شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فىڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتى جۇڭگونىڭ يېزا ئىسلاھاتى باشلانغان جايلارنىڭ بىرى. شياۋگاڭ كەنتى يەرلەرنى بۆلۈش، ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇش، كىشى بېشى كىرىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشتەك «يېزا ئىگىلىك 1.0 دەۋرى» نى؛ يەر ئوبوروتىدا يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش، كۆلەملىك ئىگىلىكنى يولغا قويۇش، دېھقانلار كىرىمىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، لېكىن يېتەرسىزلىك يەنىلا كۆپ بولۇشتەك «يېزا ئىگىلىك 2.0 دەۋرى» نى باشتىن كەچۈرگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شياۋگاڭ كەنتىدە ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك، ساياھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش يانداش ئەسلىھەلىرى بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن شياۋگاڭ كەنتى «يېزا ئىگىلىك 3.0 دەۋرى» گە قەدەم قويدى.
مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/17/content_609188.htm