باش بەت

نۇسرەتگۈل

7699يوللانما
109مەستانە

2045-يىلىغىچە نېمىلەر تېخنىكا دۇنياسىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى بولىدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 20:06 5 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ئامېرىكىدا 35 بەتلىك «2016-2045 يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلارنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدىكى دوكلات» ئېلان قىلىنغان. بۇ دوكلات ئۆتكەن 5 يىل جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتلىرى، ئاقىللار كېڭىشى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان پەن-تېخنىكىنىڭ يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك 32 پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاساسىدا پۈتتۈرۈلگەن. 

700 خىلغا يېقىن پەن-تېخنىكا تۈرىنىڭ يۈزلىنىشىنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاخىرىدا 20 تۈرلۈك تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقى خۇلاسىلەنگەن.

بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مەقسىتى بىرىنچىدىن، ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە دۆلەتنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىشتا يادرولۇق رول ئوينايدىغان تېخنىكىلارنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىش، ئىككىنچىدىن، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ پەن-تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئامېرىكىنى كەلگۈسىدە ئىستىراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىش. 

1. ئەشيا تورى

2045-يىلىغا بارغاندا 100 مىلياردتىن كۆپرەك ئۈسكۈنىنىڭ ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلىنىشى پەرەز قىلىنماقتا. بۇلار كۆچمە ئۈسكۈنە، كىيمە- تاقىما ئۈسكۈنە، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، داۋالاش ئەسلىھەلىرى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرگۈچ، كۆزەتكۈ، ماشىنا ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلاردىن ھاسىل قىلىنىدىغان ھەمدە ھەمبەھرلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىزنىڭ خىزمىتىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزغا يېڭى ئۇچۇر ئىنقىلابى ئېلىپ كېلىدۇ.

كىشىلەر ئەشيا تورىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن دۇنيا ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ مۇۋاپىق قارار چىقىرالايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تورغا ئۇلاش ئۈسكۈنىلىرى ھازىرقى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى، مەسىلەن ئادەم كۈچى بىلەن قىلىنىدىغان كۆزىتىش، باشقۇرۇش، شۇنداقلا رېمونت قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئاپتوماتىكلاشتۇرىدۇ. ئەشيا تورى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، شۇنداقلا سۈنئىي ئىداركتىن ئىبارەت 3 خىل تېخنىكىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى غايەت زور ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا تورى بەرپا قىلىپ، ئادەم كۈچى ئارىلاشتۇرۇلمىغان ئەھۋالدا زور سوممىلىق سودىلارنى پۈتتۈرىدۇ.

بىراق، گەرچە ئەشيا تورى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جامائەت بىخەتەرلىكى، شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرسىمۇ، ئەمما تور بىخەتەرلىكى ۋە شەخسلەر مەخپىيەتلىكىگە قارىتا ئادەمدە بىر خىل ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ، تېررورچىلار، جىنايەت شايكىلىرى ھەمدە دۈشمەن كۈچلەر ئىنتېرنېت تورىنى يېڭى ھۇجۇم ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ. ئەشيا تورىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان كۆپ مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلار ھۆكۈمەتنى شەخسلەرنى كۆزىتىشكە قىزىقتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە بىخەتەرلىك ئارىسىدا كۈرەش شەكىللىنىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

2. ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى

2045-يىلىغا بارغاندا يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىنى ماشىنا ئادەم بىلەن ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى قاپلايدۇ. ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ماشىنىلار قاتناشنى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماشىنا ئادەملەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، مەسىلەن چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، كۆكتات سېتىۋالىدۇ؛ سانائەت ساھەسىدە بولسا يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى يىغىش، جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھەرىكەتچانلىقى، سەزگۈرلۈكى، شۇنداقلا ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىشى بىلەن جەڭ مەيدانلىرىدىكى ياردەمچى بولىدۇ، ھەتتا ئەسكەرلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان يۇمشاق دېتاللار سانائەتتە ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن نەچچە يۈز TB سانلىق مەلۇمات ئىچىدىن قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى تاللاپ چىقىپ، سودا مۇلازىمىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق «ئادەم ئاساس قىلىنىدىغان» كەسپلەرگە قاتنىشىدۇ.

بىراق، ماشىنا ئادەملەر بىلەن ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى نۇرغۇن كىرزىس پەيدا قىلىدۇ. ماشىنا ئادەملەر سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان نەچچە مىليون خىزمەتچى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاپتوماتلاشقان تور سىستېمىسى ھەرقايسى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىر-بىرىگە زەربە بېرىدىغان ئاساسلىق كۆزنىكى بولۇپ قالىدۇ. توقۇنۇشتا ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئەخلاق ۋە مەدەنىيەتكە زور خىرىس پەيدا قىلىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكا

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

3. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە بۇلۇت ھېسابلاش

نۆۋەتتە ئەقلىيفون بىلەن بۇلۇت ھېسابلاش ئىنسانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۇچرىشىش شەكلىنى ئۆزگەرتمەكتە. مەسىلەن، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى تەخمىنەن %30 تور بەت ئارىلاش مەشغۇلاتىنى يانفوندا تاماملىغىلى بولىدۇ، %40 ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسىنى يانفونغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ھازىر ئەقلىيفون ئارقىلىق ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئۆلچىگىلى، ئورۇن بېكىتكىلى، يورۇقلۇق، ئاۋاز، شۇنداقلا جانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. 

يانفونلارنىڭ تەھدىتىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ كۆچمە تورنىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتىمۇ تېز بولماقتا. 2030-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى %75 ئادەم كۆچمە تورغا ئۇلىيالايدۇ، %60 ئادەم يۇقىرى سۈرئەتلىك سىملىق تورغا ئۇلىيالايدۇ.

كۆچمە تېرمىنالنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شۇنداقلا كۆچمە تورنىڭ كەڭ تارقىلىشى بۇلۇت ھېسابلاشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇلۇت ھېسابلاش ھېچقانداق مەبلەغ سېلىنمىغان ئەھۋالدا ئابونتلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى ھېسابلاش مەشغۇلاتىنى تاماملاپ بېرىدۇ. كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە بۇلۇت ھېسابلاشنى ئاساس قىلغان كۆچمە ھېسابلاش تېرمىناللىرى داۋالاشتىن تارتىپ مائارىپقىچە بولغان ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆزگەرتىدۇ.

مەسىلەن، كىشىلەر يانفون ئارقىلىق سالامەتلىكىنى تەكشۈرەلەيدۇ ھەمدە بۇلۇت سۇپىسىنىڭ دىياگنوز يۇمشاق دېتالى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلالايدۇ، كىشىلەر يانفوندىكى مائارىپ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىدۇ، ھەتتا دېھقانلارمۇ يانفونى ئارقىلىق شۇ پەيتتىكى ھاۋارايى ئەۋالىنى ئىگىلەپ، بۇلۇت ھېسابلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھوسۇل يىغىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى تاللاپ چىقىدۇ.

بىراق، بۇ تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى تور بىخەتەرلىكىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى، بىخەتەر بولۇشى، ئېقىم مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. سودىگەرلەر ۋە شەخسلەرمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بۇلۇت سۇپىسىغا يوللاشقا ئادەتلىنىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى

4. ئەقلىيلاشقان شەھەر

2045-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى %70-%65 ئادەم شەھەردە ئولتۇراقلىشىدۇ. شەھەر نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇسى 10 مىليوندىن كۆپرەك دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەر 2016-يىلىدىكى 28دىن 41گە كۆپىيىدۇ. كۆپ مىقداردىكى نوپۇسنىڭ شەھەرگە قاراپ ئېقىشى بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، مەسىلەن شەھەرلەر ئارا قاتنىشى، يېمەكلىك ۋە سۇ مەنبەسى، ئېلىكتىر مەنبەسى، كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش، شۇنداقلا ئاممىۋىي بىخەتەرلىك سىستېمىسى قاتارلىقلارغا زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

كەلگۈسىدىكى ئەقلىيلاشقان شەھەرلەردە ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسىدىن (ICT) پايدىلىنىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەھەرلەرنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى يۇقىرىلىتىلىدۇ.

مەسىلەن، تارقاق تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىش شەھەرلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان توك ۋە سۇنىڭ مىقدارىغا نەق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نازارەتچىلىك قىلىپ، ئەقلىي ئېلىكتىر تورى ئارقىلىق تەقسىملىنىشنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ؛ تورغا ئۇلانغان قاتناش سىگنال سىستېمىسى ھەمدە ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدەش سىستېمىسى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئازايتىدۇ؛ يېڭى ماتېرىيال ۋە يېڭى لاھىيەلەر ئارقىلىق ئەقلىي قۇرۇلۇشلار بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە يورۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرىلىتىلىدۇ، ئىسراپچىلىق ئازايتىلىدۇ؛ ئۆگزىلەرگە قۇياش ئېنىرگىيەلىك تاختا ئورنىتىش، كىچىك تىپلىق شامال گېنىراتورىدىن، يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن، شۇنداقلا باشقا قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق پاكىزە ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

بىراق، يەنە بىر جەھەتتىن مەبلەغ بولمىغان ياكى سىياسىي ئاڭ بولمىغان ئەھۋالدا بۇ تېخنىكىلىك شەھەرلەرگە مەبلەغ سېلىش شەھەرلەرنى تېخىمۇ قىستاڭ ۋە مەينەت قىلىۋېتىدۇ، ھەرخىل توقۇنۇش ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

5. كىۋانت ھېسابلاش

كىۋانت ھېسابلاش دەستىلىنىش پىرىنسىپى ۋە كىۋانت دۆۋىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەردىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇماتلارغا بەلگە سېلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. گەرچە ئۆتكەن نەچچە 10 يىل جەريانىدا كىۋانت ھېسابلاش نەزىرىيە جەھەتتىنلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردا ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. كەلگۈسىدىكى 15-5 يىل ئىچىدە ئىنسانلار ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە كىۋانت ھېسابلاش ياساپ چىقىشى مۇمكىن.

كىۋانت ھېسابلاشنىڭ مەيدانغا كېلىشى دورا تەتقىقاتى، كىلىمات ھەمدە باشقا ماتېرىياللار ئىلمىگە غايەت زور ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ.

بىراق، كىشىلەرنىڭ ئەڭ بەك ئارزۇ قىلىدىغىنى كۋانت شىفىرى ئىلمى. بىر كىۋانت ھېسابلىغۇچ دۇنيادىكى بارلىق شىفىرلارنى يېشەلەيدۇ. ھازىر كىۋانت ھېسابلىغۇچنىڭ نۇرغۇن تېخنىكىلىق باسقۇچلىرى ئاستا-ئاستا ھەل قىلىنىدى. گەرچە بىز 21-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئاندىن ھەقىقىي ئەمەلىي قوللىنىشچان كىۋانت ھېسابلىغۇچنى ياساپ چىقالىساقمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ساھەدىن سېلىنىدىغان مەبلەغ كىۋانت ھېسابلاشنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

6. ئارىلاشما رېئاللىق

مەۋھۇم رېئاللىق ۋە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسى ئېلىكتىرون ئىستېمالى بازىرىدا كۈچلۈك قىزغىنلىق پەيدا قىلدى، ھەرقايسى تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە بۇ بازارغا ھۇجۇم قىلدى. Facebook شىركىتى 2014-يىلى Oculus VRنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ يىل تۇنجى VR كۆزەينىكىنى ئىشلەپچىقاردى. سامسۇڭ، سونى قاتارلىق شىركەتلەرمۇ بۇ يىل VR مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا. مەبلەغنىڭ ئېقىپ كىرىشى VRنىڭ كەلگۈسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد كۆڭۈل ئېچىش تېخنىكىسى بولۇپ بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، VRدىن كۆڭۈل ئېچىشتىن باشقا ساھەلەردىمۇ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى 2-چوڭ ئائىلە بېزەكچىلىك بۇيۇملىرى شىركىتى Lowe’s نۆۋەتتە Holoroom ناملىق 3D كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. Lowe’sنىڭ خېرىدارلىرى بىر بوشلۇق لاھىيەلىۋالغاندىن كېيىن Holoroomدىن پايدىلىنىپ كېيىنكى 3D مودېلىغا كىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرى لاھىيەلىگەن بوشلۇقنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

گەرچە تارىختا بازارنىڭ VR ۋە AR بولغان مۆلچەرى زىيادە كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى، باھا تۆۋەن بولۇشى ۋە ئورۇن تەكشۈرگۈچ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن مەزمۇنلىرى ئارىلاشما رېئاللىق تېخنىكىسىغا كۈچلۈك ئاساس سالغان. كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە بۇ تېخنىكىلار ئاساسلىق تېخنىكىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. AR كۆزەينىكى نەق شۇ ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئابونتلارنىڭ رېئاللىققا ئېلىپ كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. VR كۆزەينىكى كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش ۋە تېگىش سەزگۈلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئارىلاشما رېئاللىققا چوڭقۇر چۆكۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

7. سانلىق مەلۇمات ئانالىزى

2015-يىلى ئىنسانلار جەمئىي 4.4ZB سانلىق مەلۇمات ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ سان ھەر 2 يىلدا بىر ھەسسىلىنىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا ئىستېمال ئادىتى، جامائەت ساغلاملىقى، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە باشقا ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت، ھەتتا سىياسىي قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى گەرچە «چوڭ سانلىق مەلۇمات» قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر يىلى پەقەت %10كىمۇ يەتمەيدىغان سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىنىدۇ.

كەلگۈسى 30 يىل جەريانىدا بىزنىڭ كۆپ مىقداردىكى دىنامىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىز تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتال تارقاق ۋە قالايمىقان ھالەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى پەرقلەندۈرىدۇ ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئايرىپ چىقىدۇ. بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى كەلگۈسىدە سودا ساھەسىدىن ئادەتتىكى شەخسلەرگە كېڭىيىدۇ.

كىشىلەر كەلگۈسى تۇرمۇشىدا چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى يولغا قويغان سىياسەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. بىراق، بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قويۇلىدىغان چەكلمىدە توقۇنۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. دەرىجىدىن تاشقىرى خاسلاشقان تىجارەت، ھۆكۈمەتنىڭ شەخسلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكى ھەمدە ھەرقايسى سانلىق مەلۇمات ئوغرىلاش دېلولىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى سانلىق مەلۇمات ھوقۇقى توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا قىلىدۇ. ھەرقايسى دۈشمەن كۈچلەر ئېھتىمال ئوغرىلاپ كېلىنگەن، توردىن يوشۇرۇن سېتىۋېلىنغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

8. ئىنسانلارنىڭ كۈچىيىشى

كەلگۈسى 30 يىلدا تېخنىكا ئىنسانلارنى ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچ چېكىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، ھەتتا جانلىقلارنىڭ چېكىنىمۇ بۆسۈپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئەشيا تورىغا ئۇلىغىلى بولىدىغان كىيمە-تاقىما ئۈسكۈنىلەر شۇ پەيت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىۋاستە بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ. سىرتقى ئىسكىلىت ۋە چوڭ مېڭە بىلەن تۇتاشقان سۈنئىي قول-پۇت ئىنسانلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ، ئاجىز، مېيىپلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

تەكشۈرگۈچ ھەمدە قىستۇرۇلما كومپيوتېر ئورنىتىلغان يوشۇرۇن كۆزەينەك ياكى ئادەم بەدىنىگە مەڭگۈ كۆچۈرۈۋېتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئىنسانلارنى تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى كىشىلەرنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاش، كېچىدە كۈندۈزدىكىدەك كۆرۈش ھەمدە مەۋھۇم ۋە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق سىستېمىسىنى كۆچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆستۈرىدىغان دورىلار ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. 

ئەلۋەتتە، ئىنسانلارنىڭ كۈچىيىشى نۇرغۇن خىرىس پەيدا قىلىدۇ. «بەدىنىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىش» چىقىمىنى كۆتۈرەلمەيدىغان كىشىلەر ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ھېچقانداق ئىقتىدارى يوقتەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تورغا ئۇلاش تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ بەدىنى، ھەتتا چوڭ مېڭىسىنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچەيتىلىشى يېڭى تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللار رىقابىتى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

9. تور بىخەتەرلىكى

تور بىخەتەرلىكى بىر كونا تېما. ئەمەلىيەتتە، 1991-يىلىلا بەزىلەر «توردىكى پيۇرىل خاربور پورتى» ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، كەلگۈسى 30 يىلدا ئەشيا تورىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇلىنىشلارنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك تور بىخەتەرلىكى تور ساھەسىدىكى مۇھىم تېما بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، گەرچە دۇنيادا تور ھۇجۇمى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ نىشانى پەقەت شەخسلەر ۋە كارخانىلار بىلەن چەكلەنمەكتە، پەيدا قىلىدىغان زىيان ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تارقالمايدىغان ھالەتتە تۇرماقتا. بىراق، كەلگۈسىدىكى ئەھۋال بۇنداق ئاددىي بولمايدۇ. ماشىنا، ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلىكتىر زاۋۇتى، يول چىراغلىرى ھەمدە باشقا نەچچە مىليون شەيئى بىر-بىرىگە باغلىنىشىغا ئەگىشىپ تور ھۇجۇمىنىڭ ئاقىۋىتى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ. دۆلەت، كارخانا ھەمدە شەخسلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى يوشۇرۇن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ھەتتا بۇ ھۇجۇملار بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن بايقىلىدۇ. نۆۋەتتە، كىشىلەر پەرەز قىلالىغان ئەڭ ئېغىر ئەھۋال «توردىكى قىيامەت» توختىماي يۈز بېرىۋاتقان تور ھۇجۇمى تەسىرىدە ئىنتېرنېت ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي فۇنكىسىيەسىنى ۋەيران قىلىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

10. ئىجتىمائىي ئالاقە تورى

ھازىر تەخمىنەن %65 ئامېرىكىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئىشلىتىدۇ. 2005-يىلى بۇ سان ئارانلا %7 ئىدى. ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئاللىبۇرۇن ئىنسانلار پائالىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. بىراق، كەلگۈسى 30 يىلدا ئىجتىمائىي ئالاقە تېخنىكىسى كىشىلەرنىڭ كىچىك تىپلىق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

ئىنسانلار توردىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي كېلىشىم ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈپ نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي قۇرۇلمىلار سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن، سىياسىي مۇنازىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر توردا چىرىكلىك ھەمدە باشقا ئىشلارنى ئاشكارىلىۋېتىشى تاراتقۇلارنىڭ سۈزۈۋېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇنازىرىسىنى كونترول قىلىشى تېخىمۇ بىۋاستىلىشىدۇ. گەرچە كارخانىلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىستېمالچىلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشالىسىمۇ، ئەمما ئىستېمالچىلارمۇ كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى ۋە ھەرىكىتىگە نازارەتچىلىك قىلالايدىغان بولىدۇ.

خەلقنىڭ ئىئانە توپلىشى ۋە بىۋاستە كۆرسىتىش مەزمۇن ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ دېموكراتىكلاشتۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى بىلەن ئامما ئارىسىدىكى پەرقنى غۇۋالاشتۇرىدۇ، بىت تەڭگىسى ۋە باشقا شىفىر قوشقىلى بولىدىغان پۇللار ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن پۇل بىلەن سودىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ. بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش ئاساس قىلىنىدۇ. 

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

11.  رەقەملىك ئىلغار ئۈسكۈنىلەر

ئۆتكەن 60 يىل جەريانىدا كومپيوتېر ۋە باشقا رەقەملىك ئۈسكۈنىلەر ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بىز خۇددى بۇ تېخنىكىلارنىڭ يېڭىلىقىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. شەخسىي كومپيوتېرلار دۇكانلارغا 1975-يىلى كىرگەن بولۇپ، ئاددىي ھالەتتە پايدىلىنىلاتتى. قىسقىغىنە 40 يىلدىن كېيىن ئەقلىيفونلارنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى 1969-يىلى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئايغا چىقارغان ۋاقىتتىكى NASAدىن ئېشىپ كەتتى. كەلگۈسى 30 يىلدا بۇ يۈزلىنىش تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.

كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى يۇقىرىلايدۇ ھەمدە سانلىق مەلۇمات مەنبەسى كېيىڭىدۇ. كۆچمە تور ۋە بۇلۇت ھېسابلاش ئىنسانلارنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدۇ.

كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغىچە بولغان ھەممە ساھەدە رەقەملىك ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى تېخنىكا ئىنسانلار بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ ئالاقە شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئاخىرىدا، ئىنسانلار كومپيوتېرنىڭ ياردىمىدە تەپەككۇرى ئارقىلىق رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىپ، ئۇنى بەدىنىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

12. ئىلغار ماتېرىياللار

ئۆتكەن 10 يىلدا ماتېرىيال ئىلمىدىكى بۆسۈش ئىنسانلارنى نۇرغۇن ئىلغار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدىغان ۋە تازىلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتېرىياللاردىن ئەسلىدىكى شەكلىگە قايتالايدىغان مېتال، نانوماتېرىيال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. 

نانومېتىر ئۆلچىمىدە ئادەتتىكى ماتېرىياللار، مەسىلەن كۆمۈر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك نامايان قىلىدۇ. گىرافىت ئالكېن كاربون ئاتومىدىن شەكىللىنىدىغان، پەقەت بىرلا قەۋىتى بار ئىككى ئۆلچەملىك كىرىستال بولۇپ، قاتتىقلىقى پولاتنىڭ 100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ۋە توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خېلىلا سۈزۈك.

نانو ماتېرىيالىنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ماتور ياكى باشقا مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈزىدىكى سۈركىلىش كۈچى تۆۋەن پەردە قىلىنىدۇ، چىداملىقى يۇقىرى بىرىكمە ماتېرىيال سۈپىتىدە ماشىنا ۋە ئايروپىلان ياساشتا، يېنىك ئوق ئۆتمەس جىلىتكە ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدۇ.

سانائەتتە ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە دورىگەرلىك كارخانىلىرىمۇ دورىگەرلىكتە ئىشلىتىلىدىغان نانو دانچىلىرىنى راك كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىدۇ. كەلگۈسى 30 يىلدا نانو ماتېرىيالى ۋە يېڭى تىپلىق ماتېرىياللار، مەسىلەن كۆپمە مېتال،ساپال بىرىكمە ماتېرىياللار كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغىچە، ماشىنا، تاشيول ۋە كۆۋرۈك ياساش ساھەسىگىچە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

13. ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكىسى

يېڭى تېخنىكا، مەسىلەن ماشىنا ئادەم،ئىلغار بولغان ئىتتىرىش سىستېمىسى، يەڭگىل ماتېرىياللار، دېتاللارنىڭ كىچىكلىشى ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كىرگۈزۈلۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ ئالەم بوشلۇقىنى ئېكىسپېدىتسىيە قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت ياراتتى.

كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ئىنسانلارنى يەنە ئايغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تېخىمۇ ئۇلۇغ ئېكىسپېدىتسىيە، مەسىلەن ئىنسانلارنىڭ مارسقا چىقىشى، شۇنداقلا ئالەم بوشلۇقىنى ئاساس قىلغان باشقا تېخنىكىلاردىن كىچىك پىلانېتلاردىكى كان بايلىقلىرىنى ئېچىشمۇ رېئاللىقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

گەرچە ئالەم بوشلۇقىنى ئېكىسپېدىتسىيە قىلىش، ھەتتا ئىگىلەش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقىنى بولسىمۇ، ئەمما ئالەم بوشلۇقى ئەسلىھەلىرىگە بولغان ئېھتىياج يەر شارىدىكى توقۇنۇشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۈسكۈنىگە تايىنىۋېلىشىغا ئەگىشىپ ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلىش يېڭى نىشانغا ئايلىنىدۇ. 

14. بىرىكمە جانلىقلار پەن-تېخنىكىسى

مېندېل ئىلگىرى ئېرسىيەنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسىي قانۇنىيەتنى بايقىغان، ئېۋېري مەكلېئود مىككارتي DNAنىڭ ئېرسىيە قالىدىغان ماددا ئىكەنلىكىنى بايقاشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار تاللىما خاراكتېرلىك تۈر يېتىشتۈرۈش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلارنى يېتىشتۈردى.

ئىنسانلارنىڭ ئېرسىيەتكە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ DNA ئارقىلىق جانلىقلارنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى جانلىق پەيدا قىلىندى. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش بۇ تېخنىكىدا ئاۋانگارت بولدى. بىراق، ئىنسانلار جانلىقلار پەن-تېخنىكىسىنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويغاندا جانلىقلار ئۇچۇرلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن كومپيوتېر پىروگراممىلىرىنىڭ كودىغا ئوخشاش ئۆزگەرتىپ يازغىلى بولىدۇ.

ئالىملار نۆۋەتتە بىئولوگىيەلىك دېزىل مېيى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان دېڭىز يۈسۈنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل دېڭىز يۈسۈنىدىكى DNAغا نەچچە مىڭ GB سانلىق مەلۇمات يېزىلغان. كەلگۈسى 30 يىلدا بىرىكمە جانلىقلار تېخنىكىسى توكسىن، سانائەتتىكى بىئولوگىيەلىك دېزىل مېيى ياساش ھەمدە ئورتاق ماكانلىشىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى دورا بىلەن تەمىنلەيدىغان جانلىق بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. بىراق، بىرىكمە قانلىقلار بىئولوگىيەلىك قوراللار ۋە كونترول قىلىش تەس بولغان جانلىقلار تۈرىنىڭ تەھدىتىنى زورايتىۋېتىدۇ.

ۋەكىلىك خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

15. ماتېرىيال كۆپەيتىپ ياساش

ماتېرىيال كۆپەيتىپ ياساشنىڭ (3D باسمىسى) سانائەت ساھەسىدىكى سانى چەكلىك تىپ لاھىيەلەش تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى. بىراق، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 3D تېخنىكىسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ھازىر 3D پىرىنتېرىنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەمدە باشقا تېخنىكىلارنىڭ ياردىمىدە دۇنيادا «ئىجادچانلار توپى» شەكىللىنىپ، بۇ تېخنىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بۇزۇۋېتىشكە تەييار تۇرماقتا.

2040-يىلى 3D تېخنىكىسى دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ. يېڭى بىر ئەۋلاد 3D پىرىنتېرى ھەرخى ماتېرىياللارنى بىرىكتۈرەلەيدۇ. ئىنسانلار 3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ئەسۋابلارنى، ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى، زاپاس دېتاللارنى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ ھەمدە ئېھتىياجغا ئاساسەن بۇيرۇتما بۇيۇملارنى ياسايدۇ.

ھەربىي قىسىملارنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ. چۈنكى ھەربىي قوراللار ۋە تولۇقلىما ماتېرىياللار شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا بىۋاستە بېسىپ چىقىرىلىدۇ. جىسىملار ئۇچۇرلىشىپ، تور ئوغرىلىقى ھازىرقى زاماندىكى رېئال ئوغرىلىقنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. تېررورچىلار ۋە جىنايەت شايكىلىرى ئىز قوغلاش قىيىن بولغان خام ماتېرىياللار ئارقىلىق قورال ياراغ، تەكشۈرگۈچ ياساپ جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

16. تىبابەت

كەلگۈسى 30 يىلدا ھەرخىل تېخنىكىلار ئارقىلىق تىبابەت ئىلمىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. گېنلارنىڭ گۇرۇپپىلىشىش ئىلمى ئارقىلىق خۇسۇسىي دورىلارغا ئېرىشىلىدۇ. كەلگۈسىدە راك كېسىلى، يۈرەك-ئۆپكە كېسىلى ۋە باشقا ھازىر داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دورا ياسىلىپ، داۋالىنىدۇ.

ئىنسانلار DNA ئارقىلىق كۆچۈرۈشكە بولىدىغان ئەزالارنى ياساپ چىقىپ ئادەملەرنى ھاياتىدىن ئايرىيدىغان بىر قىسىم ئەھۋاللاردىن، مەسىلەن ئوخشايدىغان تىپتىكى ئەزانى ساقلاش ۋە ئەكس تەسىرى قاتارلىقلاردىن ساقلىنالايدۇ. جانلىقلارنىڭ سۈنئىي پۇت-قولى بىۋاستە نېرۋا سىستېمىسىغا ئۇلىنىپ ھەقىقىي ئەزاغا ئوخشاش تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

ماشىنا جىددىي قۇتقۇزغۇچى ئادەملەر ھەمدە بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدىغان پۇت-قوللار جىددىي كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ «ئالتۇن پەيتى»نى ئۇزارتىدۇ.

 ئالىملار قېرىشنىڭ سەۋەبىدىنى تېپىپ چىقىپ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ، ناھايىتى ساغلام ۋە جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم «قېرىلار» مەيدانغا كېلىدۇ.

تەرەققىي قىلغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ باھاسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىببىي سىستېمىسىغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بايلار  بىلەن نامراتلارنىڭ ھاياتىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىشىدا ناھايىتى زور تەڭپۇڭسىزلىق شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلار ئۆمرىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ياشلار بىلەن قېرىلارنىڭ خىزمەت ۋە باشقا بايلىقلارنى تالىشىش رىقابىتى كۈچىيىدۇ. دورىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك مىكروبلارمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

17. ئېنىرگىيە مەنبەلىرى

كەلگۈسى 30 يىلدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە بولغان ئېھتىياجى %35 ئاشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنسانلار بىر مەيدان ئېنىرگىيە ئىنقىلابىغا دۇچ كەلمەكتە. يېڭىدىن ئىجاد قلىنغان نېفىت قېزىش تېخنىكىسى تېخىمۇ كۆپ نېفىتلىك ۋە گاز مەنبەلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇ دۇنيا نېفىت بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئامېرىكىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتىدىن ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتىگە ئايلاندۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرى، مەسىلەن قۇياش ۋە شامال ئېنىرگىيەلىرىنىڭ باھاسىمۇ نېفىتكە يېقىنلىشىدۇ. قۇياش ئېنىرگىيەسىنى ئېلىپ ئېيتساق ئۆتكەن 10 يىلدا قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان ھەر بىر ۋات توكنىڭ باھاسى 8 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئۇنىڭ ئوندىن بىرىگە تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يادرو رېئاكسىيەسى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىنىدۇ، ئاجرىلىپ چىقىدىغان يادرو ئەخلىتى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ.

بىراق، گەرچە پاكىزە ئېنىرگىيە ئىشلىتىش يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى ئازايتسىمۇ، ئەمما باتارىيە ئىشلەپچىقىرىش، يورۇقلۇق ۋولتلۇق ئەينەك، شۇنداقلا باشقا ئاز تېپىلىدىغان بايلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلار كۆپىيىدۇ. نېفىت ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

18. يېڭى تىپلىق قوراللار

كەلگۈسى 30 يىلدا يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان قوراللار جەڭ مەيدانلىرىدا ھازىر قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە تەتقىق قىلىنىۋاتقان جان ئالغۇچى خاراكتېرى بولمىغان قوراللار ھەمدە ئېنىرگىيەلىك قوراللاردىن باشقا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەربىي ھۇجۇمنى توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قوراللارنى ياسىماقتا. A2AD تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىلىپ پاراخوتقا قارشى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتاغا قارشى زەمبىرەك، زەمبىرەك ھەمدە مىناميوت سىستېمىسى، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قوراللار، شۇنداقلا ئېلىكتر ماگنىت ئىمپۇلىسى قورالى ياساپ چىقىلىدۇ.

19. يېمەكلىك ۋە تاتلىق سۇ پەن-تېخنىكىسى

كەلگۈسى 30 يىلدا تاتلىق سۇ ۋە يېمەكلىك كەمچىلىللىكى دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. ھازىر يەر شارىدىكى تەخمىنەن %25 دېھقانچىلىق ئېتىزى ئاللىبۇرۇن ھەددىدىن زىيادە تېرىقچىلىق قىلىش، قۇرغاقچىلىق، مۇھىت بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە چېكىندى.

كەلگۈسى نەچچە 10 يىلدا ئاساسلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ باھاسى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ %30 ئۆسىدۇ. ناۋادا يەر شارى كىلىماتى ئىسسىپ، ئېھتىياج ئېشىپ كەتسە ھەمدە بايلىقلارنى باشقۇرۇش مەغلۇب بولۇپ ھازىرقى بويىچە كېتىۋەرسە يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ھازىرقىدىن %100 ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

2045-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى %40 ئادەم سۇ مەنبەسى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر ئامال پەن-تېخنىكا.

دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش، مىكرو تىپلىق سۇغىرىش، كېرەكسىز سۇ ۋە يامغۇر سۈينىنى يغىىۋېلىش قاتارلىق تېخنىكىلار ئىنسانلارنىڭ تاتلىق سۇ مەنبەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئازايتىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېھقانلارنى ئاز يەردىن كۆپ ھوسۇل ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يېمەكلىك ۋە تاتلىق سۇ پەن-تېخنىكا قوللىنىلىدىغان يېڭى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك تېخنىكىلار

ئەمەلىي قوللىنىلىشى

20. يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش

نۆۋەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2050-يىلى يەر شارى يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 3-1.4 سېلسىيە گىرادۇس ئاشىدۇ. ئىنسانلار ھەرقانچە يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىپ پارنىك ئېففىكتىنى ئازايتقاندىن تەقدىردىمۇ تېمپىراتۇرا ئوخشاشلا يۇقىرىلاۋېرىدۇ. يەر يۈزى تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاچارچىلىق پەيدا قىلىدۇ، قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن نەچچە مىليون ئادەم ئۇسسۇز قالىدۇ، كەلكۈن ئاپىتى غايەت زور زىيان پەيدا قىلىدۇ.

كەلگۈسى 30 يىلدا بۇ كىرزىسلار كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تېخنىكىلارغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىدۇ. 

بىراق، يەر شارى ئەسلىدىكىدىن 3 سېلسىيە گىرادۇس ئىسسىپ كەتسە كېلىپ چىقىدىغان زىياننى تۆۋەنلىتىش بەكلا قىيىنغا توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا جۇغراپىيەلىك قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق كىلىمات پەيدا قىلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى بولۇشى مۇمكىن. ئالىملار ئىلگىرى ئاتموسفېرادىكى گۈڭگۈرت ياكى ئاليۇمىن ئوكسىدىنى ئازايتىش ئارقىلىق يەر شارى يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغان قۇياش نۇرىنى ئازايتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، بۇ قاراش پەقەت نەزىرىيە باسقۇچىدىلا توختاپ قالغان بولۇپ، خەتىرى ناھايىتى چوڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھجاھان4 ئاي ئىلگىرى

    ھەرقانداق ئىش چەكتىن ئاشسا ئاپەت بۇلۇر، تېخنىكىمۇ شۇ،

  • فىزىك4 ئاي ئىلگىرى

    بۇلار تەرەققى قىلىپ نەگە كەتتى بىز نەدە قالدۇق ،

  • قارا قۇياش4 ئاي ئىلگىرى

    ھايۋاناتلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىشىنى چۈشىگىمۇ كەلتۈرمەپتۇ
    …………ۋاقىتلىق

  • چۆل ئوغلى4 ئاي ئىلگىرى

    كەلگۈسى ئۆزگىچە ۋە گۈزەل،،،،،،

  • چىمەن4 ئاي ئىلگىرى

    ئەركىن نۇرىدا ش سىزنىڭ گەپلىرىڭىز نېمانداق قىزىقارلىق دەيمەن ، ئاڭلاپ بەك كۈلۈپتىمەن . بۇرۇنكىچىك ۋاقتىمداچوڭلاردىنمۇ ئاشتا ئاز تولا ئاڭلىغان ، مۇنداق تولۇق ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.مەن ئاڭلاپ باقمىغان قوغۇنلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ ئى ىكەن ، لېكىن مەن قوغۇن يېيىشكە بەك ئامراق.مەن ئىچى سېرىق چىقىدىغان قوغۇنغا ئامراق.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号