باش بەت

زورىگۈل

5565يوللانما
4مەستانە

ئامازون CEOسى: بىر تىرىليون ئادەمنى قۇياش سىستېمىسىغا كۆچۈرۈپ چىقىمىز

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 15:41 17 ئىنكاس چۈشتى

Cnbeta تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

TechRadarنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامازوننىڭ Prime ئەزالىق مۇلازىمىتى باشقا پىلانتلارغا كېڭىيەمدۇ؟ ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس تۈنۈگۈن كەچتە ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ئاي شارىنى ئىگىلەش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىنى ئىگىلەش پىلانىنى چۈشەندۈرگەن. بېزوسنىڭ كۆك مەنبە (Blue Origin) ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى شىركىتى بار.

بېزوس ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا: «ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئايغا قايتىدىغان ۋاقتى بولدى، بۇ قېتىم ئاي شارىدا تۇرۇۋېرىشىمىز كېرەك» دېدى.

بېزوس: «ئاي شارىنىڭ قۇتۇپ رايونىدا مەڭگۈلۈك بازا قۇرۇشىمىز كېرەك، ئىنسانلار ئۇ يەردە سۇ ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھازىر ئاي شارىغا بولغان چۈشەنچىمىز 1960- ياكى 1970-يىللاردىكىدىن كۆپ، قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتا ئايغا چىقىشنىڭ تىجەشچانلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىنى ھەل قىلالايمىز» دېدى.

بېزوس يېقىندا «يېشىل ئاي شارى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆك مەنبە ئاي شارىغا ماددىي ئەشيالارنى توشۇپ، ماشىنا ئادەملەرگە ئاي شارىدا مەڭگۈلۈك ئىنسانىيەت بازىسى ياساتقۇزماقچى. كۆك مەنبە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتادىن پايدىلىنىپ ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدۇ ھەمدە ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

مەخپىي پىلان

ھازىرغىچە بېزوسنىڭ كۆك مەنبەگە ئالاقىدار پىلانى مەخپىي تۇتۇلغان. كۆك مەنبە كىچىك تىپتىكى قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتانى داۋراڭ سالماي تەتقىق قىلىپ ۋە سىناپ كەلگەن.

ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالدرىن (Buzz Aldrin): «بېزوس New Shepard ۋە New Glenn راكېتاسىنى داۋراڭ سالماي تەتقىق قىلىپ كەلدى. بېزوس ۋە كۆك مەنبە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتادا غايەت زور بۆسۈشكە ئېرىشتى» دېدى.

كۆك مەنبە New Shepard راكېتاسىدا يولۇچىلارنى سۇب ئوربىتىغا ساياھەتكە ئاپىرىش پىلانىنى بېكىتتى. لېكىن كۆك مەنبە ئوربىتا راكېتاسىغىمۇ مەبلەغ سالدى، Cape Canaveralنىڭ تەتقىقات باغچىسى (Exploration Park)دا چوڭ تىپتىكى راكېتا ياساش زاۋۇتى قۇردى. يېڭى زاۋۇت قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتا New Glenn ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. New Glennنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بار، «313ft» ئىسىملىك نۇسخىسى 2020-يىلى سىناق قىلىنىدۇ.

ئېلون ماسك قارمىقىدىكى SpaceX بۇ يىل 9-ئايدا ئوۋ بۈركۈتى ئېغىر تىپلىق راكېتا (دۇنيادىكى توشۇش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ راكېتا بولغۇسى)نى سىناق قىلىدۇ.

يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان پىلانت

لېكىن، بېزوس كەڭ ئېقىپ يۈرگەن «B پىلان» نۇقتىئىنەزىرى-يەر شارى ھامان بىر كۈنى ھالاك بولىدۇ، ئىنسانلار ئەڭ ياخشىسى باشقا ماكان ئىزدىشى كېرەك دېگەننى ئېتىراپ قىلمىدى.

بېزوس: «بۇنداق كۆز قاراشتىن بىزارمەن، ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىدىكى تۈرلۈك پىلانتلارغا ئالەم كېمىسى قويۇپ بەردى، يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

بىز ئالەمگە مۇھتاج

بېزوسقا نىسبەتەن ئالەمگە كۆچمەن بولۇش يەر شارىدا تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن، خالاس. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياج يەر شارىغا قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى ئورنىتىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، قۇياش ئاساسەن چەكسىز ئېنېرگىيە تەمىنلىگەن.

بېزوس: «كىچىك پىلانتتىن، يەرگە يېقىن نىشانلاردىن ئېنېرگىيەگە ئېرىشسەك بولىدۇ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك يۈزدىن قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشەلەيمىز» دېدى. بولمىسا ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى توختاپ قىلىپ، نوپۇسنى كونترول قىلىش ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى چەكلەشكە توغرا كېلىدىكەن.

بېزوسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇياش سىستېمىسى تەتقىقاتى ۋە كۆچمەن بولۇش يەر شارىنى بىر تىرىليون نوپۇسنى باقالايدىغان قىلىدىكەن، «شۇ چاغدا بىزدە 1000 ئېنىشتىين ۋە 1000 موزارت بار بولۇشى مۇمكىن، بەك قىزىقارلىق بولىدىغاندۇ.»

بېزوس: «ئالەمنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولىدىغىنى بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان راكېتا ياساشنىڭ تەننەرخى زىيادە يۇقىرى. قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتا ياسىشىمىز كېرەك، بۇ دەل كۆك مەنبەنىڭ نىشانى» دېدى. بېزوس يەنە بايلىقىنى قانداق ئىشلىتىش تېمىسى توغرىسىدا سۆزلىدى: «غايەت زور بايلىققا ئېرىشتىم، بايلىقىمدىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارنىڭ ئالەم تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىمەن، مېنىڭچە، بۇ بەك مۇھىم» دېدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھجاھان6 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىنى قىلغان مۇشۇ تاز، تاشقى پىلانت ئادەملىرى مەخپىيەتلىكلىكىمىزنى ئوغۇرلىماقچى، مەن ئۇلاردىن قۇتۇلالماي ئاۋارە، ئالىملار فورمۇلالارنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك، بولمىسا تاشقى پىلانتلىقلار تىخنىكىمىزنى ئۆگىنىۋالسا چاتاق بۇلىدۇ.

  • aa3386 كۈن ئىلگىرى

    تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئادەم گۈشدە كاۋاپ يەيدغان بولدى دە

  • ئىمپېرىيە6 كۈن ئىلگىرى

    ئاۋۇ ئادەم گەپنىڭ ئۇچىقىنى قىلىپتۇ،ئالەمگە كۆچمەن بۇلۇش يەر شارىدا تىخىمۇ ياخشى ياشاش ئۇچۇن دەپ،بەزىلەر تىمىنى ئۇقۇپ چۇشەنمەي ئىنكاس يازامدىغاندۇ،دەپ قالدىم

  • يولۇچى6 كۈن ئىلگىرى

    مەنغۇ ئۆزۈمنى بىلسەم قۇياش سىستېمىسىغا تەۋە يەر شارىدا ياشاۋېتىپتىكەنمەن، ھازىرمۇ شۇ.

  • مەمتىمىن6 كۈن ئىلگىرى

    يارايدۇ........ دۆلەت ، مىللەت ، ئىرىق ئايرىماي ، ئومۇملۇق ئۈچۈنلا ئىش قىلىدىغان ھەم شۇنداق قىلىشنى ئويلايدىغان مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ تىخىمۇ كۆپ بولىشىنى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، تىنىنىڭ ساغلام بولىشىنى تىلەيمەن.

  • ئەركىن6 كۈن ئىلگىرى

    يەر شارى نۇپۇسى 10مىليادقىمۇ يەتمىسە نەدىكى تىرىللىيۇن ئادەمنى يۆتكەيدىغاندۇ،ئادەم دىگەن توخو بولمىسا كۈندە بىرنى تۇغىدىغان،ئەمىلىيەتتىن بەك چەتنەپ كىتىپتۇ بۇلار

  • ئىسىمسىز بالا6 كۈن ئىلگىرى

    ھەر قايسىلىرى شۇنچىلىك بولسىمۇ شىرىن خىيالنى سۈرىشەممەيلا ،،،، تولا قۇرۇقگەپنى قىلىشمىسىلا،،، تىرىشىش كىرەك ئىزدىنىش كىرەك،،،، تەپەككۇر تىخىمۇ قىلىش كىرەك

  • كۈلەڭگۈ6 كۈن ئىلگىرى

    خىيالپەرەسلىك خىيالى تۇيغۇ شىرىن ئارزۇ؟

  • تىمتاس6 كۈن ئىلگىرى

    يەرشارى 7مىلىيارد ئادەمنىڭ تۇرمۇش بىسىمىنى كۆتۈرەلمەي مۇھىت ناچارلىشىپ كىتىپ بارسا ماۋۇلار1تىرلىيون ئادەمنى باقىمىز دەيدۇ ھىسابلاپ باقسام 143يەرشارى ئاندىن1تىرلىيون ئادەمنى باقىلىغۇدەك.....

  • مېھمان6 كۈن ئىلگىرى

    ئەمەلگە ئاسسۇن ۋە ياكى ئاشمىسۇن چۇقۇم شۇنداق دادىللىق بىلەن سىناپ بىقىشقا جۇرئەت قىلىش كىرەك دەپ ئۇيلايمەن .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号