باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8751يوللانما
419مەستانە

ھازىرقى دۇنيادا ھېلىھەم مەۋجۇت بولىۋاتقان يەتتە چاكىنا ئادەت

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 17:10 15 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر مەسىلەن كامېرۇن قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا يول قويۇلىدىغان بولۇپ ھەتتا ئوغلىمۇ دادىسىنىڭ ئايالىغا ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ. بىراق بۇنداق قىلىشتىكى ئەڭ ئاساسىي مەقسەت بولسا، ئانىنىڭ جەمەتنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

ھىندىستاندا «مۇقەددەس ئايال» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بار. بۇ «مۇقەددەس ئايال» شۇ جايدىكى ئاددىي ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا، بۇتخانىغا سوۋغا قىلىنىپ، شۇ يەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ.

بىرما ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدا «زىراپە مىللىتى» بولۇپ، بۇ يەردىكى قىزلار 4، 5 ياش ۋاقىتلىرىدىلا بوينىغا مەجبۇرىي مىس چەمبىرەك تاقايدۇ يەنە كېلىپ، بۇ چەمبىرەك سانىمۇ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ.

ئېفىئوپىيەدە كالپۇك تەخسىسى مىللىتى بار بولۇپ، قەبىلىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى كالپۇكىغا تەخسە ئاسىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قارىماققا ئىنتايىن قورقۇنچۇقلۇقتەك كۆرۈنىدۇ. بىراق بۇ شۇ جايدىكى ساھىبجاماللارنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. قىزلار 10 يېشىدىن باشلاپ، كالپۇك تەخسىسى ئاسىدىغان بولۇپ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تەخسىمۇ چوڭلاپ بارىدۇ.

خوندۇراس تاغلىق رايونىدا ئايالىنى خالىغانچە ساتسا بولىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ قىلمىش قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇنداق قىلغاچقا، ھېچكىم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ.

ئېفىئوپىيەدىكى كارلوۋ مىللىتىدىكى قىزلار بەدىنىگە ھەرخىل چەكمىلەرنى چېكىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ جەريان ئىنتايىن ئازابلىق ئىكەن.

نېپالدىكى نېۋار مىللىتىدىكى قىزلار 6، 7 يېشىدىلا بىر خىل قاتتىق پوستلىق مېۋىگە ياتلىق بولىدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ شۇ نەرسە ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، قىزلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، 2-ئەرگە ياتلىق بولسىمۇ بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ساراڭ2 ئاي ئىلگىرى

    دادىسىنىڭ ئايلى دىگەن بىلەن تۇققان ئانىسى دىگەننىڭ ئارلىقىدا پەرىق با بۇلار بەلكىم دادىسىنىڭ باشقا خوتۇنلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغاندۇ ئۆزىنىڭ تۇققان ئانىسىنى ئالماس ھەر قانچە بولسىمۇ

  • ،yax lik2 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ قىزلىرمىز كەلپوكىگە ئاشونداق تەخسەئىسۋالسا قانداق بۇلۇپ قالار ،ئاۋۇ ئوزنىڭ ئانىسنى ئالدىغانلارچۇتىخى ئادەمنىڭ ئەقلىيەتمەيدو ھايۋاندىن پەرقىيوق

  • ئۇنۋېرسال2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايىتى تايىنى يۇق چاكىنىلىق،
    بۇنداق چاكىنىلىقنى ساناپ كەلسە بەك كۆپ مىكى دەپ ئويلايمەن

  • ھاشىم گەدەن2 ئاي ئىلگىرى

    كەچۈرۈڭلا قاراكۆز دىمەكچىتىم !!!!

  • ھاشىم گەدەن2 ئاي ئىلگىرى

    قاراك كۆز نۇرداش گىپىڭىز ئۇرۇنلۇق

  • ھېكىم سەھرا2 ئاي ئىلگىرى

    خۇندارۇس مىللىتىنىڭ ئاجايىپ غەلىتە قىلىقلىرى بار ئى ىكەن ، ئايالىنى ساتىدىغان
    بىزدە ئاياللارغا يامان نەزەر بىلەن قارىسا پۇتىنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئادەت بار.

  • ئۆتكەن كۈنلەر2 ئاي ئىلگىرى

    ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايدىكەنمىز ، ھەيران قالدىم ،نىمە جاپا ئۆزىنى ئازاپلاپ ...

  • تۈز كۇڭۇل2 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍اۋ ئ‍اغزغا يۇمۇلاق نەرسە سېلۋالغان قەبىلە كشلىرى تاماقنى قانداق يەيدىغاندۇ ، شۇنىڭغا بەك ھەيران قالدىم ديسە

  • ئەركەم2 ئاي ئىلگىرى

    ئەقىلىي يوق ھايۋانلارمۇ ئۆز ئانىسىغا سەكرىمەيدۇ، مەجبۇرى ئاشۇنداق ئىش بوپ قالسا، ئەركىكى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئۆلىۋالىدۇ …

  • مەمەتجان2 ئاي ئىلگىرى

    بىز ئۇيغۇر بولغانلىقىىزدىن جۇڭگۇ پۇقراسى بولغانلققىمىزدىن پەخرلىنپ ياشايلى باللا جۇنۇ

    نىمە دىگەن قالاق قاملاشمىغان ئادەت ئا خەقلەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号