ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
7-ئاينىڭ 17-كۈنى BMW قارمىقىدىكى بايراقدار تىپلىق پىكاپ 2018 نۇسخىدىكى BMW 7 يۈرۈشلىكى رەسىمىي بازارغا سېلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل جۇڭگولۇق خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە قارىتا تېخىمۇ خاسلاشقان ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ماس قەدەمدە BMW M سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسى ۋە ئالاھىدە يۈرۈشلۈك زاپچىسى قاتارلىق ئىككى خىل ئوخشىمىغان تاشقى قىياپەتتىكى 13 خىل ماشىنا تىپىنى چىقاردى، سېتىلىش باھاسى دائىرىسى 898 مىڭ يۈەندىن 2 مىليون 658 مىڭ يۈەنگىچە. تەپسىلىي ماشىنا تىپى ۋە باھاسى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك:
تاشقى قىياپەت جەھەتتە 2018 نۇسخىدىكى BMW 7 يۈرۈشلىكى تۇنجى قېتىم BMW M سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسىنى قوللانغان. بۇنىڭدا 730Li، 740Li ھەمدە 740Li xDriveلارغا بىرلا ۋاقىتتا M سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسى ۋە ئالاھىدە يۈشلۈك زاپچىسى تەمىنلىنىدۇ؛ 750Li xDrive تىپىغا M سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسى سەپلەنگەن؛ 730Liنىڭ ئۆلچەملىك چاق گەردىشى 18 ديۇمدىن 19 ديۇمغا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن؛ 740Li ھەمدە 740Li xDriveغا بىردەك 20 ديۇملۇق چاق گەردىشى سەپلەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت، M سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسىدىكى ماشىنا تىپىغا يەنە BMWنىڭ خاسلاشقان بۇيرۇتۇپ ياسالدا تەمىنلىنىدىغان خاس نۇسخىدىكى كۈلرەڭ تورۇس ئورنىتىلغان.
ھەرىكەت كۈچى قىسىمىدا BMW Li ماشىنا تىپىغا 2.0Tلىق تىك تىزىلغان تۆت سىلىندىرلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 258 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 400 نيۇتون مېتىر؛ BMW 740Li ماشىنا تىپىغا 3.0Tلىق تىك تىزىلغان ئالتە سىلىندىرلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 326 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 450 نيۇتون مېتىر؛ BMW 750Liماشىنا تىپىغا 4.4T V8لىك ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 449 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 650 نيۇتون مېتىر؛ BMW M760Li ماشىنا تىپىغا 6.6T V12لىك ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 610 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 800 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش قىسىمىدا ماتورغا بىردەك 8 خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.
ئارىلاش ماتورلۇق ماشىنا تىپى جەھەتتە BMW 740Leغا 2.0Tلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور بىلەن ئېلېكتر ماتور گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان توكقا چېتىش شەكلىدىكى ئارىلاش سىستېما سەپلەنگەن. ئۇنىۋېرسال ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 326 ئات كۈچى، ساپ توكلۇق ئەندىزىدە ئۇدا مېڭىش مۇساپىسى 42 كىلومېتىر (xDrive تۆت چاق سۆرەش نۇسخىسىنىڭ 39 كىلومېتىر)، ساپ توكلۇق ئەندىزىدە ئەڭ تېز سۈرئىتى 120km/h، ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى 2.4L/100km.
,BMW M69 ئاي ئىلگىرى
چۇقۇم ئالىمەن بۇ ماشىنىنى
بىلمەس9 ئاي ئىلگىرى
10 مىليۇن يۈەن پۇل تاپقاندا مەنمۇ بىرنى ئاممىسام
قارا كۆز9 ئاي ئىلگىرى
كارخانچى سۇدىگەرلەر سىتۋالمىسا ئادەتتىكى كىشلەر رەسىمىنى كۆرۇپ ھۇزۇرلانساق بۇلدى.