باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10374يوللانما
783مەستانە

ئايروپىلاندا تورغا چىقىش ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 15:50 0 ئىنكاس چۈشتى

بۇ يىل 4–ئاينىڭ 16–كۈنى بېيجىڭدىن چېڭدۇغا ئۇچقان دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى CA4116 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى يۆنىلىشتە ئۇچقان CA4109 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى تۇنجى تۈركۈم تەلەيلىك يولۇچىلار 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا تورغا چىقىش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولدى. ئايروپىلانغا چىقىپ باققان يولۇچىلارغا مەلۇمكى ئايروپىلاندا يانفون ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ، تاختا كومپيۇتېر ۋە خاتىرە كومپيۇتېرلارنى پەقەت ئايروپىلان مۇقىم ئۇچۇۋاتقان چاغدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئايروپىلاندا تورغا چىقسا ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتەمدۇ–يوق؟

كۆپ يىللىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يانفوننىڭ خىزمەت چاستوتىسى بىلەن ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىزمەت چاستوتىسى يېقىنلىشىپ قالىدىغان بولغاچقا، يانفون رادىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە قارىتا يوشۇرۇن خەۋپى بولىدۇ. ئەمما باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، مەسىلەن: ئالما تاختا كومپيۇتېرى قاتارلىق كۆچمە ئىنتېرنېت تور ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەۋاتقان چاغدا چىقىرىدىغان ئېلېكتىرماگنىت سىگناللىرى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچىشىغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە تورغا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفوننىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلگەن ئەھۋالدا باشقا كۆچمە تور ئۈسكۈنىلىرىدىن ھېچقانچە پەرقى بولمايدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى يانفون ئارقىلىق تورغا چىققان چاغدا ئايروپىلان خادىملىرى يانفوننىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى تارقىتىدىغان ياكى تارقاتمايدىغانلىقىغا، ئەمەلىي نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىگە كاشىلا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇمۇ نۆۋەتتە يانفونغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. بىراق ھازىر خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىدە يېڭى تېخنىكىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى، يەنى ئايروپىلانغا كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى ئورنىتىپ بىۋاسىتە ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى بىلەن ئۇلايدۇ، ئاندىن مۇۋاپىق توسقۇچى ئۈسكۈنە ئارقىلىق يانفوننىڭ پەقەت ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى بىلەنلا ئۇلىنىشىغا يول قويۇلۇپ، يانفون كۈچلۈك رادىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى كەلگۈسىدە ئايروپىلاندا يانفون ئىشلىتىش تورغا چىقىشقا ئوخشاش ئاددىيلىشىپ كېتىدۇ. 


مەنبە: يارپ تورى 

http://uy.xjaids.com/e/action/ShowInfo.php?classid=4&id=2181

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号