باش بەت

جۇشقۇنجان

3227يوللانما
3مەستانە

سامسۇڭ: Note 8 يانفونى 9-ئايدا كورېيە ۋە ئامېرىكىدا ئالدىن بازارغا سېلىنىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:05 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېخنىكا بىلوگى PhoneArenaنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنى نيۇيوركتا Galaxy Note 8 يانفونىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن 9-ئايدا بازارغا سالىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. ھازىر سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بۇ خەۋەرنى رەسمىي دەلىللىدى. سامسۇڭ شىركىتى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كوھ دوڭجىننىڭ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى تەيۋەن تاراتقۇلىرىغا دېيىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا Galaxy Note 8 يانفونىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان، بۇ ئىلگىرىكى خەۋەرلەر بىلەن ئاساسەن بىردەك، ئەمما ئۇ ئېنىق قىلىپ چوقۇم 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

ئۇنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، 9-ئايدىن باشلاپ Galaxy Note 8 يانفونى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ بازارغا سېلىنىدىكەن. Galaxy Note8 يانفونى ئاۋۋال 9-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بازارغا سېلىنىدىكەن. ئاندىن 10-ئايدا باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا بازارغا سېلىنىدىكەن.

سامسۇڭ شىركىتى iPhone بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى Galaxy Note 8 يانفونىنى ئومۇميۈزلۈك بازارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان، بۇنداق بولغاندا ئالما شىركىتىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك iPhoneى بىلەن يۈز تۇرانە رىقابەتلىشىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ يىل كۈز پەسلىدە ئۆزىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك ئاساسلىق ماركىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان شىركەت يالغۇز سامسۇڭ شىركىتىلا ئەمەس. گۇگول شىركىتى، ليەنشياڭ گۇرۇھى، خۇاۋېي شىركىتى، LG شىركىتى ۋە سونىي قاتارلىق شىركەتلەرمۇ 2017-يىللىق بېرلىن ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرىنى چىقىرىشنى پىلانلىغان.

سامسۇڭ شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى داۋاملىق تۈردە بېرلىن ئىستىمال ئېلېكترون مەھۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد Galaxy Note يۈرۈشلۈكىدىكى بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئەمما بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئالمىنىڭ يېڭى iPhoneلىرى بىلەن ئارىلىق قالدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يانفونلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان. بېرلىن ئىستېمال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号