سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا ئالياسكا كاتمان دۆلەتلىك باغچىسىدا، بىر قوڭۇر ئېيىق بىرۇكېس شارقىراتمىسىدا قېزىل كېتا بېلىقىنى تۇتۇۋاتقان بولۇپ، گەرچە كۆپ قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ، ئامىتى قاچقاچقىمىكىن، قانداقلا قىلسىمۇ، بۇ بىر تال بېلىقنى زادىلا تۇتۇۋالالمايۋاتقانىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن قوڭۇر ئېيىق: «خەپ توختاپتۇر، سەن بىر نېمىنى ھامان قولۇمغا چۈشۈرىمەن» دېگىنىچە، ئاشۇ كىچىك بېلىق بىلەن كىرىشىپلا قالدى.
بىراق قوڭۇر ئېيىق قانچە جىلە بولغانسېرى، بېلىق تېخىمۇ ئۇنىڭ چىشىغا «تېگىپ»: «قانداق قىلالايتىڭ، سەن ئاشۇ كېلەڭسىز بەدىنىڭ ۋە قولاشمىغان ھەرىكەتلىرىڭ بىلەن مېنى تۇتىمەن دېمەكچىما، ئۇخلاپ چۈشۈڭ» دېگىنىچە، ئېيىقنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۈزۈشكە باشلىدى.
مۇشتۇمدەك بېلىقنىڭ دېگەنلىرى بەكلا ئېغىر كېلىپ كەتتىمۇ، قوڭۇر ئېيىق بار ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتقىنىچە: «خەپ، خەپ، خەپ... ما بىر نېمىنى كۆزدىن يوقاتمىسام، قوڭۇر ئېيىق بولماي كېتەي» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقان قوڭۇر ئېيىق تۇيۇقسىزلا ئاجايىپ بىر ھەرىكەت چىقاردى-دە، «كاپلا» قىلىپ بېلىقنى ئاخىرى قولغا چۈشۈردى. بىچارە بېلىق ئۆزىنىڭ چوڭچىلىق قىلىپ قويغىنىدىن مىڭبىر پۇشايمان قىلغىنىچە، كۆز ياشلىرىنى دەريا-دەريا ئاققۇزۇپ، شۇ كېلەڭسىز ئېيىقنىڭ بىر ۋاقلىق غىزاسىغا ئايلاندى.
ئوت يۇرەك9 ئاي ئىلگىرى
نىمىدىگەن تولا قۇرۇق گەپ بۇ ئىيىق بىلىق تۇتۇپ يەپتىغۇ شۇ
بىلەرمەن9 ئاي ئىلگىرى
چوڭچىلق قىلسا ئاقىۋىتى ئاشۇ بىلقىقا ئوخشاش بولىدۇ. ھ ھ ھ
قارا كۆز9 ئاي ئىلگىرى
ئىيىقنىڭ بىلىق تۇتۇشى بەك قالتىس،