باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

7326يوللانما
18مەستانە

گېن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:05 0 ئىنكاس چۈشتى

شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ قارىشىچە، 40 ياشتىن بۇرۇن ئىرسىيەت ئامىللىرىنىڭ ئۆمۈرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەخمىنەن %15~%20نى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما تۇرمۇش ئادىتى ئامىلى بولسا ناھايىتى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. يەنى ياش ۋاقتىدا تېنىنى ئاسراش–ئاسرىماسلىقى ئۆمۈرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرى ھەم ئىگىلەيدىغان سالمىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدىكەن.

ئامېرىكا يېشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 100 ياشلىق كىشىلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىدە ئىرسىيەت گېنى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. ئەگەر سىزنىڭ ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىڭىز ئۆمۈر چولپانلىرى بولسا، سىزنىڭمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەردىن 17 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جىن لىنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىشىچە، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئاساسلىقى ئانىدىن ئىرسىيەت قالىدىكەن. يەنى ئانا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرسە پەرزەنتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن، ئەمما ئاتا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرسە پەرزەنتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ناتايىن ئىكەن.

نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

http://uy.ts.cn/life/content/2017-07/17/content_609047.htm?lang=


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号