باش بەت

ئاتىكەم

27يوللانما
1مەستانە

بوۋا-مومىسىنى ئۆلتۈرگەن ياپونىيەلىك ئەر: كىملا بولسۇن، ئادەم ئۆلتۈرگۈملا بار

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 18:20 10 ئىنكاس چۈشتى

 

16-ئىيۇل ياپونىيەنىڭ خيوگو ناھىيەسى كوبى شەھىرىدە ساقچى قاتىللىق دېلو نەق مەيدانىدا پوستتا تۇرماقتا. شۇ كۈنى، كوبى شەھىرىدىكى 26 ياشلىق ئەر 80 ياشتىن ئاشقان بوۋا-مومىسىنى، قوشنا ئۆيدىكى ياشانغان موماينى ئۆلتۈرگەندىن سىرت، ئانىسى ۋە بىر قوشنا ئايالنى يارىلاندۇرغان.

دېلو يۈز بەرگەن كۈنى تاڭ سەھەردە، كوبى شەھىرىنىڭ شىمالىي رايونىدا تۇرۇشلۇق تاتسۇئو نانبونىڭ (83 ياش) ئۆيىدىن قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىغان قوشنىلار ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، نانبو ئەپەندى ۋە خانىمىنىڭ (83 ياش) ئۆز ئۆيىدە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. يېقىن ئەتراپتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا 79 ياشلىق قوشنا موماينىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىتى بايقالغان بولۇپ، موماي بوغۇزلىۋېتىلگەن. يېقىن ئەتراپتىكى يولدا، نانبو ئەپەندىنىڭ 52 ياشلىق قىزى ۋە 65 ياشلىق ئايال قوشىنىسىمۇ پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇلغان بولۇپ، يەرگەن يىقىلىپ قالغان.

ساقچىلار قولۇم-قوشنىلارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن دەرھال قاتىلنى ئىزدەپ تۇتۇشقا كىرىشكەن.

10 مىنۇتتىن كېيىن ئەتراپتىكى بۇزرۇكگاھتىن قولىدا قانغا بويالغان ئۇچلۇق پىچاق ۋە مېتال كالتەك كۆتۈرۈۋالغان قاتىل توموكو تاكېشىما (26 ياش) نى بايقىغان ۋە پىچاق-قورال قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغان ئالغان.

توموكو تاكېشىما نانبو ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئىكەن.

 قاتىلنىڭ بوۋىسى، 83 ياشلىق تاتسۇئو نانبو. توموكو تاكېشىما سوراققا تارتىلغاندا: «كىملا بولسۇن، ئىشقىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگۈملا بار» دېگەن. نۆۋەتتە، ساقچىلار قاتىلنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇددىئاسىنى تەكشۈرمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇيغۇ2 ئاي ئىلگىرى

    ئەينى ۋاققتتىكى ئەسكەرئالۋاستىنىڭ ئەرۋايىمۇ بۇ ئادەم

  • ياڭ سىزى2 ئاي ئىلگىرى

    ئوسال راس ئۆيلىرى بەك كاتتىكەن30زىمۇ مەنلا

  • جۇدا2 ئاي ئىلگىرى

    بىيەنتەي دىگەن قاندا كىنو ئۇ تۈشەنمىدىم
    تۈشەندۈرۈپ قۇيۇڭلا.

  • تەدبىركار2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ چوقۇم بىيەنتەي كىنولارنى تولا كۆرۈپ بىيەنتەي بوپ كەتكەن نېمە

  • 我是谁?2 ئاي ئىلگىرى

    سەۋەبى يوق ئىش بولمايدۇ،بىكالا ئادەم ئۆلتۈرگۈملا كىلىدۇ دىمەيدۇ،بىراق ھەرقانچە ئىش بوپ كەتسىمۇ ھېلىغۇ ئادەمكەن كىچىككىنە بىر جاننىمۇ ئۆلتۈرۈش ئارتۇقچە.ئادەم ئەمەسكەن بۇ

  • نامەلۇم2 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم بالىسىنى باقساق ئاغزى بۇرنىڭنى قان ئتەر ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنىڭنى ماي ئتەر ئتمۇ باققان ئگىسىنى چىشلىمەيدۇ بۇ ئەمدى قاندا ئنساندۇ

  • ئوسال2 ئاي ئىلگىرى

    مالىنىڭ ئۆيلىرى راس پەيزىكەن ئەتراپى يىشىچىلىقكەن

  • DAHXAT POQI2 ئاي ئىلگىرى

    ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپتۇ ،دىگەن شۇ كەن ،ئىنسان ئەمەس ،

  • چىچەكخان2 ئاي ئىلگىرى

    ساپلا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى يوقلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ ،قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ بۇ مەلئۇن .

  • كەيپىيات2 ئاي ئىلگىرى

    نېمىدىگەن ۋەھشىي بەكلا ياۋۇزكەن .....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号