باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

7326يوللانما
18مەستانە

شادىمان تاغ ئۆچكىسى «چولپان» بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 18:41 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈنلەر نېمىدىگەن زېرىكىشلىك» دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىپ بارغان تاغ ئۆچكىسى تۇيۇقسىز يەنە بىر دوستىنى ئۇچرىتىپ قالدى-دە:

-ۋاي ئاداش بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن، ئۆزۈڭ بىلەن بىلەن ئۆزۈڭ ئالدى-كەينىگە دەسسەپ يۈرۈپ كېتىپسەنغۇ، دەپ سورىدى.

خۇشاللىقىن ئاغزىنى يۇمايلا قالغان يەنە بىر تاغ ئۆچكىسى ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن:

-ۋەييەي،،، نېمسىنى دەيسەن ئاداش، يېقىندا قوشنامنىڭ قىزىنىڭ تويى بولىدىكەن. شۇنىڭغا ئۇسسۇل تەييارلاۋاتقان دېمەيسەن، ئاڭلىسام شەھەردىن جىق ئۆچكىلەر كېلىدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىدا «چېنىپ» قالماي دەپ، قانداق سەنمۇ ئويناپ باقامسەن؟

-ناۋەتتەك گەپ قىلدىڭ ئاداش، ئىچىم پۇشۇپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغانتىم، ھەجەپ ياخشى، مەنمۇ ئوينايچۇ.

شۇنداق قىلىپ، خۇشاللىقتىن شوخلىشىپ كەتكەن ئىككى تاغ ئۆچكىسى «مەلىمىزدە بىر قىزچاق بار، ئۇنىڭ ئىسمى پاتى» دېگەن ناخشىغا ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى.

ئۇسسۇل ئويناپ چارچىغان ئىككى تاغ ئۆچكىسى ئۆزىگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر قىيا تاشنىڭ ئۈستىدە قوشنا مەھەلىدىكى شاكىچىكلەرنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە بولدىكىن دەپ بوينىنى سوزۇپ باقتى-دە، يىراقتىن بىر كىشىنىڭ ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: «بىزمۇ بۇ سورۇندىن قالساق قەتئىي بولمايدۇ، تېز ھە، پۇرسەت غەنىيمەت» دېگىنىچە، ناھايىتى چاققانلىق بىلەن بىرلا سەكرەپ، كامېرا ئالدىدا ھازىر بولدى.

دەل مۇشۇ چاغدا، شاكىچىكلەرنىڭ ئاپىسى كېلىپ قالدى، ئۇنىڭدىن سەل خىجىل بولغان بىرەيلەن، يەنە بىرسىگە: «ئاداش، بولدى قىلايلى، خەقنىڭ ئاپىسى باركەن، ئۇمۇ بالىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشىۋالسۇن، بىز كېتەيلى» دېگەندە، يەنە بىرىسى: «ئا.... نېم دەيدىغانسەن، بىر كۆرگەن تونۇش، ئىككى كۆرگەن تۇغقان دەپتىكەن، مانا ئۇلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك بولۇپ قالدۇق، كەتسەڭ ئۆزۈڭ كېتىۋەر» دېدى. دوستىنىڭ «يات كۆرمەيدىغان مىجەزى»دىن ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بىر تاغ ئۆچكىسى دەرھال چۈشۈپ كەتتى.

بىراق، شادىمان تاغ ئۆچكىسى شاكىچىكلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەكلا بولۇپ كەتكەن بولۇپ، كېتىپ قالغان دوستىنى زاڭلىق قىلغىنىچە: «ھەي... ئەخمەق، بىر ئوبدان چولپان بولىدىغان پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىدىدە، مانا ھە، مەن مۇشۇ ھەرىكەتلىرىم بىلەن نۇر تورىغا بىرلا چىقىپ چولپانغا ئايلىنىمەن، ھا... ھا...» دېگەنلەرنى ئويلىغىنىچە، شادلىق كۈلكىسىنى يىراق-يىراقلارغا ياڭراتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چوڭبۇغرا6 كۈن ئىلگىرى

    ئىسىل ، بەك ياخشى يىزىپسىز ،

  • كۆڭۈلچەك6 كۈن ئىلگىرى

    ئادەتتە تاغ ئۆچكىسى دېيىش بىھاجەت.چۈنكى ئۇ تاغ ئۆچكىسى ئەمەس.ئۆچكە، ئوغلاق دېسەكلا كۇپايە.

  • جەسۇر6 كۈن ئىلگىرى

    نىمىدىگەن قاملاشقان مەسەل بۇ ، يارايسىز نۇربىيە خىنىم ،،،

  • ئىسىل6 كۈن ئىلگىرى

    قالتىس! قالتىس! قالتىس ! يارايسىز ئۇيقۇت داۋاملىق تىرىشىڭ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号