باش بەت

شەرىفە

802يوللانما
26مەستانە

ئاسىيا بويىچە GDPسى ئەڭ كۆپ 10 شەھەرنىڭ يەتتىسى جۇڭگودا

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 15:21 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

يېقىندا ئاسىيا شەھەرلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، تىزىملىكتىكى ئالدىنقى ئون شەھەرنىڭ يەتتىسى جۇڭگو شەھەرلىرىدىن ئىبارەت. بۇ شەھەرلەر ئىچىدە شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئاسىيا بويىچە 2-ئورۇنغا تىزىلىپ، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىنلا كېيىن تۇردى.

مەزكۇر رەت تەرتىپتە شاڭخەيدىن كېيىنلا بېيجىڭ شەھىرى كەلگەن بولۇپ، ئىككى تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ئاسىيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرغان.

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ئاسىيادا 4-ئورۇندا تۇرغىنىمۇ ئوخشاشلا جۇڭگو شەھىرى بولۇپ، ھەر بىر غېرىچ زېمىنى ئالتۇن نەرقىدە تۇرىدىغان شياڭگاڭ شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى تىرىليون 100 مىليارد يۈەن.

گۇاڭجۇ شەھىرى ئىككى تىرىليون يۈەنگە يېقىن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ئاسىيا بويىچە 6-ئورۇندا تۇرغان.

ئاسىيادا 7-ئورۇندا تۇرغىنىمۇ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە بولۇپ، ئۆلكە مەركىزى گۇاڭجۇ بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بىر تىرىليون 900 مىليارد يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە ئىگە شېنجېن شەھىرى ئاسىيادا 7-بولغان.

تيەنجىن شەھىرى 8-ئورۇندىكى سىنگاپوردىن كېيىنكى 9-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولغان.

غەربىي رايوندىكى مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولغان تاغلىق شەھەر چۇڭچىڭنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىمۇ بىر تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئاسىيا بويىچە 10-ئورۇندا تۇرغان

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号