باش بەت

نۇسرەتگۈل

6551يوللانما
58مەستانە

توي مۇراسىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايال زاكاز قىلىنغان كەچلىك زىياپەتتە سەرگەردانلارنى مېھمان قىلدى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:04 6 ئىنكاس چۈشتى

خەلقئارا خەۋەرلەر تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئىندىيانا ئىشتاتىدا تۇرىدىغان ساراھ كاممىنىسنىڭ (Sarah Cummins) تويى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ تويغا 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 200 مىڭ يۈەن) سەرپ قىلىنغان بولۇپ، كەچلىك زىياپىتىنى قايتۇرۇۋېتىشكە ئىمكانىيەت بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ساراھ تاماقلارنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇ جايدىكى ئۆي-ماكانسىز سەرگەردانلارنى چاقىرىپ كېلىپ مۇشۇ كەچلىك زىياپەتتىن ھوزۇرلاندۇرغان.

ساراھ بۇ مۇراسىمنى شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 15-ئىيۇل كەچتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مېھمانلىرى ئاساسلىقى ئۆي-ماكانسىزلار بولغاندىن باشقا، يەنە ھەربىي سەپتىن قايتقان 10 نەچچە پېشقەدەم ئەسكەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان. كۆپچىلىك بۇ مۇراسىمدا ئېسىل نازۇ-نېمەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ، پۇخادىن چىققان.

كاممىنس ئەسلىدە 15-ئىيۇل توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. بىراق، ئوغۇل دوستى ئىككەيلەن بىر ھەپتە ئىلگىرى توي مۇراسىمىنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئۇ 170 كىشىلىك تاماقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلانغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى سەرگەردانلارنى يىغىۋېلىش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ زىياپەتنى بىر قېتىملىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. بۇ پائالىيەتتە بىر نەچچە كارخانىدىكىلەر مېھمانلارنىڭ بەزىلىرىگە كاستيۇم ۋە مۇراسىمى كىيىمى سوۋغا قىلغان.

كاممىنسنىڭ بولغۇسى يولدىشى بۇنىڭ تولىمۇ ئاقىلانىلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ 3 قولدىشى بىلەن ئانىسى ۋە ھاممىلىرىمۇ كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىپ ئۇنى قوللىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەختىيار2 ئاي ئىلگىرى

    قايىل بولدۇم بۇ ئايالغا ئەتراپىمىزدىمۇ بىز بىلمەيدىغا ياخشى نىيەتلىك قىزلا ناھايتى كۆپ

  • قادىروف2 ئاي ئىلگىرى

    نامەلۇم نۇرداش.ئەر كىشى تاشلاپ كەتمەپتۇ ، ئىككىسى بىللە قارار قىلغاندىن كېيىن كېچىكتۈرۈلۈپتۇ تويى،

  • نامەلۇم2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قالتىس ئەركىشىدەك ئايال ئكەن كەيپىياتىنى كونتىرال قىلالايدىكەن ئاسان ئەمەس ئۇ ئەر كىشىنىڭ ئازابلىنىشىغا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىپتۇ

  • ئائىشە2 ئاي ئىلگىرى

    يارايسە ئايال ،ئەركەكلەرمۇ قىلاممايدۇ قىلغان ئىشلىرىڭنى

  • سەرسان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئىسىل ئايالكەن ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئىسىل ئايالكەن ئۇ چوقۇم كەلگۈسىدە ياخشى ئانا بولالايدۇ

  • سەپرا تايغان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي، ئىنسانغا تۇرمۇش ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇكەن،
    لېكىنزە ئەمدى بۇ ئايال ئۆمرىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە ئىچىدە يەنىلا بارلىق خاپىچىلىغى ۋە دەردىنى پەقەت ئۆزى ۋە ئۆزىلا بىلىدۇدە ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号