باش بەت

خەۋەرلەر

3038يوللانما
12مەستانە

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 13:20 0 ئىنكاس چۈشتى

 رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ھەر يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ئالدامچىلار ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ جىددىيلىشىش كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «نومۇر تۆۋەن بولسىمۇ، پۇل بەرسەڭلار ھەل قىلىمىز»، «ئىچكى قىسىمدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئايرىم سان بار»، «ھەقىقىي نومۇر تەكشۈرۈش تور بېكىتى» دېگەنگە ئوخشاش ھىيلە – نەيرەڭلەر ئارقىلىق توزاق قۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. گەرچە ئالدامچىلارنىڭ بەزى ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى ئادەتتە ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يېڭى تىپتىكى ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرىدىن كىشىلەر ساقلىنىمەن، دەپمۇ ساقلىنالماي قالىدۇ. شۇڭا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى سەمىمىي ئەسكەرتتى:

 بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتمىغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، مەسىلەن: ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى، چوڭلار ئالىي مائارىپى بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇنتىزىم ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى ئالدايدۇ. ھەتتا بەزى ئالدامچىلار ھەقىقىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېتىگە تەقلىد قىلىپ تور بېتى ياساپ، قانۇنسىز ھالدا مەكتەپلەرنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان قوبۇل قىلىش تىزىملىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش تىزىملىكى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئوخشىتىپ ياسايدۇ.

 ئىككىنچىدىن، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بەزى ئالدامچىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارمىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆز – كۆز قىلىپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار بەزى سىياسەتلەرنى چۈشەنمەسلىكىدەك يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، «پۇل ئارقىلىق ھەل قىلىش» يولىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

 ئۈچىنچىدىن، قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ۋە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدىن قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ياكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس لىنىيەلىك مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك.

 تۆتىنچىدىن، ھەر خىل شەكىلدىكى «ئىش پۈتتۈرگۈچىلەر»نى ئىزدەپ، ئورۇنسىز زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى توردا قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك كېرەك.

 بەشىنچىدىن، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشى، ئالدامچىلارنى بايقىغان ھامان زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش مەخسۇس لىنىيەلىك تېلېفونى 8750000 – 0991 گە ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش تېلېفونى 8758128 – 0991 گە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كېرەك.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/17/content_609050.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号