باش بەت

نۇسرەتگۈل

7731يوللانما
110مەستانە

يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 18:34 1 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 13-ئىيۇل، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئەر-ئايال زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئەر-ئايالنى قارشى ئالدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 15-ئىيۇل، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرى، مۈشۈكئېيىق «جياۋچىڭ» بېرلىن ھايۋاناتلار باغچىسىدا 7-قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ تەييارلانغان بامبۇك ۋە مېۋە تورتتىن ھوزۇرلاندى. «جياۋچىڭ» 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سىچۈەن چېڭدۇدا تۇغۇلغان.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 13-ئىيۇل، ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدىكى ئېمپېدوكل پورتى، لىۋىيە ۋە ماراكەشتىن بارغان 386 كۆچمەن خەلق ئاممىسىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ كېمىسى «Open Arms»قا ئولتۇرۇپ يېتىپ ئىتالىيەگە يېتىپ كەلدى. بۇ كۆچمەنلەر ئارىسىدا 10 ھامىلىدار ئايال ۋە 71 بالا بار ئىدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 11-ئىيۇل، بېنگالنىڭ داككا شەھىرى، بىر قېتىملىق پەسىل شامىلى ۋە سانائەت بۇلغىمىلىرى تەسىرىدە داككا كوچىلىرى «قان دەرياسى»غا ئايلىنىپ قالدى. بېنگالنىڭ سانائەتلىشىش سۈرئىتى تېز بولدى، بولۇپمۇ كۆن-خۇرۇم، دورىگەرلىك ۋە سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىۋى بۇيۇملار سانائىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. بىراق، بۇ سانائەت زاۋۇتلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن بۇلغىمىلار دالىلارغا ۋە يەر ئاستىغا قويۇپ بېرىلىۋېرىپ ئاخىرىدا مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 14-ئىيۇل، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى، 14-ئىيۇل فىرانسىيەدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى، خەلق ئاممىسى سېنا دەريا ساھىلىغا چقىپ ساليۇتلارنى تاماشا قىلدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 11-ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى سانت باربارا ۋىلايىتى، يۇقىرى تېمپىراتۇرا سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ غەربى ۋە كانادانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئورمانلارغا ئوت كەتتى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئوت ئۆچۈردى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 14-ئىيۇل، ئىسپانىيەنىڭ پەمپلونا شەھىرى، پەمپلونادىكى كالا چاپتۇرۇش بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شەھەر ئاھالىلىرى بىرلىكتە «pobre de mi» ناملىق ئەنئەنىۋىي ناخشىنى ئېيتتى، تورېئدورلار بۇ بايرام جەريانىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق بۇقا بىلەن ئېلىشىش نومۇرى كۆرسەتتى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 11-ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا پاتقاققا مىلىنىش بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ پائالىيەتتە بالىلار پاتقاقلىقتا يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ قانغۇچە كۆڭۈل ئاچتى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 12-ئىيۇل، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرى، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ 6 خانىش لەتىزىيا بىلەن بىرلىكتە ئەنگىلىيەگە زىيارەتكە باردى. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت 2 خان جەمەتى ئاتلىق مۇھاپىزەتچى ئەترەتنىڭ پارات مەيدانىدا ئۇلارنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 11-ئىيۇل، كانادانىڭ ئېدمونتون شەھىرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارت ئىشچىلار بىلەن بىللە پاراۋانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆي سالدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 12-ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرى، چىكاگوغا قارا يامغۇر ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن شەھەر رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا يامغۇر سۈيى يىغىلىۋېلىپ، ماشىنىلار سۇ ئىچىدە قالدى، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر كېمە ئاجرىتىپ قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 15-ئىيۇل، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرى، شىۋېتسىيە ئايال ۋەلىئەھدى ۋىكتورىيەنىڭ 40 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن خان جەمەتى بىر ئائىلە كىشىلىرى يازلىق تۇرالغۇسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە، شىۋېتسىيە ئايال ۋەلىئەھدى ۋىكتورىيەنىڭ ئوغلى كىچىك شاھزادە ئوسكار گۈللۈكتە ئوينىماقتا.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 15-ئىيۇل، ئەنگىلىيەنىڭ فەيرفورد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىدە ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىپ ئۇچۇش ئەترىتىدىكىلەر سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

2017-يىلى 14-ئىيۇل خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ تۈلكە بالىسى تەپتارتماستىن باشقىلارنىڭ بېغىغا بۆسۈپ كىرگەندىن باشقا، يەنە كامېراغا قاراپ تىلىنى چىقارغان! ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇرىدىغان Giedrius Stakauskas بېغىدا بۇ «چاقىرىلمىغان مېھمان»نى بايقاپ دەرھال سۈرەتكە تارتىۋالماقچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ تۈلكە بالىسى ئاپپاراتقا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ تولىمۇ ئوماقلىشىپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • under taker4 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسىدىن تىرامپ قالتىسكەن كۆرۈنۈشكە ئالامەت چىقىپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号