باش بەت

نۇسرەتگۈل

6618يوللانما
60مەستانە

ئېلىكتىرونلۇق تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-19 13:35 4 ئىنكاس چۈشتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۆپ تەتقىق قىلىنماقتا. شىۋېتسىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاز مىقداردا چېكىلسىمۇ قان تومۇرغا زىيان يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە شامالدارىش (سەكتە) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىكى نىكوتىن قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاساسلىقى باتارېيە، قىزىتىپ ھورلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە تاماكا سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان تاماكا نەيچىسىدىن تۈزۈلىدۇ، تاماكا سۇيۇقلۇقىدا بەلگىلىك مىقداردا نىكوتىن بولىدۇ. ئىشلەتكەن چاغدا توك بىلەن قىزىتىش ئارقىلىق تاماكا سۇيۇقلۇقى ھورلاندۇرۇلۇپ، «بۇلۇت يۇتۇپ تۈتەك چىقىرىش» ئۈنۈمى پەيدا قىلىنىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىدىغانلار ھەر كۈنى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى تەخمىنەن 250 قېتىمدىن 300 قېتىمغىچە شورايدۇ. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى كۈنىگە 10 قېتىمدىن 30 قېتىمغىچە شورىغان ھالەتتىمۇ سالامەتلىككە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يەنە بىر تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا كاناينى تارايتىپ، نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. نۆۋەتتە ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردىمى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات تېپىلمىدى، تاماكا چەككۈچىلەر پەقەت نىكوتىندىن تولۇق ئايرىلغاندىلا سالامەتلىكىنى ئاسراش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. 


مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2017-07/18/content_609327.htm?lang=

باش سۈرەت تاللاش x
  • توختىمەمەت قادىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۈ مەزمۈن بەك ياخشىكەن ئەڭ ياخشىسى ئۈزىمىز غەيرەتكە كىلىپ ئائېلە دە ئائېلىدىكىلەرنىڭ سەمىگە سىلىپ قۇيۇپ مەن تاماكا تاشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن مىنىڭ بىلەن بەكرەك پاراڭلىشىپ تورىڭلا بىرەر ئېشنى خاتا قىلىپ قۈيسام مەن بىلەن ئېتىشىپ يۇرمەڭلا پايدا زىياننى چۇشەندۇرۈپ قۈيۇپلا مىنىڭ كوڭلۇمنى باشقا ئېشلارغا بۈرىۋىتىڭلا دەپ ئەل ئاغىنە ئائېلەدىكىلگە يەتكۈزۈپ قۇيۇپ تاشلىسابۈلارمىكىن

  • يولوچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەھمەتسېزگە.بەك.بەك ياخشى مەزمون كەن بو

  • شەيتان2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق بولسا ئادەتتىكى تاماكا بىلەن زىيانلىق تەرپى قانداق بۇنىمۇ چۇشەندۇرۇپ قۇيساڭلا

  • زارىنا2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ قانداق تاماكا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号