باش بەت

خەۋەرلەر

3027يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | قانداشلىقتىن ھالقىغان مۇھەببەت

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-19 10:42 3 ئىنكاس چۈشتى

  

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: «ئاپا، بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھاۋا بەك ئىسسىق بولۇپ كەتتى، سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ مەن ئەۋەتىپ بەرگەن دورىلارنى ئىچىۋاتامسىز؟ » «ئىچىۋاتىمەن، سالامەتلىكىم ياخشى، مەندىن ئەنسىرىمەڭ، خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئىشلەڭ قىزىم! » 21-ئىيۇن، بۇ ئانا بىلەن قىز تېلېفونلىشىۋاتقان ئىللىق مەنزىرە كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى.

   ئانىنىڭ ئىسمى تاشخان دۆلەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-دېۋىزىيە 49-تۇەن 20-ليەندە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئايال، بۇ يىل 65 ياشقا كىردى. قىزنىڭ ئىسمى ئايگۈل، ئۇ بىر خەنزۇ قىز. 23 يىل ئىلگىرى، ئۇلار قانداشلىق ۋە مىللەت ھالقىغان ئانا-بالىلىق رىشتىنى ئورناتتى. 

   «ماڭا ئۇچرىغانىكەن، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلاي»

   1994-يىلى ئاپرېل، تاشخان بازارغا بېرىش يولىدا يۆگەكتە ياتقان بىر خەنزۇ قىز بوۋاقنى تېپىۋالدى، ئۇ سوغۇق شامالدا بەش سائەت تۇردى، يولدىن ئۆتكەنلىكى كىشىدىن كىمنىڭ بوۋىقىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى سورىدى، بىراق، ھېچكىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.

   تاشخان «بالا ماڭا ئۇچرىغانىكەن، مەن باقاي! »دەپ ئويلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن بوۋاقنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى.

   شۇندىن باشلاپ، تاشخان ھەر كۈنى ھاردىم-تالدىم دېمەي بالىنىڭ سۈيدۈك لاتىسىنى يۇيدى، سۈت پاراشوكى تەييارلىدى، ئۇنىڭغا چىرايلىق قىلىپ  «ئايگۈل» دەپ ئىسىم قويدى.

«ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ بۇ بالىنى ياخشى باقىمەن»

ئايگۈل توققۇز ئايلىق بولغاندا، تاشخاننىڭ ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىگە چىداپ بولالمىغان يولدىشى ئانا-بالا ئىككەيلەننى تاشلاپ كېتىپ قايتىپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش تاشخانغا قالدى. سۈت پاراشوكىنىڭ پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى قىزىنى ئۇخلىتىپ بولغاندىن كېيىن كېۋەزلىكتە ئىشلەپ پۇل تاپتى.

كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئايگۈل مەكتەپ يېشىغا يەتتى. مەكتەپ ليەندۈيدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراق بولغاچقا، تاشخان ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتتىن بىرنى سېتىۋالدى. مەيلى بورانلىق، يامغۇرلۇق كۈنلەر بولسۇن، ئۇ قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۆزى ئىشلەمچىلىك قىلىشقا باراتتى. كەچتە ئۆيگە قايتىپ، ئايگۈلنىڭ ئوماق قىلىقلىرى، ناخشا، ھېكايىلىرى تاشخاننىڭ بىر كۈنلۈك ھاردۇقىنى چىقىراتتى. ئۇ «ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ، بۇ بالىنى ئوبدان باقىمەن، ئۇ مېنىڭ بارلىقىم» دەيتتى.

تاشخان ئۆيىنىڭ بىر قىسمىغا كۆكتات تېرىدى، ئۇلارنى سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. ليەندۈي كادىرلىرى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن تۈرلۈك ھەقلەرنى كۆتۈرىۋېتىش قارارىغا كەلدى، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن:«مەن ئائىلەمنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئالاھىدە ئېتىباردىن بەھرلىنىشنى خالىمايمەن، مەن بالىغا ئۆزىنى مۇستەقىل قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈلگىسى بولۇشۇم كېرەك، بۇ ئۇنىڭ ياخشى چوڭ بولۇشىغا ياخشى» دېدى.

 «ئۆزىمىز مېڭىۋاتقان يولدا يەنىلا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك»

  بىر يىلنىڭ ھەر كۈنىدىكى ئالدىراشلىق، جاپا تاشخاننى يۇقىرى قان بېسىم، رېماتىزم قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار قىلدى. بۇ ئايگۈلنىڭ تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىگە كەلگەن مەزگىلى ئىدى. ئايگۈل ئاغرىپ قالغان ئاپىسىغا قاراپ، مەكتەپكە بېرىشكە قوشۇلمىدى ۋە «سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن» دەپ تۇرۇۋېلىپ، تاشخاننىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي سىرتقا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىقىپ كەتتى، تاشخان قىزى بىلەن بۇ ھەقتە جېدەللىشىپ قالدى ۋە ئەھۋالنى لىيەندۈي كادىرلىرىغا ئېيتتى.

 تاشخان بىلەن ليەندۈي كادىرلىرىنىڭ نەسىھەت قىلىشى ئاستىدا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئايگۈل ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدى. قىزىنى كۆرگەن تاشخان كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ: «بىلىملىك بولسىڭىز ئاندىن ياراملىق ئادەم بولسىز، مەن قېرىپ قالدىم، سىزنى بىر ئۆمۈر باقالمايمەن، ئۆز يولىڭىزدا يەنىلا ئۆزىڭىزگە تايىنىشڭىز كېرەك» دېدى. ئانا-بالا ئىككىيلەن قۇچاقلىشىپ كەتتى.

 ئايگۈل ئوتتۇرا تېخنىكۇمدا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئۆز دادىسى يۈتۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىل بولغان قىزى ئايگۈلنى ئاخىرى تاپتى. تاشخان ئايگۈلگە «لى يۆ» دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ قويغان ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «قانداقلا بولمىسۇن، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.»

 بۈگۈنكى كۈندە، ئايگۈل ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ۋاقتىدا دورا يېگەن-يېمىگەنلىكىنى سورايدۇ. ھەر قېتىملىق ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە قايتىپ كېلىپ ئاپىسىغا ھەمراھ بولىدۇ. بۇ قانداشلىقتىن ھالقىغان «ئانا-بالا مۇھەببىتى» يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/18/content_609475.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەۋەرۇك2 ئاي ئىلگىرى

    مانا بۇ مۇھەببەت،مۇھەببەتنىڭ چەك چېگرىسى بولمايدۇ،ھەممىمىز بىرلىكتە مىللەت ئايرىماي ئىناق ئىتتىپاق ئۆتەيلى،ياشىسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى!

  • يۇسۇپجان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي بەك تەسىرلىككىەن مەن شۇنى بىلىپ يەتتىمكى ھەممىمىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ مۇناسىۋەت چۆرىدەپ ئىجىل ئىناق جۇڭگۇ قۇرۇپ چىقايلى

  • سودىگەر2 ئاي ئىلگىرى

    مەڭگۈ ياشىسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号