باش بەت

ئاتىكەم

27يوللانما
1مەستانە

ئاتا-ئانىسى تاشلىۋەتكەن 7 ياشلىق ۋە 11 ياشلىق ئاچا-ئىنى بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-19 18:07 20 ئىنكاس چۈشتى

 «ئاچا، يىغلىما، دادام ئاپام بىزنى تاشلىۋەتسە كېرەك يوق، يەنە مەن باغۇ! چوڭ بولسام سېنى چوقۇم ياخشى باقىمەن!»

 7 ياشلىق جاۋ ۋېنئەن ھەدىسى جاۋ ۋېنخۇيغا تەسەللىي بەرگەچ، ئۇنى يېنىككە سۆيۈپ قويدى. جاۋ ۋېنئەن خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ يېزىسىدا باشلانغۇچ 1-يىللىقتا ئوقۇيدۇ. ھەدىسى جاي ۋېنجىڭ بۇ يىل 11 ياشتا. ئاچا-ئىنى ئىككەيلەن كارىۋاتتا ئوينىشىۋاتقاندا، ئاچىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن كارىۋاتتىن يىقىلىپ كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇرلار ئوڭ بۆرەك سوقۇلۇشتىن يارىلانغان دەپ دىياگنوز قويغان. ئۇلارنىڭ دادىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، جەنۇبتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، ئۆيگە قايتىپ كەلمىگىلى نەچچە يىل بولغان. ئانىسى بولسا نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاچا-ئىنى ئىككىسى بوۋىسىنىڭ ئىنىسى بىلەن بىللە ياشايدىكەن.

يارا ئېغىزى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن جاۋ ۋېنجىڭ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.

«دادا، ئاپا، سىلەر قەيەردە؟ بىزنى تاشلىۋەتتىڭلار شۇنداقمۇ؟ ئاغرىپ كەتتى!!» چىدىغۇسىز ئاغرىقتىن جاۋ ۋېنجىڭ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. 11 ياشلىق بۇ قىزنىڭ ئوڭ بۆرىكى سوقۇلۇشتىن يارىلانغان بولۇپ، ئاغرىقتىن چىدىيالمايلا قالغان ئىدى. ئاچا-ئىنى ئىككىسى يىراق تۇغقىنى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتاتتى. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ تەققى-تۇرقىنى غىرە-شىرە ئەسلىيەلەيتتى. بوۋىسى كەنتتىكى بەشتە كاپالەت نامرات ئائىلە بولۇپ، ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

 «دادام-ئاپامنى ئويلىما، مەن بار، ساڭا چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ!»  7 ياشلىق جاۋ ۋېنئەن ھەدىسىنىڭ كۆز ياشلىرىنى يېنىككە سۈرتۈپ قويدى. بوۋىسى ھەق تاپشۇرغىلى كەتكەن بولۇپ، ئاچا-ئىنى ئىككىسى دوختۇرخانىنىڭ چوڭ زالىدا يادرو ماگنېتلىق رىزونانسقا چۈشۈشنى كۈتۈۋاتماقتا.

 «ئاچا، مەن سېنى ئىتتىرىپ ئىچىگە ئەكىرەيمۇ؟ سىرت بەك ئىسسىق، ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ باركەن، سالقىن» ئاچىسىنىڭ تېخىچە يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جاۋ ۋېنئەن ھەدىسى ئېلىنغان كارىۋاتنى ئىتتىرىپ لىفىت تەرەپكە ماڭدى.

7 ياشلىق جاۋ ۋېنئەننىڭ بويى كارىۋاتقا ئاران بويلايدىغان بولۇپ، ئۇ بۆرىكى يارىلانغان ئاچىسىنى ئىتتىرىپ لېفىت تەرەپكە ماڭماقتا.

ئۇ بۆرىكى يارىلانغان ئاچىسىنى ئىتتىرىپ لېفىت تەرەپكە ماڭماقتا.

بىر سېستىرا كېلىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كارىۋاتنى ئىتتىرمەكتە.

جاۋ ۋېنجىڭنىڭ كارىۋىتى قۇپقۇرۇق بولۇپ، كارىۋات بېشىغا ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يېزىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • شوپۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ئىككى بالىنى ماڭا بەرگەن بولسا مەن ئۇقۇتۇپ ھالىدىن ئۈزەم خەۋەر ئالاتتىم

  • بۆلجۈرگەن2 ئاي ئىلگىرى

    ئەجەپ يىغلۇغۇم كەلدى ئىنىسى بەكلا ئىش ئۇقىدىكەن يېشىمنى توختىتالمىدىم يىغلاپ سالدىم

  • شەبنەم2 ئاي ئىلگىرى

    تىزراق ساقىيىپ كىتىشىڭىزنى تىلەيمەن غەيرەت قىلىڭلا ئوماقلا

  • ياغاچ قۇلاق2 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۇر خەۋەر ئالسام مەكتەپتە ئوقۇتۇپ جەمىئەتكە ياراملىق بولوشىغا كاپالەتلىك قىلسام بولاتتى،

  • چىچەكخان2 ئاي ئىلگىرى

    قېرىنداشلىق مىھىر دىگەن باشقىچە بولىدۇ ،كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ياشلاندى

  • تىتانىك2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ ياردەم قىلغۇم قاندا ياردەم قىلىشنى بىلدىغانلا بامۇ

  • دىلىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ چوڭ مەسئۇليەتسىزلىك، ،،،،،ھەر كىشىنىڭ بىشىغا كىلىشتىن ساقلىسۇن ،،،

  • نوچى2 ئاي ئىلگىرى

    مىنڭمۇ راسلا بەك ئچىم ئاغىردى ،

  • رەجەپ توپاق2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ئىست،بۇنداق ئىشلار بېشىغا كەلمىگەن ئادەم چۈشەنمەيدۇ،تېخمۇ قەيسەر بۇلۇڭلا،

  • 30ھەرىپ2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ مۇشۇ قىزغا ئوخشاش كىسەل بىلەن يېتىۋاتىمەن ،ئىچىم ئەجەپ ئاغرىدى ،تىزراق ساقىيىشىنى تىلەيمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号