باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10255يوللانما
780مەستانە

بەدەنگە چەكمە چەكتۈرسىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 16:38 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاۋسترالىيەلىك ساياھەتچى بەدىنىگە چەكمە چېكىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملاندى

ئاۋسترالىيە سەھىيە تارماقلىرى ئاۋسترالىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغان بالى ئارىلىدا، بەدىنىگە چەكمە چېكىش سەۋەبى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتتى.
غەربىي ئاۋسترالىيە سەھىيە تارمىقى «بارلىق يۇقۇملىنىش مەنبەسى ئىسپاتىنىڭ ھەممىسى (بىمار) نىڭ بالى ئارىلىدىكى بەدەنگە چەكمە چېكىش كەچۈرمىشىدۇر»دەپ كۆرسەتتى، ئەمما بىمارنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاشكارىلىمىدى.
سەھىيە تارمىقى بالىي ئارىلىدا بەدەنگە چەكمە چەككەنلىكى كىشىلەر بولسا تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
غەربىي ئاۋسترالىيە ئىشتاتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى بۆلۈپ باشقۇرۇش ئەمەلدارى پائۇل ئامستروڭ: «بۇ بىر مىسال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، چەتئەلدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ساغلاملىققا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر تەھدىتنى پەيدا قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
سەھىيە تارماقلىرى، ئادەم بەدىنىدىن تۆشۈك ئېچىشمۇ ئوخشاشلا خەتەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاسانلا جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىدۇ-دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، بۇلتۇر بالى ئارىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، يۇقۇملىنىش مىسالى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %19 كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەنبە: يارپ تورى 

http://uy.xjaids.com/e/action/ShowInfo.php?classid=6&id=2187

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号