باش بەت

ئالىمجان

383يوللانما
4مەستانە

جۇڭگونىڭ 2017-يىللىق GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرى %6.8كە ئۆستۈرۈلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:10 0 ئىنكاس چۈشتى


سىنا تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى :

JPMorgan Chase جۇڭگونىڭ 2017 ـ يىللىق GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرىنى %6.8كە ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مۆلچەردىكى ئېشىش سۈرئىتى %6.7 ئىدى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 38 تىرىليون 149 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شىڭ جىخوڭ ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرۇلۇق مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئىپادە بىلدۈرۈپ : بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىز ئىقتىسادى ئۆتكەن يىلدىن بۇيانقى مۇقىم ھالىتىنى ساقلىغان ئاساستا ئىلگىرىلىدى ھەمدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئىقتىسادىي ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پايدىلىق ئامىللار تېخىمۇ كۆپىيىپ، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، دېدى.

بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ 2-پەسىلدىكى ئىچكى-تاشقى ئېھتىياجىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولۇپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن. ئىككىنچى كەسىپنىڭ GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالى ئېشىپ 3-كەسىپنىڭ GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلاشقان. ئىستېمال جەھەتتە ئاپتوموبىل سودىسى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرى سودىسىغا تۈرتكە بولغان. مەبلەغ سېلىش جەھەتتە گەرچە ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە مەبلەغ سېلىش سوممىسى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇل ئەسلىھە بىلەن ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ تېز سۈرئەتتە ئاشقان. مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن تەڭلەشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号