باش بەت

ئاتىكەم

27يوللانما
1مەستانە

تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى ساتقان ياش قىزنىڭ قورسىقى ھامىلدار ئاياللارنىڭكىدەك يوغىناپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 16:58 21 ئىنكاس چۈشتى

ئۇدا 11 كۈن «تۇخۇم چىقىرىشنى تېزلىتىش ئوكۇلى» سالغاندىن كېيىن، 20 ياشلار ئەتراپىدىكى قىز چېن لى (يالغان ئىسىم) ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى 12 مىڭ يۈەنگە ساتتى. ئەمما، ئۇ بۇ قىلغىنى ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلىدى يەنى بالىياتقۇ بىلەن تۇخۇمداننىڭ ئىچى ھورمۇنغا توشۇپ كەتكەنلىكتىن قورسىقىغا سۇ يىغلىپ، قورسىقى خۇددى 5 ئايلىق بولغاندەك ئىششىپ كەتتى.

شىنكۈەي گېزىتى گۇاڭدۇڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە جامائەت قانىلى «DV نەق مەيدانى» سەھىپىسى بىلەن بىرلىشىپ «قاراڭغۇ بازاردا تۇخۇم ھۈجەيرىسى سېتىش»قا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئاز بولمىغان ۋاستىچىلەر سودىنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن، ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا «تۇخۇم ھۈجەيرىسى سېتىشتا ئوپېراتسىيە ھاجەتسىز، سالامەتلىككە دەخلىسى يوق» دەپ ئېلان قىلغان.

تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، مۇخبىر چېن لى ئوكۇل ئۇرغۇزغان گۇاڭجۇ بەييۈن رايونى گۇاڭئەن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللىگەندە، دوختۇرخانا يوشۇرۇنچە ئادەم ئەۋەتىپ ئالاقىدار خادىملارنى كەتكۈزۈۋەتكەن. رەسىمدە، ۋۇ فامىلىلىك ۋاستىچى (سول تەرەپ) ئۆز ئۆيىدە چېن لىغا ئوكۇل ئۇرماقتا. رەسىمنى چېن لى تەمىنلىگەن.

تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، چېن لىنىڭ قورسىقى سۇ يىغىلىپ قالغانلىقتىن ئىششىپ، خۇددى بەش ئايلىق بولغاندەكلا بولۇپ قالغان. رەسىمنى چېن لى تەمىنلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن ئەسكى1 ئاي ئىلگىرى

    ،،،،،ااااا،،،،،☺

  • ئوت يۇرەك2 ئاي ئىلگىرى

    ھا ھا ھا ھۇ ھا كۇلمەي دىسەممۇ كۇلگۇم كەپ كىتىۋاتىدۇ تەبەسسۇم راستنلا بەك ئوماقكەن نۇرداشلارنىڭ قىززىقلىقى چۇ ھا ھا ھا

  • A~m2 ئاي ئىلگىرى

    ھاھاھاھاھا تەبەسسۇم تورداش كىچىك بالا ئوخشايدۇ شۇڭا بىلمەي سورىغان گەپ بوپتۇ توغرا چۈشىنىمىز

  • قوشماقلىرم2 ئاي ئىلگىرى

    تەبەسسۇم تورداش،ھېلمۇ ئايال زاتى بۇلۇپ قالغىنىڭز ،تولۇقسزدا بىئولوگىيە دەرسدە سۆزلىندىغۇ تۇخۇم ھۇجەيرسى دەپ، سىز بەك ئوماقكەنسز جۇمۇ

  • ئاكاش ئەسكى2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى ئاياللار ساتمىغان شو قاپتىكەن بونىمو بازارلىق قىپ بوپتو تىرشىڭلا پولتېپىڭلا

  • بەلكىم2 ئاي ئىلگىرى

    داۋالىنىشقا يەتمەس ئەمدى بۇ پۇل ..
    ھە راس بۇنى ئ‍الغانلا نىمە قىلا؟

  • تىمتاس2 ئاي ئىلگىرى

    ھازىر نۇرمال بالىلىق بولاممايدىغان ئەر ئاياللارغا مۇشۇنداق باشقا ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئىلىپ ئىچىدىكى گىننى چىقىرىۋىتىپ ئاشۇ ئەر ئايالنىڭ گىننى تەجىربخانىدا بىرىكتۈرۈپ ئىچىدە ھىچنىمە يوق تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كىرگۈزۈپ بالىياتقۇغا كۆچۈرۈدۇ مانابۇ پىروبىركىدا بوۋاق يىتىلدۈرۈش تىخنىكىسى بالا يەنىلا100% ئەر ئايالنىڭ لىكىن باشقىلارنىڭ قورسىقىدا تۇغۇلىدۇ.

  • ئۇنۇتما2 ئاي ئىلگىرى

    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،
    كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

  • نىرۋانىيە2 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم ئۆلمىسە ھەرخىل ئادەملەرنى ھەرخىل ئىشلار تۈپەيلى كۆرىدىكەن

  • تەنھا گۈل2 ئاي ئىلگىرى

    توۋا شۇنداقمۇ ئ‍ىشلار باركەن دېسە.......

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号