باش بەت

Ely09

550يوللانما
1مەستانە

بايرېن مىيۇنخېن تېلېگراف لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:26 9 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى مېھمان مەيداندا 2017/2018-پەسىللىك تېلېگراف لوڭقىسى مۇسابىقىسگە قاتناشتى، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە لېۋاندوۋسكىنىڭ يانچىلاپ موللاق ئېتىپ كىرگۈزگەن توپى بىلەن خوففېنھام كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، يېڭى ماھىر تولىسسو بايرېندىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، توماس مۇللېر بىر توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس چىقاردى، بېرنات بىر توپ كىرگۈزدى، بايرېن مىيۇنخېن 2―0 نەتىجە بىلەن بىرېمېن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تېلېگراف لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. خامېس رودرىگېزمۇ بايرېندىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى. 

تەخمىنەن 42 مىڭ تاماشىبىننىڭ ئالدىدا، بايرېن مىيۇنخېن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرېمېن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۆتىنچى قېتىم تېلېگراف لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

توماس مۇللېر: «بىز ئىزچىل مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن، ئىپادىمىز ناھايىتى قالتىس بولدى، مېنىڭچە بۇنداق پەسىلدىن بۇرۇنقى تەييارلىق مەزگىلىدىكى مۇسابىقىلەردە بىزنىڭ ئىپادىمىز بىرلەشمىدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ئېشىپ چۈشتى، بۇ تولىمۇ قالتىس بولدى». 

خامېس: «مەن ئىنتايىن خۇشال، مەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئاران بەش كۈن بولدى، بەلكىم بۇ يەرگە ماسلىشىشىم سەل ئاستا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىز ناھايىتى قالتىس بىر مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىدۇق، بۇ خىل ھېسسىيات تولىمۇ قالتىس».

بۇ نۆۋەتلىك تېلېگراف لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە فىرۇشتىل، پانتوۋىچ، ئېۋېنا، فىلىكس گوتزى قاتارلىق ياش ماھىرلارمۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى مىيۇنخېنغا قايتىپ قىسقا مۇددەتلىك ئارام ئالغاندىن كېيىن، 12 كۈنلۈك ئاسىيا سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۆمەر5 كۈن ئىلگىرى

    ئالغا خامىسسسسسسسسسسسسسسسسس

  • مېھمان6 كۈن ئىلگىرى

    بىر مەيداندا ئىككى خىل كىيىم كەيدىمۇ؟

  • sukut6 كۈن ئىلگىرى

    نوچىسى موللىرى بىلەنلىۋاندا ۋىسكى.

  • قوزىچاق6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ يىل ئۇزغۇنلۇق موسابىقىسنى ساقلاپ قالدىم…

  • رائۇل6 كۈن ئىلگىرى

    موللرنىڭ تەلىيى قېچىپتۇ ،،،،،،،

  • ساكۇراگى6 كۈن ئىلگىرى

    جامېس بىلەن ئالاباببەكلا چىقىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ،،،،ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن ، جامىس

  • كەلگەن6 كۈن ئىلگىرى

    بەش كۈن ئىچىدە بىر لۇڭقا نىمە دىگەن تىز

  • شامال6 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇ جامىس دىبالاغا نىمانداق ئوخشايدىغاندۇ ھەيرانمەن
    ياكى دىبالا جامىسقا ئوخشامدىغاندۇ

  • keram6 كۈن ئىلگىرى

    ئىلان قىتىپ قپيمىساڭلا بوممامدۇ دەيمە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号