باش بەت

مەۋلۇدە

1770يوللانما
4مەستانە

ئالەمدىن ئۆتكەن ۋەھىمىلىك فىلىم ئاتىسى، داڭلىق رېژىسسور جورجى A رومېرو ھەققىدە

مەنبە:ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 18:39 0 ئىنكاس چۈشتى

ئىلگىرى «تىرىك مۇردا كېچىسى» گە رېژىسسورلۇق قىلغان ئامېرىكىلىق داڭلىق رېژىسسور، ھازىرقى زامان ۋەھىمىلىك كىنو ئاتىسى جورجى A رومېرو ئۆپكە راكى بىلەن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ ۋاستىچىسى Chris Roe بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلدى.

جورجى A رومېرو 1940-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى نيۇيوركتا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ۋەھىمىلىك كىنو ئاتىسى دېگەن نامى بار، ئەڭ نادىر ئەسىرى 1968-يىلى قويۇلغان «تىرىك مۇردا كېچىسى». 

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى  ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جورجى A رومېرو بىر قانچە دوستى بىلەن Image Ten شىركىتىنى قۇرغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقرىپ سۈرەتكە ئالغان فىلىملىرى ئىچىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى «تىرىك مۇردا كېچىسى»، بۇ پەقەت 100 نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ بىلەن ئىشلەنگەن رەڭسىز فىلىم تەننەرخىدىن خېلىلا يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىپ 70-يىللاردىكى كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلانغان ھەمدە 1999-يىلى ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدىكى دۆلەتلىك كىنو مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

«تىرىك مۇردا كېچىسى» دە ۋەھىمىلىك فىلىمگە قايتىدىن تەبىر بېرىپلا قالماستىن يەنە ئېنىق بولغان زوراۋانلىق تەسۋىرى ئارقىلىق ئامېرىكا جەمىئىيىتىنىڭ قالايمىقانچىلىق يىللىرى تەسۋىرلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ جورجى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۆچمەس پېشۋا دەرىجىلىك ئورۇنغا قويۇلغان.


ئۇ يەنە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرى ئەۋج ئالغان B دەرىجىلىك غەلىتە مەخلۇق فىلىملىرىدىكى ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن مۇردا يېقىنقى زامان ۋەھىمىلىك فىلىملىرىنىڭ ئەركىسىگە ئايلانغان، فىلىمدىكى مۇردىلارمۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇردا فىلىملىرى ئىچىدىكى قېلىپ بولغان، ھەتتا «بىئوخىمىيىلىك كرىزىس» يۈرۈشلۈكى ئىچىدىكى بارلىق ئويۇنلاردىكى ھېكايە كۆرۈنۈشى جورجى رومېرونىڭ «Zombie Army Trilogy» يۈرۈشلۈكىدىكى مۇردىلار ئاساسىدا پىلانلانغان.

«تىرىك مۇردا كېچىسى» دىن باشقا «Zombie Army Trilogy» نىڭ قالغان ئىككى ئەسىرى «ئۆلۈكلەر سۈبھىسى Dawn of the Dead» ۋە «قەپەستىن چىققان مۇردا»، «ئۆلۈكلەر سۈبھىسى Dawn of the Dead» بېلەت كىرىمى جەھەتتە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەندىن سىرت، 2003-يىلى «كۆڭۈل ئېچىش ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى فىلىم بولۇپ باھالانغان، لېكىن «قەپەستىن چىققان مۇردا» قويۇلغاندىن كېيىن بېلەت كىرىمى ۋە باھا جەھەتتە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان.

جورجى A رومېرونىڭ باشقا داڭلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە 1982-يىلى ئىشلەنگەن «ئالۋاستى (鬼作秀)» بىلەن 1993-يىلى ئىشلەنگەن «ئادەم بىلەن قوشكېزەك ئالۋاستى (人鬼双胞胎)» قاتارلىقلار بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号