باش بەت

شەرىفە

802يوللانما
26مەستانە

دۇنيا بويىچە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئون پايتەخت شەھەر

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 14:43 8 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

10. ھىندىستان پايتەختى دېھلى شەھىرى. دېھلى شەھىرى يېڭى دېھلى ۋە كونا دېھلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بىر شەھەر بولۇپ، يېڭى دېھلى جەنۇبتا، كونا دېھلى بولسا شىمالدا، بۇ ئىككى دېھلى ئارىلىقتىكى دېھلى دەرۋازىسى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يېڭى دېھلى ۋە كونا دېھلى ئىككى شەھەرنىڭ مەنزىرىسى خۇددى ناھايىتى باي ۋە تولىمۇ نامرات ئىككى كىشىنىڭ قوشنا ئولتۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. دېھلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى مۇھىم شەھەر. دېھلى شەھىرى يەنە شاھجاھانئاباد شەھىرى ياكى قەدىمىي دېھلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دېھلى شەھىرى دېھلى مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونىدىكى يامۇنا دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە دېھلى تاغ تىزمىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېھلى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 1484 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پايتەخت شەھەرلەر رەت تەرتىپىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ.

9. مېكسىكا پايتەختى مېكسىكا شەھىرى. مېكسىكا شەھىرى مېكسىكىنىڭ پايتەختى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئاسمانپەلەك بىنالار، مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي ئىزلار، مۇزېيلار، خان ئوردىلىرى، خاتىرە سارايلار، مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرى، ھۆكۈمەت بىنالىرى... دۇنيا بويىچە يەنە نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭمۇ بىرى بولغان مېكسىكا شەھىرىدە نېمە لازىم بولسا شۇ بار. بۇ شەھەرنىڭ كۆلىمى 1500 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ.

8. ئەنگىلىيە پايتەختى لوندون شەھىرى. لوندون ئەنگىلىيەنىڭ، ياكى تولۇق ئاتىلىشى بويىچە ئېيتساق، بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، ئۇ يەنە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھەمدە ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزىي شەھىرى. لوندون شەھىرى يەنە ئۆزىدىن باشقا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزىي شەھەرلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرى ۋە جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ شەھىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ «نىيۇلونگاڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. لوندون شەھىرىنىڭ  ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1577.3 كىۋادىرات كىلومېتىر.

7. ياپونىيە پايتەختى توكيو شەھىرى. توكيو ياپونىيەنىڭ تۆت چوڭ ئارىلى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولغان خونشۇ ئارىلىدىكى كانتو تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر، يەنە دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركەزلىرىنىڭ بىرى. توكيو شەھىرىنىڭ يەر مەيدانى 2188 كىۋادىرات كىلومېتىر.

6. ئاۋستىرالىيە پايتەختى كانبېررا شەھىرى. كانبېررا بولسا ئاۋستىرالىيە فېدېراتىسىيەسىنىڭ پايتەختى، ئاۋستىرالىيە تاغ تىزمىلىرىنىڭ باشلانغان جايىدىكى كەڭ بىر پارچە زېمىنغا جايلاشقان بولۇپ، ئورنى ئاۋستىرالىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. كانبېررا شەھىرىنىڭ يەر مەيدانى 2395 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى بولسا 368 مىڭ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 760 مېتىر. بۇ شەھەر ئەسلىدە كەڭ كەتكەن چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، 1913-يىلىدىن باشلاپ پىلانلىق ھالدا شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان ۋە 1927-يىلى ئاۋستىرالىيەنىڭ پايتەختى ئەسلىدىكى مېلبۇرن شەھىرىدىن مۇشۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

5. رۇسىيە پايتەختى موسكىۋا شەھىرى. موسكىۋا رۇسىيە فېدېراتىسىيەسىنىڭ پايتەختى، موسكىۋا ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي شەھىرى. موسكىۋا شەھىرى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، پۇل مۇئامىلە ۋە قاتناش مەركىزى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرساللاشقان ۋە خەلقئارالاشقان شەھىرى. موسكىۋانىڭ «ئورمانلىقتىكى پايتەخت شەھەر» دېگەن نامى بار، بۇ شەھەرنىڭ كۆلىمى 2511 كىۋادىرات كىلومېتىر.

4. كانادا پايتەختى ئوتتاۋا شەھىرى. ئوتتاۋا كانادانىڭ ئالتىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، كۆلىمى 2778 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئۇ كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى ئوتتاۋا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغا جايلاشقان بولۇپ، تورونتو شەھىرىنىڭ 400 كىلومېتىر شەرقىدە، مونترېئال شەھىرىنىڭ 190 كىلومېتىر غەربىدە.

3. موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتور شەھىرى. ئۇلانباتور موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى بولۇپلا قالماستىن يەنە بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھىرى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش، سانائەت ۋە پەن-تېخنىكا مەركىزى. ئۇلانباتور ناھايىتى قويۇق يايلاق مەدەنىيىتى پۇرىقى بار بىر زامانىۋىي شەھەر. بۇ شەھەرنىڭ 300 نەچچە يىللىق تارىخى بار، يەر مەيدانى 4704 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىسى بىر مىليون 319 مىڭ كىشى.

2. بىرازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە شەھىرى. بۇ شەھەر بىرازىلىيە فېدېراتىسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر. بىرازىلىيە شەھىرى يەنە ئەتراپىدىكى سەككىز ھەمراھ شەھەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 5814 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى بىر مىليون 864 مىڭ كىشى (1990-يىلىدىكى ئىستاتىستىكا). بۇ بىر تاغلىق شەھەر بولۇپ، كىلىماتى ناھايىتى يېقىشلىق.

1. جۇڭگو پايتەختى بېيجىڭ شەھىرى. بېيجىڭ شەھىرى يەنە قىسقىچە «جىڭ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرى، دۆلەت دەرىجىلىك مەركىزىي شەھەر، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر، خەلقئارالاشقان پايتەخت شەھەر، شۇنداقلا يەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە خەلقئارا دىپلوماتىيە مەركىزى، پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، 2016-يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىملىق تۇرۇشلۇق ئاھالىسى 21 مىليون 730 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، شەھەرنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 16 مىڭ 410 كىۋادىرات كىلومېتىر

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۇران1 ھەپتە ئىلگىرى

    پايتەقتىمىز بىيجىڭ راس بەك چوڭ ، جەنۇپتىن شىمالغا 40 كىلومىتىردىن ئاشىدۇ شەھەر رايۇنىلا ، كوچا ئاپتۇبۇستا تەخمىنەن بىر سائەت ماڭىسىز بىر تەرپىدىن بىر تەرپىگە

  • ئادەك2 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق چوڭ پايتەخىتلەر بۇ، بىرازىلىيە شەھىرى بىر ناھىيىدەك كىلىدىكەن، پايتەختىمىز بېيجىڭمۇ كۇچا ناھىيىسىنىڭ يەر مەيدانىدەك كىلىدىكەن، نىماندا چوڭ پەيتەختلەر بۇ… ئۇججوووون، دەم ئېپ قاسام بىر كۆركەمسەم بوماپتۇ جۇمۇ…

  • ئ‍ەلى بابا2 ئاي ئىلگىرى

    ياپۇنيەنىڭ پايتەختى يۇق دەۋاتقانتى،شۇنداقمۇ مەنزىل تۇرداش،،

  • مەمەتجان2 ئاي ئىلگىرى

    ئەزىز ۋەتەنىم جۇڭگۇ سەندىن پەخرلىنمەن

  • ئەركى2 ئاي ئىلگىرى

    دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پايتەختىگە قارىغاندا 10 ھەسسە چوڭ ئىكەن

  • ئالما 09032 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاننىڭ پايتەختى بومباي ئەمەسمىكى

  • ئەبەيجان2 ئاي ئىلگىرى

    يەنلا بىزنىڭ پايتەختىمىزغا يەتمەيدىكەن

  • مەنزىل2 ئاي ئىلگىرى

    ياپونىيەنىڭ پايتەختى يوق دەۋاتاتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号