باش بەت

زورىگۈل

5798يوللانما
24مەستانە

سۈن خوڭبىن جيا يۆتىڭنىڭ ئورنىغا لېشىنىڭ باش لىدېرلىقىغا تەيىنلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 19:22 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەيرۈي تورى 17-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

17-ئىيۇل لېشى تورىنىڭ 2017-يىللىق ئىككىنچى قېتىملىق ۋاقىتلىق پايچىكلار يىغىنى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى بوخاۋرۈييەن مېھمانخانىسىدا ئېچىلىدىغان بولدى.

جيا يۆتىڭ لېشى تورىنىڭ باش دېرىكتورىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكتىن يىغىن قاراپ چىقىدىغان تۈر «شىركەتنىڭ ئۈچىنچى قېتىم مۇدىرىيەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشى ۋە غەيرىي مۇستەقىل باشقۇرۇش ھەيئىتىنى تولۇقلاپ سايلاشقا ئالاقىدار لايىھەسى» دىققەتنى تارتتى. لېشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، روڭچۇاڭ جۇڭگو كونترول پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى سۈن خوڭبىڭ لېشىنىڭ باش دېرىكتورلۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۆتكەن بىر مەزگىلدە لېشى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مالىيە كىرزىسىغا دۇچ كەلدى. بۇ يىل 1-ئايدا روڭچۇاڭ جۇڭگو كونترول پاي چەكلىك شىركىتى 6 مىليارد 41 مىليون يۈەنگە لېشى تورىنىڭ %8.61 پېيىنى سېتىۋالغان، 7 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە لېشى جىشىن ئېلېكتىرون تېخنىكا شىركىتىنىڭ %33.5 پېيىغا ئېرىشكەن، بىر مىليارد 50 مىليون يۈەنگە لېشى كىنوچىلىقىنىڭ %15 پاي ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. سودا تاماملانغاندىن كېيىن روڭچۇاڭ لېشىنىڭ ئىككىنچى چوڭ پايچىكىگە ئايلانغان.

سۈن خوڭبىڭنىڭ ئېيتىشىچە، لېشىنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە پېيى بازارغا سېلىنغان سىستېما بىلەن بازارغا سېلىنمىغان سىستېمىنى ئايرىش، «پېيى بازارغا سېلىنغان سىستېمىسىنى تولۇق يېپىقلاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن، مەبلەغ يېپىق بولىدىكەن.»

لېكىن تەننەرخ ئۆرلەش، مەبلەغ قىس بولۇش، ماركا زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىرىدە لېشى تورى 14-ئىيۇل ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 637~642 مىليون يۈەن زىيان تارتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە لېشى تورىنىڭ پايدىسى 280 مىليون يۈەن بولغان.

لېشى تورىنىڭ ئېيتىشىچە، لېشى سىستېمىسى مەبلەغ قىس بولۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتنىڭ ماركىسى بەلگىلىك زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن خېرىدارلارنىڭ يېپىشىشچانلىقىدا تەۋرىنىش بولۇپ، شىركەتنىڭ ئېلان كىرىمى، ئاخىرقى ئىستېمال كىرىمى ۋە ئەزالىق كىرىمىنىڭ ھەممىسى زور نىسبەتتە چۈشكەن. 14-ئىيۇل كەچتە لېشى تورى يەنە 2016-يىللىق دوكلاتىنى تۈزەتتى. تۈزىتىلگەن يىللىق دوكلاتتا لېشى تورىنىڭ 2016-يىلى سېتىشتىن بۇرۇنقى بەش چوڭ خېرىدارىنىڭ ھەممىسى لېشى تورىغا باغلىنىشلىق تەرەپ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. لېشى بىلەن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئالاقىدار سودىسى ئاز دېگەندە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت لېشى تورىغا %44.56 سېتىش كىرىمى ياراتقان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرغاندا 9 مىليارد 797 مىليون يۈەن.

لېشى تورىنىڭ ئېيتىشىچە، لېپا سېتىش مۇلازىمىتى (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى بىلەن لېشى ئەقلىي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باغلىنىشلىق تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن سودا سېتىش ئەندىزىسى سەۋەبلىك ئۆزگەرگەن، o2o سۇپىسى قۇرۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك لېشى گۇرۇھىنىڭ o2o سۇپىسىغا بولغان ئىستىراتېگىيەلىك تەلىپى يۈكلەندى، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ لېشىنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسىغا قوشقان تۆھپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 مىليارد 870 مىليون ۋە بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %26.72 ۋە %7.29نى ئىگىلىگەن. قالغان ئۈچى لېشى كۆچمە ئەقلىيلەشكەن ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ شەرق چېيۈەن ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە Le Corporation Limited بولۇپ، لېشىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر مىليارد 500 مىليون، 570 مىليون ۋە 244 مىليون سېتىش كىرىمى يارىتىپ بەرگەن.

بىر تەرىپى كۆپ مىقداردا باغلىنىشلىق سودا، يەنە بىر تەرىپى كۆپ مىقداردا پۇل ئېلىش

ئالدىنقى بەش چوڭ پۇل ئالغان قەرزدار سودىگەردىن لېشى ئەقلىي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، لېشى كۆچمە ئەقلىيلەشكەن ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، لېشى تور سودىسى چەكلىك شىركىتى، لېپا سېتىش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى، لېشى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت بۇ بەش چوڭ باغلىنىشلىق شىركەت جەمئىي 2 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئالغان.

لېشىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنمىغان سىستېمىسى مەبلەغ قىس بولۇش تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بۇنىڭدىن بۇرۇن 19 فوند شىركىتى لېشى تورىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى تۆۋەنلەتتى.

كەسپىي ساھەدىكىلەر: «لېشىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان سىسىتېمىسى بىلەن بازارغا سېلىنمىغان سىستېمىسىنى تېزلىكتە ئايرىۋەتسە سۈن خوڭبىڭنىڭ قوللىغۇچىسى بار بولىدۇ، لېشى تورى نورمال تىجارەت ئىزىغا قايتىدۇ، ئاندىن زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇش تەس ئەمەس» دەپ قارىدى.

ھازىر لېشىنىڭ يادرولۇق كاپىتالى-لېشى تورى، لېشى جىشىن، لېشى كىنوچىلىقىنىڭ ھەممىسى سۈن خوڭبىڭ قارمىقىدىكى «يېڭى لېشى» ئاستىغا مەركەزلەشتى.

بۇ يىل لېشى تورىنىڭ يېڭى باشقۇرغۇچىسى مەيدانغا كەلسە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنى ئىمكانقەدەر تېز مۇقىملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

لياڭ جۈن لېشى تورىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن لېشى جىشىن رەڭلىك تېلېۋىزىزور كەسپىنىڭ سېتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىپ بايلىقلارنى قايتىدىن رەتلىدى، يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە 45 لېشى ئېكولوگىيە ئەمەلىي دۇكىنى تىجارەت باشلىدى.

لېشىنىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، تەمىنلەش زەنجىرىنى قايتا رەتلەش، ماركىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دېگەندەك بۇ جىددىي مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا ئاندىن لېشىغا قايتىدىن ياخشى ئۇل سالغىلى بولىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号