچ كىيىم ساتالمىغانىدى.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، ھاۋا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىسسىپ كەتكەنىدى. لى خانىم شۇنچە ئىسىسق بولۇشىغا قارىماي ئىچىگە يەنىلا ساغرىنى يوغىنىتىپ بەلنى زىلۋالاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ <ئالاھىدە ئىقتىدارلىق > ئىچ كىيىمنى كىيىۋالغانىدى. لى خانىم 160 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ سېتىۋالغان ئەر-ئايالچە <ئالاھىدە ئىقتىدارلىق > ئىچ كىيىمدىن بىر قۇرمۇ سېتىلماي، ئۈچ ساندۇق ئۆز پېتىچە ئۆيدە تۇراتتى. لى خانىمنىڭ يولدىشى جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بېرى ئۆزىگە جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالغاچقا، ئايالىدىن قايتا-قايتا سورىغاندىن كېيىن ئايالى ئەينى ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن، بۇنى ئاڭلىغان جاڭ ئەپەندى ئاچچىقىدا يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى.

لى خانىم بىلەن يولدىشى ئۈندىداردىكى تور دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ماللارنى قايتۇرۇپ سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان، نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇنى ئۈندىداردىن ئۆچۈرۈۋەتكەن، تېلېفون قىلسىمۇ ئالغىلى ئۇنىمىغان. كەينىدىن مۇخبىر لى خانىم ۋە جاڭ ئەپەندىنىڭ ھەمراھلىقىدا لى خانىمنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى ۋېن فامىلىلىك بىلەن ئالاقىلاشقان. ۋېن فامىلىلىك لى خانىمنىڭ ئىرادىسىز بولغاچقا ماللارنى سېتىپ چىقىرالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    ھەي مۇنداقمۇ ئادەملە باكەن پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە

  • ئايخېنىم2 ئاي ئىلگىرى

    ماركىسىدا لاكا دەپ تۇرمامدۇ

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    يۇلۇچى سىز قىز بالىمۇ ياكى ئوغولمۇ؟

  • قار لەيلىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ئايخىنىم بۇ سۇرەتتىكى جۇڭمەيلاكا ئەمەسكىن

  • بۇلاق2 ئاي ئىلگىرى

    بىر دوستۇمنىڭ تۇققىنى كىيىپتىكە ، بەك ئۈنۈمى ياخشىكە ، ئۆزەم كۆردۈم دەۋاتىتا ، قارىسام شۇنىڭ ماركىسى بىلەن بىركە ، جوڭمەي لاكا دەپ ، مەنمۇ راس شۇنداق ئۈنۈمى ياخشى ئوخشايدۇ دەپ ئاغۇللىرىم كەپ ھەۋەس قىپكىتىپتىكەنمە ، لىكىنغۇ ئانچە ئىشىنىپمۇ كەتمىگەنتىم

  • يولۇچى2 ئاي ئىلگىرى

    ئاياللار ئورۇقلايمەن دىسەڭلار بۇ ئاسان ، تازا ئاچچىقى يامان ئەرگە تەگسىڭىز پات - پات ئازار يەپ تۇرىسىز ، قەرەلسىز تاياق يەپ تۇرىسىز ، كۆپىرەك غەم يەيسىز ، شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئايغا قالمايلا شاپپىدە ئورۇقلايسىز . ئۈنىمى راست ئىشەنچىلىك ، ھەقىقى سىناقتىن ئۆتكەن مەخپى رىتسىپ .

  • گۈلچى قىز2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرگە نىمە دىيشىمنى راسلا بىلەممىدىم جۇمۇ مۇشۇ ئۈندىدار سودىگەرلىرى ماختاپ ئاغىزىدىن مازغاپ قاينىتىپ ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ 90% قىلچە ئۈنۈمى يوق ياكى ئۈنۈمى بولسىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئۈنۈم قىلشى ئادەم ئىلانغا ئالدانمايمەن دەپ تۇرۇپ يەنە ئالدىنىپ قالدىكەن ئۆزىنى ئۆزى ئىشىنىشكە مەجبۇرلاپ قويدىكەن مەن ئۈندىدار سودىگەرلىدىن تولا نەرسە سېتۋېلىپ ھېچبىر ئۈنۈمنى كۆرەممەي ھازىر قەتتى ئىشەنمەسلا بولدۇم ساختىمىكى دىسە تېخى يا سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئورالمىسى چىرايلىق بولغان بىلەن

  • نامەلۇم2 ئاي ئىلگىرى

    ھازيرىقى جەمىيەتتە پۇل تاپماق تەسلىشىپ كەتتى تاۋباۋ تورىدا ۋە ياكى باشقا تورلاردا بىرەر خىل يىڭى مەسۇلات چىققان زاماتلا ماياندىنلا پالانىدىن يىڭى مەسۇلات كەلدى دەپلا نامىنى ئۆزگەرتىپ ساتىدىغانلار كۆپ بۇلۇپ كەتتى پۇل تاپسىلا بولدى ئۇنىنڭ سىزگە مەنپەئەت قىلىشى بىلەن ئانچە كارى يوق

  • ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    توۋا ئالتە مىڭ نەچچە يۈزگە ئىچ كىيىم ئېلىشقا قانداق چىدايسىلە ھەي

  • 《قاپلان》2 ئاي ئىلگىرى

    دەھشەت ساراڭلارچە مال سىتىۋالغان ئادەملەر
    باركەن ئۇنداق ئورۇقلايمەن دىگەن ئادەم چىنىقسا
    بولمامدۇ …

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号