باش بەت

شەرىفە

800يوللانما
24مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ئالتە چوڭ شەھەر

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 21:26 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

  1. بېيخەي شەھىرى. كۆپچىلىك بەلكىم بېيخەي شەھىرىنى تازا بىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، بۇ شەھەر ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى تولىمۇ گۈزەل بىر شەھەر. بېيخەي ناھايىتى ياخشى جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئۇ يەنە جەنۇبىي جۇڭگو ئىقتىسادىي گۈللىنىش چەمبىرىكى ۋە غەربىي جەنۇب ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىدا بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىگە تەۋە. پورت شەھەرلەر ئەزەلدىنلا ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھەرلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ۋە تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلالايدۇ، بېيخەي شەھىرى بولسا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىنى ئەڭ كۆپ كۆرگەن شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تەرەققىيات سۈرئىتى پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەر ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

2. سانا شەھىرى. سانا بولسا يەمەننىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا يەنە يەمەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. سانا شەھىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم، تۇپرىقى تولىمۇ مۇنبەت، ھاۋا كىلىماتى يېقىشلىق، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تولىمۇ باب كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە سانا يەنە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت مەركىزى بولۇپ، قاتناش تورى تەرەققىي قىلغان. گەرچە سانا شەھىرىنىڭ نامى ئانچە مەشھۇر بولمىسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ شەھەر چاقماق تېزلىكىدە تەرەققىي قىلماقتا.

3. سۇرات شەھىرى. سۇرات بولسا ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى بىر مۇھىم پورت شەھەر بولۇپ، ھىندىستان گۇجارات ئىشتاتىنىڭ ئىقتىسادىي پايتەختى. سۇراتنىڭ بايلىقلىرى مول، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شەھەر يەنە ئۇزاق يىللىق تارىخقا ئىگە. سۇرات شەھىرى ئىلگىرى يۈكسەك ماشىنىلاشقان بىر چوڭ شەھەر ۋە مۇھىم سانائەت پورتى ئىدى، ئەمما يەنە بىر چوڭ شەھەر بومباينىڭ گۈللىنىشى ۋە سۇرات پورتىنىڭ تىنىپ كېتىشى بىلەن بۇ شەھەر بارا-بارا زاۋاللىققا يۈزلەندى. شۇنداق بولسىمۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سۇرات يەنە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت يېڭى بىر كەسىپكە تايىنىپ، يەنە بىر قېتىم تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.

4. كابۇل شەھىرى. كابۇل ئافغانىستاننىڭ پايتەختى، شۇنداقلا بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. كابۇل شەھىرى يەنە يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى جەھەتتە زور ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا پائالىيەتلىرىدىكى چوقۇم ئۆتىدىغان بىر مۇھىم ئۆتەڭ، شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولىدىكى بىر تۈگۈن. ئافغانىستاندا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇرۇش ئۆتى ئۆچمەي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كابۇل شەھىرى يەنىلا نىسبەتەن بىخەتەر بىر شەھەر ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇشتا كابۇل شەھىرىنىڭ شان-شۆھرىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شەھەرنى تىرىشىپ قايتا قۇرۇشى بىلەن كابۇل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا شەھەرلىرىنىڭ كۆلىمى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

5. باماكو شەھىرى. باماكو بولسا ئافرىقىدىكى مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، شۇنداقلا بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركىزى. باماكو شەھىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم، ئۇ غەربىي ئافرىقا رايونىنىڭ سودا پائالىيەتلىرىدىكى مۇھىم بىر تۈگۈن ۋە شۇنداقلا يەنە بۇ رايوننىڭ مۇھىم قاتناش مەركەزلىرىدىن بىرى. بۇرۇن فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن باماكو ۋە پارىژ شەھەرلىرى ئارىسىدىكى بېرىش-كېلىش ناھايىتى قويۇق، يىلبويى دېگۈدەك ھەر كۈنى بېرىپ-كېلىدىغان ئايروپىلان لىنىيەلىرى بار. يېقىندىن بۇيان باماكو شەھىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئافرىقا قىتئەسى بويىچە تەرەققىياتى ئەڭ تېز شەھەر بولۇپ قالدى.

6. چىتتاگوڭ شەھىرى. چىتتاگوڭ بېنگال دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى بولۇپ، نوپۇسى تۆت مىليوندىن ئاشىدىغان بۇ شەھەر بېنگال دۆلىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى سودا مەركەزلىرىدىن بىرى. چىتتاگوڭ پورتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئۇ ناھايىتى ياخشى بىر تەبىئىي پورت بولۇپ، كېمە توختاش ئورۇنلىرى كۆپ. چىتتاگوڭنىڭ تاشقى سودا ئىقتىسادى گۈللەنگەن بولۇپلا قالماستىن، بۇ شەھەر يەنە دۆلەتنىڭ تېخنىكا مەركىزى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بار. مەيلى ئىقتىساد جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، چىتتاگوڭ شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号