باش بەت

خەۋەرلەر

1871يوللانما
5مەستانە

ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ قالدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 18:02 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۆز خەۋىرىمىز: پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە مۇھىت ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە يۆنىلىشى تېز سۈرئەتتە پاكىز ۋە تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، ئېلىمىز بولسا دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە تىپىنى پاكىزلىققا ئۆزگەرتىشتىكى باشلامچى دۆلەت بولۇپ قالدى.

 خەلقئارا ئېنېرگىيە ماگناتى BP گۇرۇھى شاڭخەيدە ئېلان قىلغان «BP دۇنيا ئېنېرگىيە ئىستاتىستىكا يىلنامىسى»دە كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى دۇنيادا ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش (سۇ ئېنېرگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئاشقان، بۇنىڭدا جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ قالغان.

 نۆۋەتتە، ھاسىلىي ئېنېرگىيە يەر شارى بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا پەقەت %4 نى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتىدۇ. 2016-يىلى ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىش مىقدارى يەر شارى ئېنېرگىيە يېڭى ئېشىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015-يىلىدىكى %6.7 تىن 2016-يىلىدىكى %7.5 كە يەتكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/17/content_609151.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号