باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8801يوللانما
427مەستانە

ئامېرىكىلىق ئايال 22 يىل بۇرۇنقى قىز قولداش كىيىمىنى كىيىپ دوستىدىن كەچۈرۈم سورىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 21:25 1 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئامېرىكا ئوكلاخوما ئىشتاتى ئېدموندتىكى بالىلار ئوقۇشلۇقى يازغۇچىسى تاممى سائۇئېر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇھەببىتى تون بىلەن توي قىلغانلىقىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بىر يۈرۈش كونا توي سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، ۋاقتى ئۆتكەن قىز قولداش مۇراسىم كىيىمى سەۋەبلىك قىز قولداشلىرىدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ يىلدىكى قىز قولداش خېدى مانمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى قىز قولداش كىيىمىنى كىيىپ تۇرمۇش سۈرەتلىرىگە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ، سائۇئېرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ قىلچىلىك زۆرۈريىىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىناق دوستلۇق مۇناسىۋىتى توردا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىدى.

سۇئائېر تارقاتقان توي مۇراسىم سۈرەتلىرىدە ئەينى يىلدىكى قىز قولداش كىيىمى 20-ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدا مودا بولغان بۇرگۇندى رەختىدە تىكىلگەن مۈرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مۇراسىم كۆينىكى بولۇپ، بىراق ھازىر قارىسا مىننەتدارلىق بايرىمىدىكى داستىخانغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

«مەن ئاشۇ كۆينەكلەر ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن، خانىملار» سائۇئېر شۇنداق يازغانىدى. بىراق ئەينى يىلدىكى قىز قولداش مانمۇ بۇ ئىشتا كەچۈرۈم سوراشنىڭ قىلچىلىك زۆرۈرىيتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ: «مەن ئىزچىل شۇ كۆينەكنى كىيىپ كېلىۋاتىمەن» دېگەن.

بۇ قىزىقارلىق سۈرەتلەردىن ماننىڭ بۇرگۇندى رەختىدىن تىكىلگەن قىز قولداش مۇراسىم كۆينىكىنى كىيىپ، مال سېتىۋالغانلىقنى، گۈللەرگە سۇ قويىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كىرىسلودا يېتىپ كىتاب كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

سۇئائېر ماننىڭ ئىنكاسىنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەرنى يېڭى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللاپ، تا ھازىرغىچە 1600 كىشىنىڭ ئىنكاسىغا ئېرىشتى.

مان مەلۇم بىر زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ: «سۇئائېرنىڭ ئەپۇ سورىشى ماڭا ھەربىر قاتناشقان توي مۇراسىمىنى ئەسلەتتى. ھازىر يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ كىيىمىنى كىيەلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • سۇ.2 ئاي ئىلگىرى

    ئوپچى قولداش قىلىش چەتئەللەردە نە زامان مودا بوپتىكەن مانا .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号