باش بەت

خەۋەرلەر

3048يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | ئەمىر ، سىزنى ئاخىرى تاپتىم!

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-20 13:07 14 ئىنكاس چۈشتى

    

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فەن گوبىن، پىراكتىكانت لىن نانا، ۋاڭ جىڭۋېن فوتوسى) «جېجياڭ ۋېنجۇلۇق سودىگەر لىن لىبىن بەش مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، سەككىز يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان شىنجاڭلىق يىگىتنى ئىزدەپ كەلدى.»  14-ئىيۇل كەچ، مىكرو بىلوگتىكى بۇ خەۋەر نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى.

    خاڭجۇدىن شەپقەتچىسىنى ئىزدەپ يولغا چىققان لىن لىبىن 16-ئىيۇل ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سەككىز يىل ئىزدىگەن شەپقەتچىسى «ئەمىر»نى تاپتى.

    «ئەمىر»نىڭ تولۇق ئىسمى ئەلىمىرزات كامىل، لىن لىبىننىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇ بۇ ئاق كۆڭۈل شەپقەتچىسىنى ئىزچىل «ئەمىر» دەپ چاقىرىپ كەلگەنىدى.

   سەككىز يىل بۇرۇن تۇيۇقسىز ئاشقازان ئاغرىقىدىن كوچىدا يىقىلىپ چۈشۈش

    2009-يىل ئىيۇلنىڭ بىر كۈنى، 27 ياشلىق لىن لىبىن خاڭجۇدا باشقىلار بىلەن سودا قىلىۋاتاتتى، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر سودىسىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، يول بويىغا توختىتىپ قويغان ئاپتوموبىلى يېنىغا كەلگەندە، ئاشقازىنى قاتتىق ئاغرىپ يىقىلىپ چۈشتى.

    بۇ چاغدا، خاڭجۇغا كەلگىنىگە ئۈچ كۈن بولغان شىنجاڭلىق يىگىت ئەلىمىرزات كامىل دەل بۇ يولدىن ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ بىر ئەرنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى، يۈزى، ئاغزىدا قان تۇرغانلىقىنى، چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېچنېمىنى ئويلىماي، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپاردى.

    دوختۇرخانىغا ئاز قالغاندا، لىن لىبىن سېزىمىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، ئۇ ئويغانغاندا ئاللىقاچان ئەتىسى چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان لىن لىبىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان شەپقەتچىسىنى ئېسىگە ئالدى، لېكىن بۇ شەپقەتچى ئاللىقاچان كۆزدىن غايىب بولغان ئىدى.

    لىن لىبىن مۇنداق دېدى: «مەن ئويغانغاندىن كېيىن، دوختۇردىن ئەھۋالنى ئۇقتۇم، ئەينى چاغدا مەن شۈك بولۇپ قاپتىمەن، مەندە كۆرۈلگىنى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان قاناش بولۇپ، ئەگەر يەنە ئازراق كېچىكىپ قالغان بولسام ھاياتىمغا خەۋپ يېتەركەن.دوختۇر ماڭا قارشى تەرەپنىڭ شىنجاڭلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى، بۇ يىگىتنىڭ قەشقەردىن كەلگەنلىكىنى، ئىسمى «ئەمىر»بولۇپ، دوختۇرغا 2000 يۈەن داۋالىنىش خىراجىتى تاپشۇرۇپ، ھېچقانداق ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇرمايلا كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.»

    لىن لىبىن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن شەپقەتچىسىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدىدى، لېكىن، بىر ئايدىن كۆپرەك جاپالىق ئىزدىگەن بولسىمۇ، «ئەمىر»نى يەنىلا تاپالمىدى.

    كېيىنكى سەككىز يىل مابەينىدىمۇ لىن لىبىن بىر شىنجاڭلىق دوستىنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى ھەم ئەتراپتىن داۋاملىق ئۇنى ئىزدەپ تۇردى.

   سەككىز يىلدىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ، شەپقەتچىسىنى ئىزدەش

    بۇ سەككىز يىل ئىچىدە، لىن لىبىن شەپقەتچىسىنى ئىزدەشنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى. ئۇ «ئۇ مېنىڭ جېنىمنى قۇتقۇزۋالدى، مەن چوقۇم ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن!» دەيتتى.

     لىن لىبىن 14-ئىيۇل سودا ئالاقىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كاماندىروپكىغا كەلدى. ئۇ بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە بېرىپ شەپقەتچىسىنى چوقۇم ئىزدەپ تېپىشنى نىيەت قىلدى.

    «قەشقەرگە كېلىشتىن بۇرۇن، مەن ئۇ قەشقەرلىك بولغاندىكىن ئاسان تاپقىلى بولىدۇ ،دەپ ناھايىتى ئاددىي ئويلاپتىمەن، ئەمما، شۇ جايدىكى ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ، «ئەمىر» ئىسىملىك ئادەمنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم، بىراق، يەنە چوقۇم باشقا ئامال بار، دەپ ئويلىدىم» دېدى ئۇ.

    تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئامال كەلدى. «ئۇنى ئادەم دېڭىزىدىن تاپماق تەس ئىكەن، مەن ئاخبىرات ۋاستىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي، تېخىمۇ كۆپ ئادەم بۇ ئىشنى بىلسە، ‹ئەمىر›نى مەن بىلەن بىللە ئىزدىشىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس، بەلكىم <ئەمىر >مۇ بۇ خەۋەرنى كۆرۈشى مۇمكىن.» شۇنىڭ بىلەن، لىن لىبىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارسىدىن چىقىپ دەرھال قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە كەتتى .

    «ھەربىر شىنجاڭلىق ئەركەك مۇشۇنداق قىلىدۇ»

    15-ئىيۇل، لىن لىبىن بىر خۇش خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالدى، «ئەمىر» تېپىلغانىدى! «ئەمىر»نىڭ تولۇق ئىسمى ئەلىمىرزات كامىل بولۇپ، 2009-يىلى خاڭجۇغا بارغانىدى. لىن لىبىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم، رەسىمنى سېلىشتۇرۇپ شەپقەتچىمنى تونۇدۇم.»

    لىن لىبىن ئەتىسى چۈشتىن كېيىنلا پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئەلىمىرزاتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئەپسۇس، ئەلىمىرزات بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە بولۇپ، ئۆيدە يوق ئىدى. ئەلىمىرزاتنىڭ ئاتا-ئانىسى لىن لىبىننىڭ خاڭجۇدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

    لىن لىبىن مۇنداق دېدى: «ئۇلار مېنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلارنى ئائىلەمدىكىلەردەكلا ھېس قىلدىم، مەن ماڭىدىغان چاغدا بۇ مويسىپىتلار مېنىڭ قولۇمنى تۇرۇپ، مېنى ئۇزاقراق تۇرۇشقا ئۈندىدى، رەھمەت ئېيتىپ ماڭماقچى بولغىنىمدا ماڭا كېلەركى قېتىم كەلگەندە چوقۇم ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇزاقراق تۇرۇشنى ئېيتتى.»

    لىن لىبىن ئالدىرايتتى، چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈرۈمچىگە ئاللىقاچان ئۇچۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ شۇ كۈننىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىش بېلىتىنى زاكاس قىلغانىدى.

    16-ئىيۇل كەچ، لىن لىبىن ئاخىرى ئايرودۇرۇمدا ئەلىمىرزاتنى كۆردى ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ شەپقەتچىسىنى قۇچاقلىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئەلىمىرزاتقا: «سەككىز يىل بولدى، سىزنى ئاخىرى تاپتىم!» دېدى.

    ئەلىمىرزات مۇنداق دېدى: «شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، مەن بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. لىن لىبىننىڭ مېنى سەككىز يىل ئىزدىگىنىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.لېكىن، ھەربىر شىنجاڭلىق ئەركەك ئۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ماڭا ئوخشاش قىلىدۇ، ھازىر مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئۇكا بولدۇم.»

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/19/content_609705.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئ‍ابلىكىم خوتەن2 ئاي ئىلگىرى

    مەنبۇخەۋەرنى ۋاختىدا كۇرەلمەپتىمەن خوتەننىڭ ياڭاق سوقماقلىرىنى سېغىنغانسىز،

  • ئ‍ابلىكىم خوتەن2 ئاي ئىلگىرى

    سالام ئ‍ەمىرزاتكا سىزنىڭياخشى ئ‍ادەملىكىڭىزنى مەنبۇرۇنلا،بىلگەنتىم مىنىتۇنۇدىڭىزمۇ مەن مەدىنىە شىركىتىدىكى ئ‍ابلىكىم ☺كىچىك،

  • ئوغلان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم.قول قولنى يۇسا قول قۇپۇپ يۇزنى يۇيار دىگەن گەپ بار.ئىتپاقلىق ،ئۆز-ئارا ياردەم بولغاندىلا
    ئاندىن بىز ھەقىقى بەخىتنى تاپالايمىز.

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    بەك تەسىرلەندىم.

  • ئەھمەد2 ئاي ئىلگىرى

    ھۆرمەتلىك نۈر تەھىرىرلىرى ياخشىمۈ سىلەر،مەن مۈشۈخەۋەرنى كۈرۈپ ھاياجانلانغىنمدىن كۈزلىرىمگە ياش كەلدى،بىز ئۈيغۈرلار ئاخرى ئەسلىمىزگە قايتىپ تىمىز،مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى ياشىسۈن،مۈشۈ كۈنلىرىمىزنى قەدىرلەيلى دۈسلار،ئەلمىرزاتنىڭ مۈشۈ مىھىرلك ئىشلىرى ئۈچۈن،مۈمنجان ئابلىكىمنىڭ ئۈرۈنلىشىدىكى ،ئۈيغۈردىگەن ئاشۈنداق ،ناخشىنى ،تەغدىم قىلىپ بەرساڭلەر

  • تىزناپ2 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم سۆزى بولسا -ئادالەتتىكى ئا ،دىيانەتتىكى د ،ئەدەپ -ئەخلاقتىكى ئە ە،مىھرى -مۇھەببەتتىكى م ھەرپلىرىدىن شەكىللەنگەندۇر.

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    توغرا، ھەر بىر شىنجاڭلىق ئەركەك شۇنداق قىلالايدۇ! يارايسىز ئەلمىرزات! سىزدىن ئۈگىنىپ ھەر جايدا بولساق مانا مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى ياڭرىتىمىز

  • ئابدۇشكۇر2 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئوقسا بىر دەريا يىشى چىقدىكەن،ئادەم دىگەن ئاتالغۇنىڭ نىمە مەنسى بارلىقنى چۇشەندۇرۇپ بىرىپتۇ

  • سۈبھىنۇر.2 ئاي ئىلگىرى

    باش قىلارنىڭ سىزنى ئېسىل ئادەم دېگەنلك راس
    ئكەن. يارايسىز........؟؟؟؟ياشىسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

  • ھاي ھاي2 ئاي ئىلگىرى

    ياشىسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号