باش بەت

مەۋلۇدە

1886يوللانما
9مەستانە

ۋىكتورىيەنىڭ «ماشىنا لايىھەلىدىم» دېگەن سۆزى ئىنكار قىلىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 13:29 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا خەۋىرى، ئەنگلىيەلىك چولپان ۋىكتورىيە بېكھام (Victoria Beckham) تۆت بالىنىڭ ئانىسى بولغاندىن سىرت يەنە بىر قانچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن كۈچى بىلەن كىيىم لايىھەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇ 2012-يىلى تەكلىپ بىلەن داڭلىق ماشىنا ماركىسى بازارغا سالغان يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان ئىدى، لېكىن يېقىندا بۇ ماركىنىڭ لايىھىلەش باش نازارەتچىسى گېرىي مەكگروۋېرىن (Gerry McGovern) ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ ئۇنى بىر شاپىلاق سالغاندەك ئىش قىلدى.

ۋىكتورىيە ئىلگىرى داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ لايىھەلەش ئىشلىرىغا قاتناشقان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بۇ ماشىنىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ پەيدا بولغان. ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شۇ چاغدا ۋىكتورىيە دۆلىتىمىزدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا «مەن ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان شۇنداقلا يولدىشىم ھەيدەشنى خالايدىغان ماشىنىدىن بىرنى لايىھەلىدىم» دېگەن. لېكىن بۇ ماركىنىڭ لايىھە باش نازارەتچىسى گېرىي يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ۋىكتورىيەگە قىلچە يۈز بەرمىدى، ئۇ «ۋىكتورىيە بەلكىم لايىھەلەش دېگەن سۆزنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ، ئۇ پەقەت رەڭ ۋە ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىكى ئۆزگىرىش ئىشلىرىغىلا قاتناشتى، قانداقتۇر ماشىنا لايىھەلىمىدى، ماشىنا لايىھەلىگۈچى بولۇشغا نۇرغۇن يىل كېتىدۇ» دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا گېرىي يەنە ئەينى چاغدا ۋىكتورىيە ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ئالدىن تەييارلانغان نۇتۇق سۆزىدە يوق ئىكەنلىكىنى دېدى: «مەن ۋىكتورىيەگە بۇ ئىشنى دېگەندە ئۇ ‹ھە، مېنىڭ نېمە دېگەنلىكىم ئېسىمدە يوق› دېدى، شۇ قېتىملىق ئىشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ باقمىدىم». ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر زات ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: «ۋىكتورىيە ئەزەلدىن ئۆزىنى لايىھەلىگۈچى دېمىدى، بۇ بىر ئەدەپسىزلىك، شۇنداقلا ماشىنا لايىھەلىگۈچىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك»، كېيىن بۇ ماركىنىڭ باياناتچىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ كېلىشتۈرگەن ئاساستا: «ئىككى تەرەپ بۇ ئۈچ يىللىق پىلان ئۈچۈن ئىجادىيەت جەھەتتە ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشتى» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号