باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ۋاڭيى ۋە قۇرغۇچىسى ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى شىركەت ۋە ئەڭ ياخشى CEO بولۇپ باھالاندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 18:37 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فوربس ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان 2017-يىللىق جۇڭگونىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى CEO (باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)لىرى تىزىملىكىدە ۋاڭيىنىڭ CEOسى دىڭ لېي تىزىملىككە كىرگەن. دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، دىڭ لېي يېقىندا يەنە بىر خەلقئارا نوپۇزلۇق تىزىملىككە كىردى. 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلى «ئورگان مەبلەغ سالغۇچى» ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يىللىق رەت تەرتىپتە ۋاڭيى شىركىتى «ئاسىيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانا» بولۇپ باھالانغان، دىڭ لېي «ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى CEO» بولۇپ باھالانغان.

«ئورگان مەبلەغ سالغۇچى»نىڭ بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپتە ئاساسلىقى «2017-يىللىق ئاسىيا رايونىدىكى شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ئەترەتلىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانىنى تەكشۈرۈش»نى ئاساس قىلىپ يەكۈن چىقارغان. ۋاڭيى شىركىتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش، يۈكسەك ئاشكارىلىق ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار مۇناسىۋىتىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا «ئاسىيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانا» بولۇپ باھالانغان. «ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى CEO»نى باھالاشتا دىڭ لېي ئىنتىرنېت كەسپىدە تىزىملىككە كىرگەن ئۈچ «ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى CEO»نىڭ بىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭيىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار مۇناسىۋەت ئەترىتىنىڭ مۇدىرى ياڭ يىڭيىڭمۇ «ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغۇچىلار مۇناسىۋىتى كەسپىي خادىمى» بولۇپ باھالانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل جەمئىي 3074 «خېرىدار» خادىم ۋە 858 «سودىگەر» خادىم تەھلىلچى «ئورگان مەبلەغ سالغۇچى»نىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان ھەم 18 كەسىپتىن 2510 كارخانىنى كۆرسەتكەن. تەكشۈرۈشتە «خېرىدار» ۋە «سودىگەر» تەھلىلچىلەر ۋە كارخانىلار شىركەتنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدىكى ئاسىيا (ياپونىيەدىن باشقا)دىكى كارخانىلار ئىچىدىن «ئاسىيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانا»، «ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى CEO»، «ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغۇچى مۇناسىۋەت خادىمى» ۋە «ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغۇچى مۇناسىۋەت شىركىتى»دىن ئىبارەت 4 گۇرۇپپىغا مەخپىي بېلەت تاشلىغان.

ۋاڭيى شىركىتىنىڭ مەبلەغ بازىرىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەلگەن. ئۆتكەن 20 يىلدا دىڭ لېينىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋاڭيىنىڭ مالىيە دوكلاتى كىرىمى ۋە پاي باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2016-يىلى ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئىنتايىن تەسىر كۈچى بار «مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر گېزىتى» 50 كۈچلۈك ئامېرىكا پېيى رەت تەرتىپىنى تۈزدى، ۋاڭيى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ فەيېسبۇك قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ئىنتىرنېت شىركەتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. 2017-يىلى ۋاڭيىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدىكى ساپ كىرىمى 13 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.3 ئاشتى. ساپ كىرىمى 4 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.6 ئېشىپ، ئارقىمۇ-ئارقا تارىخىي يېڭى يۇقىرى نۇقتا ياراتتى.

«ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى CEO» بولۇپ باھالانغان دىڭ لېي 1997-يىلى گۇاڭجۇدا ۋاڭيىنى قۇرغان، شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭيىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك پىلان ۋە باشقۇرۇشلىرىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولدى. ئېلخەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئاۋۋال بايقاشتىن تارتىپ قىسقا ئۇچۇر، تور ئويۇنى قاتارلىق سودا پۇرسەتلىرىنى ھوشيارلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈشكىچە، يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۈچەۋاتقان سۈپەتلىك تور سودىسى ۋە «ئىنتىرنېت + يېزا ئىگىلىك»كىچە دىڭ لېي ئۆتكەن 20 يىلدا سەزگۈر بازار كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە سودا سەزگۈسىنى نامايان قىلىپ جامائەتچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە ۋاڭيىنىڭ تور سودىگەرلىرى كەسكىن تور سودىسى رىقابىتى مۇھىتىدا قاتتىق كېڭىيىپ، ۋاڭيى ئويۇنى، ۋاڭيى بۇلۇت مۇزىكىسى ۋە ۋاڭيى ۋېيياڭ قاتارلىق ۋاڭيى مەھسۇلاتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى بازار ئىنكاسىغا ئېرىشىپ ۋاڭيىنى «ئەڭ ھاياتىي كۈچى بار» ئىنتىرنېت شىركىتىگە ئايلاندۇردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号