باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

7326يوللانما
18مەستانە

ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيەلىنىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كىچىك ھالقىلار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 16:34 2 ئىنكاس چۈشتى

● ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارماسلىق
● ساقال ئېلىش تىغى، چىش چوتكىسىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلتمەسلىك لازىم
● دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋابلار بىلەن قۇلاق تەشتۈرمەسلىك، قاش چەكتۈرمەسلىك لازىم
● ئۆزى ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانغان ۋاقىتتا گاندوم ئىشلىتىش.
● زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلار باشقىلار بىلەن ئىشىپرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى لازىم.
● داۋالاش ئېلىپ بارغاندا دېزىنفېكسىيەلەنگەن داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.
● قان سېلىش زۆرۈر بولغاندا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئۆلچەملىك قاننى سېلىش كېرەك.
● نىكاھتىن بۇرۇن بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېگىنىنى تەكشۈرتىش، نىكاھتىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، بىر-بىرسىگە سادىق بولۇش.
● ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن ساقلىنىش.
● ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالسا، بالىنى چۈشۈرۋېتىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.
● ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارنى، مەيلى قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېگىنىنىڭ مۇسبەت بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، تۇغقان ئانىسى ئىمىتمەسلىكى كېرەك.
● ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.
● زەھەرنى تېتىپ بېقىش نىيتىدە بولماسلىق، زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلار دەرھال زەھەر تاشلاشى لازىم.
● قانۇنسىز قان يىغىش پونكىتلىرىغا بېرىپ قان بەرمەسلىك ۋە قان ساتماسلىق لازىم.
● بەدەنگە گۈل چەكتۈرمەسلىك لازىم.
● دوختۇر، سېستىرا، تەكشۈرگۈچى خادىملار ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغاندا، ئوپىراتسىيە پىچىقى ۋە ئوكۇل يىڭنىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تېرىسىنى زەخمىلەندۈرىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
● باشقىلار بىلەن مۇشىتلاشماسلىق لازىم، مۇشىتلىشىش جەريانىدا قان تۆكۈلۈشتىن خالى بولۇش تەس بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مەنبە: يارپ تورى

http://uy.xjaids.com/e/action/ShowInfo.php?classid=6&id=2188

باش سۈرەت تاللاش x
  • قوزىچاق6 كۈن ئىلگىرى

    مۇشلاشقاندا ۋە قۇلاق تەشكۈزگەندە بۇ راسلا بەك دىققەت قىلپ كەتمەيدىغان نوقتىكەن ،بۇلاپمۇ بىرەسى بىلەن ئۇرشۇپ قاسا سوغوق قانان بوغان ياخشكەن

  • تىمتاس6 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت تەھرىر جاپا چەكتىڭىز سىزگە سۇنۇلغان بىر دەستە گۈل با دەپ تۇرلى مايەردە،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号