باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

7326يوللانما
18مەستانە

كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ توققۇز ئىشنى قىلماڭ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 18:38 5 ئىنكاس چۈشتى

نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلماي، دوختۇرلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلىشى ۋە دىياگنوز قويۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، داۋالاش لايىھەسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تۆۋەندىكى بۇ ئىشلارنى ئەڭ ياخشىسى قىلمىغان ياخشى.

1. گىرىم قىلماڭ. كۆرۈپ دىياگنوز قويۇش دوختۇرنىڭ كېسەل كۆرۈشتىكى ئاساسىي ئۇسۇللىرىدىن بىرى. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يوشۇرۇنۇپ قېلىپ، دوختۇرنىڭ بىمارنىڭ تېرىسىنى كۆزىتىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دوختۇرنىڭ توپلىغان كىلىنىكىلىق ئۇچۇرلىرىنى خاتالاشتۇرۇپ، دىياگنوز قويۇشقا تەسىر كۆرسىتىش، ھەتتا خاتا ھۆكۈم قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېسەل كۆرسىتىشتىن بۇرۇن، ئۇپا، لەۋلىك، كۆز سۈرمىسى، تىرناق لاكى قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەڭ.

2. تىلنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان يېمەكلىك ۋە دورا يېمەڭ. تىل بولسا جۇڭگو تېبابىتىدە بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆزىتىشتىكى «ئەينەك» ھېسابلىنىدۇ. جۇڭيى تىبابىتىدە تىلنى كۆزىتىشتە، ئاساسلىقى تىل گېزى ۋە تىل سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆزىتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەكلىك ياكى دورا ئارقىلىق بويالغان ساختا ھالەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ: تىل گېزىنى ئاق، مايلىشاڭغۇ قىلىۋېتىدىغان كالا سۈتى ۋە قاتتىق شاكاللىق مېۋە؛ تىل گېزىنى قارىدىتىۋېتىدىغان مىرىكا، قارىئۆرۈك، شاكىلات، قەھۋە قاتارلىقلار، تىل گېزىنى سارغايتىۋېتىدىغان ئاپېلسىن، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلار؛ تىلنى قىزارتىۋېتىدىغان زىيادە قايناق سۇ ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك.

3. ئەتىر ئىشلەتمەڭ. پۇراقنى پۇراش جۇڭيى تىبابىتىدىكى پۇراپ دىياگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل پۇراقلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئەزالارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ياكى پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان، بەزىدە بىمارنىڭ تېنىدىكى پۇراق ئارقىلىق كېسىلىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەتىر ياكى پۇرىقى كۈچلۈك بولغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇرىقىنى يوشۇرۇپ، دىياگنوز قويۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىمارلار دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن ئىلگىرى سامساق قاتارلىق پۇرىقى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى لازىم.

4. جىددىي ھەرىكەت قىلماڭ. تومۇر تۇتۇش جۇڭيى تىبابىتىدىكى كېسەل كۆرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، جۇڭگو تېبابىتىدىكى تومۇر تۇتۇشتا ئاساسلىقى تومۇر تۇتۇپ، تومۇر رايىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆزىتىلىدۇ. ھالبۇكى، تومۇر رايىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىچكى ئەزالاردىكى يەل ۋە قاننىڭ ئايلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەك ھاياجانلانغاندا ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا، تومۇر تېخىمۇ تېز ھەم كۈچلۈك سوقۇپ، تومۇرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاسانلا يوشۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىش ياكى زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم، ئەگەر ئەمدىلا تەنھەرىكەت قىلغان ياكى پەلەمپەيدىن چىققان بولسا، بىر مەزگىل دەم ئېلىپ، تومۇر سوقۇشى مۇقىملاشقاندىن كېيىن دوختۇرغا تومۇر تۇتقۇزۇش لازىم.


5. بەك چىپ كېلىدىغان كىيىم كىيمەڭ. بەدەننى تەكشۈرۈش دوختۇرلارنىڭ كېسەل كۆرۈشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش باسقۇچى، تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوختۇرلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، كېسەلگە توغرا دىياگنوز قويۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر كىيگەن كىيىم بەك چىڭ بولسا، بەزى فىزىيولوگىيەلىك ۋە پاتولوگىيەلىك رېفلېكسلارنى يوشۇرۇپ قېلىپ، دوختۇرنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا ماسلىشىشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، كېسەل كۆرسەتكەندە ئىمكانقەدەر ئازادە كىيىملەرنى كىيىش لازىم.

6. كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرماڭ. كېسەل تارىخىنى سوراپ دىياگنوز قويۇش دوختۇرلار دىياگنوز قويۇشتا بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل، بىمارلار چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دوختۇرغا كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشى ھەمدە دوختۇرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشى لازىم، ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى يوشۇرۇش كېسەللىككە دىياگنوز قويۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دوختۇرنىڭ خاتا دىياگنوز قويۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم راست گەپ قىلىش لازىم.

7. دوختۇرلارنى بەك كۆپ ئالماشتۇرماڭ. نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن، داۋالاش ئۈنۈمى بەلگىلىك ۋاقىتتا ئاندىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، داۋالاش بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا بىر نەچچە دورىنىڭ ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىسىلا دوختۇر دەرھال ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوختۇرلارنىڭ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، توغرا ئىگىلىشى ئۈچۈنمۇ بىر جەريان كېتىدۇ، ھەممە دوختۇرلار بىمارلارنىڭ ئەھۋالىنى بەش- ئالتە مىنۇت ئىچىدىلا پۈتۈنلەي چۈشىنىپ بولالمايدۇ. دوختۇرلارنى بەك كۆپ ئالماشتۇرۇش داۋالاشنىڭ تەكرار بولۇشىنى ياكى كېچىكتۈرۈلۈشىنى پەيدا قىلىدۇ.

8. دورىلارنى خالىغانچە ئىشلەتمەڭ. كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش جەريانىدا، دوختۇرلار بىمارلارنىڭ يەككە تەن پەرقىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبى، ۋاقتى، ئورنى، كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، داۋالاشتىكى بېرىلگەن دورىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر دورا يەپ داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، كېيىنچە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئىشلىتىش ئۈچۈن، دورا ياكى رىتسىپنى خاتىرىلەپ قويىدۇ؛ ياكى باشقىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، باشقىلارنىڭ رېتسېپىنى ئېلىپ ئۆزى دورا ئىچىدۇ. بۇ ئۇسۇل خاتا، ھەتتا ناھايىتى خەتەرلىك. بىمارلار ۋاقتىدا كېسەل كۆرسىتىشى كېرەك، دوختۇرلار كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن داۋالاش لاھىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەيدۇ. ئۆز ئالدىغا دورا يېيىشكە ياكى باشقىلارنىڭ رېتسېپىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

9. كېسەللىك تارىخى ماتېرىيالىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ھەر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە، دوختۇرلار كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى يازىدۇ، يەنە بەزى تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم، كېلەر قېتىم دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە پايدىلىنىشقا بولىدۇ. شۇڭا بىمارلار ھەر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە بارلىق كېسەللىك تارىخى ماتېرىياللىرىنى، بولۇپمۇ مۇھىم تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

مەنبە: خەلق تورى

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىمتاس6 كۈن ئىلگىرى

    ھازىر دوختۇرلا ئۇنداق ئىنچىكە ئەمەس، تەكشۇرۇش ئاپراتىدا نىمە چىقسا شۇ،

  • لەھەڭ6 كۈن ئىلگىرى

    ھازىر نەدە ئۇنداق ئەستايىدىل دوختۇر باركەن، ئالدىغا كەلگەن كېسەلگە بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپمۇ قويماي بىرمۇنچە تەكشۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، تەكشۈرۈشتە نىمە چىقسا شۇ،

  • ŞAŞ6 كۈن ئىلگىرى

    بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ياخشى بولغان تىببى ساۋات ئىكەن

  • ئۆھۆ…6 كۈن ئىلگىرى

    قىززىق … مۇشۇ دوختۇرلار يازغان خەتنىڭ بىرىنىمۇ پەقەت ئوقۇغىلى بولمايدۇ دىسە…

  • ئاۋۇ ماۋۇ6 كۈن ئىلگىرى

    ئەجەپ بەلەن يېزىلىپتۇ بەزىبىر ئۆزىدە كىسەل يوق دوختۇر تىۋېپلارنى ئاخماق قېلىپ كىسەل كۆرستىدىغانلارغا تاپالىساڭ مانا بوممىسا گەپ سورېماي كىسەل تاپ دەيدىغانلار ئوبدانراق ئوقىسا بولغىدەك بۇ يازمىنى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号