باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8751يوللانما
419مەستانە

ھىندىستانلىق ئاپتوموبىل ھەۋەسكارى غەلىتە شەكىلدىكى ئاپتوموبىللارنى ياسىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:20 10 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۈرەتتىكى بۇ ئەر ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئاباتتىن كەلگەن سۇداكارل ياداۋ بولۇپ، بۇ يىل 40 ياشقا كىردى. ئۆزى ئاپتوموبىل ياساشقا ھېرىسمەن بۇ كىشى تۈرلۈك غەلىتە ئاپتوموبىللارنى لايىھەلەپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلدى.

ئۇ ھەتتا ھامبۇرۇگ بولكىسىنىڭ شەكلىدە ئاپتوموبىل ياساشنىمۇ بىلىدۇ.

14 يېشىدا تۇنجى ئاپتوموبىل ياسىغان ئۇ بۈگۈنكى كۈندە نەچچە يۈزلىگەن خاس ئۇسلۇبتا لايىھەلىگەن ئاپتوموبىللارنى ساقلاپ كەلدى. كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ ئىجادىي كۈچى ئالاھىدە ئىدى.

تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئۆيى ئاللىبۇرۇنلا ئاپتوموبىل مۇزيېغا ئايلاندى.

يەنە كېلىپ بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ئاساسەن دېگۈدەك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مەسىلەن: ئېگىز پاشىنلىق ئاياغ، تاماكا ھەتتا ئاشخانا جابدۇقلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بىزمۇ ئۇنىڭ ئىجادىي كۈچىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالماس2 ئاي ئىلگىرى

    سىزگە ئوشۇق گەپ قىلشنىڭ ھاجىتى يوقكەن،ئوغۇز نۇرداش.سىزگە تىلىمنى ئاغزىمنى ئۇپراتقىنىمنىڭ نىمە پايدىسى دەيسىز؟بۇرۇنقىلا شۇنداق دەپتىكەن ،ئەخمەق نادان ئادەمگە ئاغزىڭنى ئۇپراتساڭ ئۆزەڭمۇ بىر نادانسەن دەپ.نەخ كەلدىدە بۇ گەپ.

  • جىسىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئەسلى مەن ئىنكاس يازماي دىگەن ئىدىم لىكىن ما ئىنكاسلارغا قاراپ، ئۆزەمنى باسالمىدىم مەن نۇر تورىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 3 يىلدىن ئاشتى، مەن مۇشۇ 3 يىل جەريانىدا ياخشى ئىنكاسلاردىن يامان ئىنكاسلارنى كۆپ كۆردۈم ھەم ئىچىندىم ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشىمىز يوقمۇ ؟ بەزىلىرىمىز بىر تال تاياقنى ئۇياقتىن بۇ ياققا يۆتكەشتىن ھورۇنلۇق قىلىمىز ، مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ باشقىلا قىلغان ئىشتىن قۇسۇر ئىزدەيمىز غاجايمىز ، سىلەر مۇشۇ يەردە تىتىقسىز تايىنى يوق ئىنكاسلارنى يىزىپ ئولتاغىچە ئەھمىيەتلىك بىرە ئىشنى قىلساڭلار بولمامدۇ ؟ قىرىنداشلىرىم ئۆزەڭلارنى بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئوپراتماڭلا پايدىسى يوق ، ياخشى يىرى بولسا قوللايلى . يامان يىرى بولسا ئۆزىمىزلام بىلىپ قالايلى ،

  • ئوغۇز2 ئاي ئىلگىرى

    ئۆتەپ كەتكەن ساراڭلىق ئىشقىلىپ بىر ساراڭكەن بۇ
    ئۇنىڭ ئاۋۇ ماشىنىنىڭ كەينى چاقىنىڭ ئورنىغا چاقلىق ئورۇندۇق بەنلىگىنى دىن باشقا ھەممىسى ساراڭنىڭ قىلىدىغان ئىشى ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ
    ئادەتتىكى بىر نەرسىگە چاق ئورنىتىپ قويسىلا ئاپتىموبىل بولمايدۇ بىر يەدە مەنمۇ بالامنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە ياغاچ تاختايدا توچەي ياساپ بۇلۇپ تۆت پاي كىچىك چاق ئورنىتىپ بەگەن ئۇنداقتا مەنمۇ ئاپتىموبىل ياساپ بېرىپتىمەندە بالامغا
    شۇنداقمۇ ئالماس دىگەن بۇرادەر باشقا دوسلانىڭ ئىنكاسىنى ياراتماي ئىجاتچانلىقىنى كۆرەلمەيدۇ دەپسىز ئەمسە مىنىڭكىنى نىمە دەيسىز ، ئۇنى ئىجاتچانلىق دىمەيدۇ قىزىقىش ھەۋەس قىلىش دەيدۇ سىزگە بەك يارىغان بولسا شۇ ساراڭنى ئۇستاز تۇتۇڭ يا

  • گۈلۈم ناھايىتى ئەقىللىق ئادەمكەنغۇ تورداشلار2 ئاي ئىلگىرى

    بىر نەرسە كەشىپ قىلىشمۇ ئۇن
    داق ئاسان ئەمەس

  • ئەنسز كۈنلەر2 ئاي ئىلگىرى

    undi taki
    يامان بوسىڭىز سز ئويونچۇق ماشىنىدىن بىرنىي ياساپ بىقىڭ

  • ئالماس2 ئاي ئىلگىرى

    توۋۋا بەزىبىر نۇرداشلارغا ئەقلىم ھەيران.ئۆزى پوقنى ئوتتۇردىن ئىككى قىلاممايدۇيۇ،خەقنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ھەم ئىجادچالىقىنى كۆرەممەيدۇ.مانا بىزدىكى ساپا...ياخشى نەسىلەنى ئەقلىي قابىليىتىنى ئىجادىي تەپەككۈرىنى قوبۇل قىلىشنى ھەم كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشنى ئويلىمايدۇ...مۇشۇنداق ھەسەت قىلىپ يا بىر ئىشنى باشقا تۈزەكرەك ئېپ چىقالماي،قانداق كاللا بىزدىكى توۋۋا!!!

  • بىلەرمەن2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ، ساراڭ دېمەڭلار ، مۇشۇنداق كەشپىياتلار بىلەن دۇنيا گۈزەل بولىدۇ.

  • under taker2 ئاي ئىلگىرى

    نىمە ئۇ ئا ھېچقايسىسى قاملاشمىغان ھەممە نەرسە ئۆز قىلپىدا بوغان ياخشى بىرسىمۇ بولماپتۇ قەتئىي ساراڭدەكلا

  • مەن2 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساراڭلار بىلەن گۈزەلدۇر.

  • ئا .2 ئاي ئىلگىرى

    راستىنلا ئەقىللىق ئادەمكەن دەششەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号