باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

رۇسىيە مۇزېيىدىن ئوغرىلانغان مېتېئورىت تاش پارچىسى قايتۇرۇپ كېلىندى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-19 21:09 1 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 19-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە فېدىراتسىيە خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېليانىسك ئوبلاستلىق شۆبە ئىدارىسىدىكىلەر بۇ ئوبلاستقا 2013-يىلى چۈشكەن بىر مېتېئورىت پارچىسىنىڭ شۇ جايدىكى مۇزېيدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى، كېيىن ئۇنىڭ بىر گېئولوگنىڭ ساقلانما بۇيۇملىرى ئارىسىدىن بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئۇرال دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيى 7-ئايدا رۇسىيە فېدىراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى چېليانىسك ئوبلاستلىق شۆبە ئىدارىسىدىكىلەر ئۇ مېتېئورىت تاش پارچىسىنىڭ ئامبىرىدىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئاختۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرگۈچى خادىملار بۇ مېتېئورىت پارچىسىنى ئىلگىرى شۇ مۇزېيغا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ بەرگەن گېئولوگنىڭ يىغما بۇيۇملىرى ئارىسىدىن بايقىغان.

يوقاپ كەتكەن مېتېئورىت تاشنىڭ ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، مۇزېي خىزمەتچى خادىملىرى بىر كىلوگرام مېتېئورىت تاش پارچىسىنىڭ بازار باھاسىنىڭ 1 مىليون رۇبلىدىن ئاشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. نۆۋەتتە، بۇ ئىشقا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ساراڭ6 ئاي ئىلگىرى

    مىتورىت تاش بىلەن ئادەتتىكى تاشنى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز تەلىم بەرگەن بولساڭلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号