باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10255يوللانما
780مەستانە

ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىدىن سوغۇق شامال چىقمىسا...

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 12:57 2 ئىنكاس چۈشتى

ئادەتتە ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىگە ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بىر قېتىم سوۋۇتۇش ئاگېنتى قوشۇلىدۇ، بەزى ئاپتوموبىللارغا يىلدا بىر قېتىم قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ بېشى قاتىدۇ. ئۇنداقتا سوۋۇتۇش ئاگېنتى نېمىشقا ئازىيىپ كېتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئاپتوموبىلدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ناھايىتى ھىم ئېتىلگەن بولسىمۇ، سوۋۇتۇش ئاگېنتىنىڭ خورىشىدىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تۇرۇبا يولى ياكى كوندېنساتورىدا كۆرۈنمەيدىغان يوچۇقلار بار، سوۋۇتۇش ئاگېنتى دەل مۇشۇ يوچۇقلاردىن ئېقىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىدە كاشىلا كۆرۈلسە، سوۋۇتۇش ئاگېنتى تولۇقلانغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يەنە تەكرارلانسا، ئۇنداقتا چوقۇم دىققەت قىلماي بولمايدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا كوندېنساتوردىن مەسىلە چىقسا، ئۇنداقتا كوندېنساتورنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

سوۋۇتۇش ئاگېنتى ئېقىشنى تەكشۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما فىتور كاربونلۇق مايغا فلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىۋىنى قوشۇپ، مەخسۇس كۆزەينەك بىلەن تەكشۈرسە، ئېقىش نۇقتىسىنى ئاسانراق تاپقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر خىل ئۇسۇل نىسبەتەن ئاددىي، يەنى ئېقىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئوتتۇرا تور ئارقىلىق كوندېنساتورنىڭ تاشقى يۈزىدىكى ماينىڭ نەملىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئادەتتە بۇنداق ئەھۋال ئۇيۇلدۇرغۇچتا ئېقىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىسا يۈز بەرمەيدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باش سۈرەت تاللاش x
  • بابۇر4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداقتا مىنىڭ ماشىنامغا 9يىل بولاي دىدى ھاۋا سوۋۇتقۇچى يەنىلا نورمال ئىشلەيدىغۇ

  • قۇترىغان ئەجدىھا.4 ئاي ئىلگىرى

    يۇقارقى خەۋەردىكى بەزى گەپلەرنىڭ ئاساسى با ، بەزى گەپلەرنىىڭ قىلچە ئاساس يوق.
    ماشىنىغا ئادەتتە 134 توڭلىتىش سۇيۇغلىقى قاچىلىنىدۇ
    زەخمىگە ئۇچرىمىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ تۇرۇبا يوللىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۆشۈك چىقمايدۇ.تۆشۈك چىقمىغاندىن كېيىن گاز خورمايدۇ .
    134توڭلىتىش سۇيۇغلۇقى تەخمىنەن 2يىلدىن 5يىلغىچە بوغان ئارلىقتا بۇ خىل تىپتىكى گازنىڭ قۇھتى قالمايدۇ ،قۇھتى قالمىغان گازنىڭ توپسىگە يەنە گاز جالىسا ئۈنىمى ياخشى يولمايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلمىز دىگەندە گازنىڭ ھەممىسنى (134)چىقىرۋىتىپ بىجىرىم ۋاكوم قىلىش ئۈسكىنىسىدە توربا يولىدىكى بارلىق ھاۋاسىنى شورتىۋىتىپ ئاندىن گاز ئۈرىمىز
    134گاز ئادەتتە بىر قۇتۇسى تەخمىنەن 7 يۈئەندىن 25يۈئەنگىچە
    1 ماشىنىغا تەخمىنەن 3 قۇتا ئەتراپتا گاز كىرىدۇ.
    رېمونتچىلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدە قابىلىيىتى ھەم گەپدانلىقى بىلەن 1 قۇتىسىنى 40 ئەللىگ يۈئەندىن تارتىپ 100 سەكسەنگىچەئۇرىدۇ.
    ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچنى رېمونت قىلدۇرغان ۋاقىتتا ئىلاجىبا كەسپى ،تەجىربىلىك ،ئىنساپلىق ئۇستاملىغا رىمنۇت قىلشىڭلانى تەۋسىيە قىلىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号