باش بەت

مەۋلۇدە

1886يوللانما
9مەستانە

«دۇنيا چىراي ئىپادىسى كۈنى» دە دۇنيا جىننېس رېكورتى يېڭىلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:03 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان «دۇنيا چىراي ئىپادىسى كۈنى (Emoji Day)» يېتىپ كەلدى، يېقىندا يەنە ھەر خېل «چىراي ئىپادىسى توپلىمى» باش پېرسوناژ قىلىنغان «چىراي ئىپادىسى تەۋەككۈلچىلىكى (The Emoji Movie)» قويۇلماقچى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچ قىتئە، بەش چوڭ دۆلەتتىكى مەستانىلەر بۇ كارتون فىلىمنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەڭ كۆپ كىشى چىراي ئىپادىسى توپلىمىدىكى قونچاقلاردەك ياسىنىش» بويىچە دۇنيا جىننېس رىكورتىنى يېڭىلىدى. سونى شىركىتى ئىشلىگەن كومېدىيەلىك كارتون كىنو «چىراي ئىپادىسى تەۋەككۈلچىلىكى» 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، چىراي ئىپادىسى توپلىمىغا ئائىت ئاجايىپ ساياھەت يېقىندا چوڭ ئېكراندا ئۆزىنى نامايەندە قىلىدۇ، بۇ كارتوننىڭ دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلىشىدە ئۈمىد بار.

«دۇنيا چىراي ئىپادىسى كۈنى» 2014-يىلى بېكىتىلگەن، ھەر خىل چىراي ئىپادىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، بايرام كۈنلىرىدىكى ئالقىشقا ئېرىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ تەبرىكلەش شەكلىمۇ كۆپ خېل بولماقتا. بۇ يىلقى «دۇنيا چىراي ئىپادىسى كۈنى» ھارپىسىدا،  «چىراي ئىپادىسى تەۋەككۈلچىلىكى» فىلىمىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، نەچچە مىڭلىغان مەستانە ئەنگىلىيە لوندوندا، رۇسىيە موسكۋا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي، ئىرېلاندىيە دۇبلىن ۋە سان پاۋلو قاتارلىق 5 جايدا فىلىمدىكى چىراي ئىپادىسى توپلىمى ئوبرازىدا ياسىنىپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەڭ كۆپ كىشى چىراي ئىپادىسى توپلىمىدىكى قونچاقلاردەك ياسىنىش» بويىچە دۇنيا جىننېس رىكورتىنى يېڭىلاپ ئورگان تەرەپنىڭ گۇۋاھلىقىغا ۋە شان-شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا قىتئەسى، ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كىشىلەرمۇ بۇنىڭغا پائال ماسلىشىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىكى بويىچە ياسىنىپ سەپكە قېتىلدى. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا بۇ قېتىم ئەسلىدىكى چىراي ئىپادىسى توپلىمىدا بولمىغان مىڭدىن ئارتۇق يېڭى چىراي ئىپادىسى بارلىققا كەلگەن.

جىنىس دۇنيا رىكورتى رېپىرى بۇنىڭغا مۇنداق باھا بەردى: «بىز بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ۋاقىت كونترول قىلىش كۈچىگە ھەيران قالدۇق، بۇلانىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەردى، بۇ قالتىس نەتىجە ئورگان تەرەپنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى». سونى كۆڭۈل ئىچىش شىركىتىنىڭ يەر شارى سېتىش دېرىكتورى مۇنداق دېدى: «بۇ يېڭى جىننېس دۇنيا رېكورتى چىراي ئىپادىسى توپلىمىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى، بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ «چىراي ئىپادىسى تەۋەككۈلچىلىكى» نىڭ قويۇلۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن».

«چىراي ئىپادىسى تەۋەككۈلچىلىكى» يېڭىچە ئۇسۇلدا يان تېلېفون دۇنياسىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاچىدۇ، بۇ يەردە كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇش بولغان چىراي ئىپادىلىرى تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش نىشانى ئىگىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن مۇناسىپ چىراي ئىپادىسىنى نامايەندە قىلىش. ھەر خىل قىياپەتتىكى چىراي ئىپادىسى توپلىمىغا ئېگە جېيىن بىر قېتىملىق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن پۈتكۈل چىراي ئىپادىسى دۇنياسىنى ۋەيران قېلىش خەۋپكە دۇچار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئاجايىپ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىنى باشلايدۇ.

بۇ كارتون كىنو چىراي ئىپادىسىنىڭ چوڭ ئېكراندا تۇنجى قېتىم ئۆزىنى نامايەندە قىلىشى، كۈچلۈك تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىجادىي مەنزىرە، قىزىقارلىق ۋەقەلىك پۈتۈن دۇنيا مەستانىلىرىنى قاتتىق تەقەززا قىلماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号